لېيپزىگ

لېيپزىگ

لېيپزىگ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى، شىمالدا بېرلىن بىلەن بولغان ئارىلىقى 165 كىلومېتىر كېلىدۇ.

نامى لېيپزىگ
دۆلىتى گىرمانىيە
نوپۇسى 600 مىڭ
چەتئەلچە نامى Leipzig
خەنزۇچە نامى 莱比锡
يەر مەيدانى 141 كۋادرات كىلومېتىر
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېيپزىگلېيپزىگ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى، شىمالدا بېرلىن بىلەن بولغان ئارىلىقى 165 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 141 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى تەخمىنەن 600 مىڭ.لېيپزىگ ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا ئەسىردىلا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا مەركىزى ئىدى. 1170-يىلىدىن باشلاپ سودا خاراكتېرلىك قەرەللىك بازار پەيدا بولغان، مانا بۇ لېيپزىگ يەرمەنكىسىنىڭ دەسلەپ باشلىنىشىدۇر. 15-ئەسىرگە كەلگەندە لېيپزىگ يەرمەنكىسى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ يەرنىڭ يەرمەنكە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران بولۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش بىر مەھەل توختاپ قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن1946-يىلىغا كەلگەندە يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش يەنە ئەسلىگە كەلگەن. لېيپزىگ يەرمەنكە ئورنىنىڭ كۆلىمى350 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، يىلىغا ئىككى قېتىم يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ: 3-ئايدا ئەتىيازلىق يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئاساسلىقى سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرسال بۇيۇملار يەرمەنكىگە سېلىنىدۇ؛ 9-ئايدا كۈزلۈك يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا يەرمەنكىگە نۇقتىلىق ھالدا يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى بىلەن خىلمۇخىل ئىستېمال بۇيۇملىرى سېلىنىدۇ. 

لېيپزىگلېيپزىگ يەنە داڭلىق «كىتاب شەھىرى» . 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بۇ يەر نېمىس تىل-يېزىقىدىكى رايونلارنىڭ مەتبۇئات مەركىزى ئىدى. ھازىر لېيپزىگدا 100 دىن ئارتۇق ئەسلىھەلىرى سەرخىل باسما زاۋۇتى بار، باسما سۈپىتى دۇنياغا داڭلىق. پۈتۈن شەھەردىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئىچىدە مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 20 ~30 مىڭغا يېتىدۇ. 1914-يىلىدىن باشلاپ لېيپزىگدا ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا. خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى شەھەر مەركىزىدىكى يەرمەنكە بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كىتاب سودىگەرلىرى بىلەن نەشرىيات خادىملىرى مۇشۇ يەردە يەرمەنكىگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. لېيپزىگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسكىرىپكا قاتارلىق سازلارنى چالالايدۇ. بۇ يەر گېرمانىيە كونسېرتىنىڭ بۆشۈكى. «لېيپزىگ» دېگەن سۆز قەدىمكى سلاۋ تىلىدا «پىپالا دەرىخى تىكىلگەن جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ ھەممىسىدىلا قويۇق ئۆسكەن فىكۇس دەرىخىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم گۈللەر ئېچىلغان مەزگىلدە پۈتۈن شەھەرنى گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق ھىدى قاپلاپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. لېيپزىگدا خەلقئارا يەرمەنكىدىن سىرت، شەھەردە يەنە قەدىمىي ئوردا، لېنىننىڭ كونا تۇرالغۇسى، دىمىتروۋ مۇزېي، لېيپزىگ ھايۋانات باغچىسى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#