مونتېررېي

مونتېررېي

مونتېررېي __ مېكسىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى، يېڭى لېئون شتاتىنىڭ مەركىزى. مېكسىكا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ

نامى مونتېررېي
دۆلىتى مېكسىكا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 969 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى يېرىم قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە نامى 蒙特雷
ئۆلكىسى يېڭى لېئون ئوبلاستى
تەۋە رايون مېكسىكا يېڭى لېئون ئوبلاستى
نوپۇسى 1 مىليون 100 مىڭ (1981)
چەتئەلچە نامى Monterrey

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونتېررېيمېكسىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى، يېڭى لېئون شتاتىنىڭ مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 50 مىڭ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، مېكسىكا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، قىشلىقى سالقىن، يازلىقى ئىسسىق كېلىدۇ. بۇ جاي ئەسلى ئىندىئانلار قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان ئورۇن بولۇپ، 1579-يىلى شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان. 1882-يىلى ئا ق ش غا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلغاندىن كېيىن تەدرىجىىي تەرەققىي قىلىپ، مېكسىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مېتاللورگىيە سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. 

 مونتېررېي شەھىرى مېكسىكىدىكى شەرقىي مادىرا تېغىنىڭ سانت كاتارىنا ۋادىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 538 مېتىر كېلىدۇ.

مونتېررېيمونتېررېي يېرىم قۇرغاق كېلىماتىغا تەۋە. يازدا پىژغىرىم ئىسسق، قىشتا سالقىن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتىر. يامغۇر سۈيى 5-ئاي بىلەن 9-ئايغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 22 سىلسىيە گىرادۇس. لېكىن ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدۇ، 7-8- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. قىشتا ئوكيان كەلگەن ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.   ئاز دىگەندىمۇ ئىككى ئۈچ كۈن ھاۋا نۆل گىرادوستىن تۆۋەن بولدۇ، بىراق قار ناھايىتى ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 4-ئايدىن 7-ئايغقچە يىلدا بىر قېتىم ياغىدۇ.

مونتېررېي1976-يىلى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالساس دەريا بويىدا يىلىغا بىر مىليون 300 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان پولات زاۋۇتى قۇرۇلغان. ھازىر مونتېررېي شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پولات پۈتۈن مېكسىكا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پولاتنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قوغۇشۇن، مىس، كۈمۈش، ۋىسمۇت، سۈرمە، ئەينەك، سېمونت، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، تاماكا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا كېۋەز ھەم ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#