ماسكات

ئومان سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئومان قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا، ھەجەر تېغىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. 

نامى ماسكات
دۆلىتى ئومان سۇلتانلىقى
چەتئەلچە نامى Muscat
خەنزۇچە نامى 马斯喀特
نوپۇسى 64 تۈمەن (2005)
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماسكاتئومان سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئومان قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا، ھەجەر تېغىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىنى تاغلىقلار قورشاپ تۇرىدۇ، شەھەر جايلاشقان ئورۇن غەربتىن شەرققە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. بۇ ئورۇن 1970-يىلغىچە كىچىك بىر شەھەر بولۇپ، 7-8 مىڭ ئاھالىسى بار ئىدى. 1970-يىلدىن كېيىن ئومان دۆلىتى ھەرخىل ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى، ئۇ نېفىت كىرىمىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شەھەر ئاھالىسى كۆپىيىپ 200 مىڭدىن ئاشتى(1984) . 

ماسكاتماسكات شەھىرىدە ئېگىز قەۋەتلىك مېھمانخانىلار، سودا ماگىزىنلىرى، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، يېڭى ئولتۇراق جايلار سېلىنىپ، شەھەرنىڭ كۆرۈنۈشى يېڭىلاندى. خەلق پۇلسىز ئوقۇش، پۇلسىز داۋالىنىش شارائىتىگە ئىگە قىلىندى. شەھەرنىڭ قاتناش-ترانسىپورتىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار سېلىندى. شەھەرنىڭ غەربىدە 1972-يىلى زامانىۋى خەلقئارا ئايرودروم سېلىندى، بۇ ھازىر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىلارغا بارىدىغان مۇھىم ھاۋا قاتناش بازىسىغا ئايلاندى. ماسكات شەھىرىدە تۇزلۇق سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى، سېمونت، خىمىيىۋى ئوغۇت، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى ماتراھ پورتى ئارقىلىق نېفىت، خورما، ئانار، قۇرۇق مېۋە، بېلىق ۋە بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#