ماناما

ئەرەب(پېرسىيە) قولتۇقىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بەھرەيىننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى .

نامى ماناما
دۆلىتى بەھرەيىن
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت
خەنزۇچە نامى 麦纳麦
نوپۇسى 150 مىڭدىن ئوشۇق(1980)
چەتئەلچە نامى Manama

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مانامائەرەب(پېرسىيە) قولتۇقىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بەھرەيىننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 150 مىڭدىن ئوشۇق(1980) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 5/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

ماناما ماناما شەھىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ كەلگەن. 1958-يىلى ئەركىن شەھەر بولۇپ ئېلان قىلىندى. 1962-يىلى چوڭقۇر سۇلۇق پورت قۇرۇلدى، ھازىر بۇ شەھەر بىلەن شەھەر يېنىدىكى موخەيراگ ئارىلىدىكى موخەيراگقا 2.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يول سېلىندى. ھازىر بۇ جايدا نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ماناما ئەرەب دۇنياسىدىكى يېڭى پۇل مۇئامىلە مەركىزى، 1973-يىلدىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر چەت ئەللەرنىڭ 48 چوڭ بانكىسىنىڭ مانامادا تۇرۇشلۇق شۆبە بانكىسى بار. بەھرەيىننىڭ ئۆز بانكىسىمۇ 19 غا يېتىدۇ. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#