ئەتكەسچىلىك

ئەتكەسچىلىك

ئەتكەسچىلىك دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ۋە تاموژنا بېجىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان، مال، ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل، ۋېكسېل، ئاكسىيە ھەمدە باشقا نەرسىلەرنى چېگرىدىن قانۇنسىز ئەكىرگەن ۋە ئېلىپ چىققان ... قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئەتكەسچىلىك
چەتئەلچە نامى Smuggling
خەنزۇچە نامى 走私

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەتكەسچىلىكئەتكەسچىلىك دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ۋە تاموژنا بېجىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان، مال، ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل، ۋېكسېل، ئاكسىيە ھەمدە باشقا نەرسىلەرنى چېگرىدىن قانۇنسىز ئەكىرگەن ۋە ئېلىپ چىققان، توشۇغان، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، تاموژنىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، تاموژنا بېجىنى ئوغرىلىغان ياكى تاپشۇرمىغان، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە تاموژنىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ياكى باج كېمەيتىلمىگەن ۋە ياكى كەچۈرۈم قىلىنمىغانلىقتىن سېتىش ھوقۇقى بولمايدىغان ئىمپورت ماللارنى ئۆز ئالدىغا ئالغان ياكى ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 

كونكرېت ئېيتقاندا، ئەتكەسچىلىك قىلمىشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 1.گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن، تاموژنا تەسىس قىلىنمىغان جايدىن دۆلەت چېگرىدىن چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلغان ماللارنى، دۆلەت ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشقا چەك قويغان ياكى قانۇن بويىچە تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ماللارنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرگەن ۋە چىقارغان، توشۇغان قىلمىش؛

 2.تاموژنا تەسىس قىلىنغان جايدىن دۆلەت چېگرىسىدىن كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى، دۆلەت چەك قويغان ياكى تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماللارنى يوشۇرۇش، نىقابلاش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش، ساختا مەلۇم قىلىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تاموژنىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، توشۇغان، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، ئېلىپ كىرگەن قىلمىش؛

 تاموژنىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ھەمدە تولۇقلاپ باج تاپشۇرماي تۇرۇپ ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن ئىمپورت قىلىنىدىغان باجدىن خالىي ماللار، تاموژنا نازارەت قىلىدىغان، باشقۇرىدىغان باشقا ماللار ياكى ئىمپورت قىلىنغان قاتناش قوراللىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتىش؛

3. تاموژنىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ھەمدە باج تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنىدىغان، بېجى كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان ياكى كېمەيتىلىدىغان، ئىمپورت قىلىنىپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كارخانىلارغا، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا ئىشلىتىلىدىغان ماللارنى ئۆز ئالدىغا ساتقان ياكى چېگرا ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا توشۇغان قىلمىش قاتارلىقلار.

ئەتكەسچىلىك تاموژنا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرگەن، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، بىراق سانى كۆپ بولمىغان، سېتىپ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان قىلمىشلارغا قارىتا، ئادەتتە تاموژنا ئەتكەس ماللارنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن زور ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنى بولسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#