مانائۇس

مانائۇس

برازېلىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئامازون دەرياسى بىلەن نېگىرو دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان شەھەر، ئامازون شتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى .

نامى مانائۇس
دۆلىتى برازېلىيە
نوپۇسى 61.3 تۈمەن (1980)
جۇغراپىيىلىك ئورنى برازېلىيىنىڭ غەربىي شىمالى
خەنزۇچە نامى 马瑙斯
يەر مەيدانى 14337 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Manaus

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مانائۇسبرازېلىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئامازون دەرياسى بىلەن نېگىرو دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان شەھەر، ئامازون شتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى، مانائۇس شەھىرى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولۇپ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ناھايىتى مول، شۇڭا ئۇنىڭ ئەتراپىنى ياپيېشىل ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل. مانائۇس 1669-يىلى قۇرۇلغان، 1810-يىلدىن باشلاپ بۇ رايونلاردا كاۋچۇك ئۆستۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ئورۇننىڭ دائىرىسىمۇ كېڭەيگەن. برازېلىيە ھۆكۈمىتى بۇ جاينىڭ مول تەبىئىي بايلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1967-يىلدىن باشلاپ بۇ جاينى ئەركىن سودا رايونى قىلىپ بەلگىلىگەن. شەھەر ئاھالىسى 1968-يىلدىكى 200 مىڭدىن كۆپىيىپ، 700 مىڭغا يەتتى. مانائۇس شەھىرى ھازىر ئامازون دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا پورتىغا ئايلاندى.

 شەھەردە نېفىت ئايرىش، كاۋچۇك، كۆن-خۇرۇم، بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكترون، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 

مانائۇسشەھەردە ئالىي مەكتەپلەر، ئامازون تەتقىقات ئورنى، ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلار باغچىلىرى، خەلقئارا ئايرودروم قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش-ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ، برازېلىيىنىڭ مۇھىم بىر ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#