يىراق شەرق تاشپاقىسى

يىراق شەرق تاشپاقىسى

تاشپاقىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ساقىقى بىلەن نەپەس ئالماستىن، بەلكى ئۆپكە(خالتا) سى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، لاي-پاتقاقلىق كۆلچەك، ئۆستەڭلەردە ياشاشنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا بۇرنىنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ نەپەس ئالىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى يىراق شەرق تاشپاقىسى
خەنزۇچە ئىسمى 甲鱼
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تاشپاقا تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى يىراق شەرق تاشپاقىسى ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Trionyx sinensis
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى يىراق شەرق تاشپاقىسى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىراق شەرق تاشپاقىسىتاشپاقىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ساقىقى بىلەن نەپەس ئالماستىن، بەلكى ئۆپكە(خالتا) سى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، لاي-پاتقاقلىق كۆلچەك، ئۆستەڭلەردە ياشاشنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا بۇرنىنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ نەپەس ئالىدۇ. تاشپاقا «كۈن نۇرى مۇنچىسى» غا چۈشۈشكە ئامراق، ئۇ دائىم تىنچ جايلارغا بېرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، بىراق بەكمۇ قورقۇنچاق، ئازراقلا شەپە ئاڭلىسا دەرھال سۇ ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالىدۇ. تاشپاقىلار ئۆزئارا ئىنتايىن قاتتىق سوقۇشىدۇ، تاشقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، شۇڭا تاشپاقىنى تۇتقاندا ئۇ ئاسانلا چىشلىۋالىدۇ، ئەگەر قولىمىزنى تاشپاقا بىلەن بىللىلا سۇ ئىچىگە سالساق دەرھال قويۇۋېتىپ قېچىپ كېتىدۇ. تاشپاقا ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان بولۇپ، ℃17 − ℃32 لۇق ئىلمان سۇدا ياشاشقا باب كېلىدۇ، كۈزدىن كېيىن سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃15 تىن تۆۋەن بولغاندا، تەدرىجىي قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ. 

يىراق شەرق تاشپاقىسىتاشپاقىنى سۈنئىي بېقىشتا، يەر شەكلى بىرقەدەر ئېگىز، شامال ئۆتۈشىدىغان، كۈن نۇرى چۈشىدىغان، مۇھىتى تىنچ جايلارنى تاللاپ كۆلچەك ياسىلىدۇ. كۆلچەكنىڭ ئەتراپىدىن 1 مېتىر يىراقلىققا قورشاۋ تام سېلىنىپ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. 5.0 −2 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تىمەن تاشپاقا ئۇرۇقلۇق قىلىنىپ، ئەركەك، چىشىسى جۈپلەشتۈرۈلۈپ بېقىلىدۇ. ھەر يىلى 6-، 8-ئايلاردا تاشپاقا تۇخۇملايدۇ، ئادەتتە 45 −60 كۈندە كىچىك تاشپاقا تۇخۇمدىن چىقىدۇ، تاشپاقا تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزاسى، ئۆلگەن بېلىق، راك، سازاڭ، چاشقان، پاقىلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، تۈرلۈك ھاشاراتلار ھەمدە سېرىق پۇرچاق، بۇغداي، كېپەك، دۇفۇ تىرىپى، كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلار تاشپاقا ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. تاشپاقىنىڭ كۆپىيىشى تېز، يوغىنىشى ئاستا بولۇپ، تۇخۇمدىن چىقىپ ئۈچ يىلدا ئاندىن 5.0 كىلوگرام ئەتراپىدا چوڭلايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىرى 40 −60 يىل ياشايدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 7 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. 

تاشپاقىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، چارچاشنى تۈگىتىش، مۇسبەتلىكنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى مەززىلىك قۇۋۋەت بۇيۇمى دەپ قارايدۇ، ئۇ ئارقىلىق يەنە ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى، ئىشتىھاسىزلىق، قەۋزىيەت، گېمروي قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ. سۈنئىي بېقىلغان تاشپاقا ياۋىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ سېمىز، يوغان، يۇمشاق بولىدۇ، گۆشىمۇ كۆپ ھەم شىرنىسى مول بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#