خەلقئارا كىرىم-چىقىم

خەلقئارا كىرىم-چىقىم بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە دۆلەت سىرتىدىن كىرىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ۋە دۆلەت سىرتىغا چىقىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدىكى تاشقى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسىنىڭ سىستېمىلىق خاتىرىسى. 

ئۇيغۇرچە نامى خەلقئارا كىرىم-چىقىم
چەتئەلچە نامى International balance of payment
خەنزۇچە نامى 国际收支

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقئارا كىرىم-چىقىم بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە دۆلەت سىرتىدىن كىرىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ۋە دۆلەت سىرتىغا چىقىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدىكى تاشقى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسىنىڭ سىستېمىلىق خاتىرىسى. 

خەلقئارا كىرىم-چىقىم «دائىملىق تۈر» ۋە «كاپىتال تۈر» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دائىملىق تۈر

 دائىمىي تۈر يەنە تاۋار ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاۋار تۈرى تاۋارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت تۈرى ئەمگەك-مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىنى، جۈملىدىن سۇغۇرتا پۇلى، ترانسپورت خىراجىتى، رەسمىيەت ھەققى، ئۆسۈم، ساياھەت خىراجىتى، شۇنداقلا مۇھاجىرلارنىڭ پېرېۋوت پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىرىم ۋە چىقىمنى كۆرسىتىدۇ.

كاپىتال تۈر

 كاپىتال تۈر كاپىتالنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش خاتىرىسىنى كۆرسىتىدۇ، مۇددەت جەھەتتىن، ئۇنى ئۇزاق مەزگىللىك كاپىتال تۈر ۋە قىسقا مۇددەتلىك كاپىتال تۈر دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئاساسلىنىپ، ھۆكۈمەت كاپىتالى تۈرى ۋە شەخسىي كاپىتال تۈرى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

 كاپىتالنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كىرىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ كاپىتالنىڭ چىقىرىلىشى چىقىم دەپ ئاتىلىدۇ. كاپىتال تۈرى ۋە دائىمىي تۈردىكى بارلىق كىرىم بىلەن چىقىمنى سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر كىرىم بىلەن چىقىم ئۆزئارا تەڭ بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر كىرىم ئومۇمىي سوممىسى چىقىم ئومۇمىي سوممىسىدىن چوڭ بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم-چىقىمدىكى ئوڭ پەرق» دەپ ئاتىلىدۇ؛ 

بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمىدا ئوڭ پەرق كېلىپ چىقسا، بۇ خەلقئارا ئالاقىدە پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇ دۆلەت تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ زورلۇقىنى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا كىرىم-چىقىمدىكى ئوڭ پەرق زور مىقداردا ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوت ئېلىپ كەلگەچكە، ئۇ دۆلەت خەزىنىسىنى تولۇقلاش ۋە پۇلنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

  كاپىتالنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كىرىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ كاپىتالنىڭ چىقىرىلىشى چىقىم دەپ ئاتىلىدۇ. كاپىتال تۈرى ۋە دائىمىي تۈردىكى بارلىق كىرىم بىلەن چىقىمنى سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر كىرىم بىلەن چىقىم ئۆزئارا تەڭ بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر كىرىم ئومۇمىي سوممىسى چىقىم ئومۇمىي سوممىسىدىن كىچىك بولسا  بۇ «خەلقئارا كىرىم-چىقىمدىكى تەتۈر پەرق» ياكى خەلقئارا كىرىم-چىقىمدىكى قىزىل رەقەم دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ياكى ئالتۇن ئارقىلىق قايتۇرۇلىدۇ. 

 خەلقئارا كىرىم-چىقىمدا تەتۈر پەرق كۆرۈلسە، بۇ دۆلەتنىڭ سىرتقا قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى، دۆلەت خەزىنىسىدىكى ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوتنى يۆتكەپ قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

 كىشىلەر دائىم خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈشى ۋە ئۇنى تەڭشىشىدىكى ئاساس قىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#