تەكرار ئىشلەپچىقىرىش

ئىشلەپچىقىرىش چوقۇم دەۋرىيلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، مانا بۇ جەريان تەكرار ئىشلەپچىقىرىش دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تەكرار ئىشلەپچىقىرىش
چەتئەلچە نامى Reproduction
خەنزۇچە نامى 再生产

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالى توختاپ قالمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىشمۇ شۇنداق. ماركس: «ھەرقانداق بىر مىللەت ئەگەر ئەمگەكنى توختىتىدىكەن، بىر يىل ئەمەس، بىرنەچچە ھەپتىدىلا يوقىلىپ كېتىدۇ، بۇنى ھەتتا كىچىك بالىمۇ بىلىدۇ» دېگەنىدى. ئىشلەپچىقىرىش چوقۇم دەۋرىيلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، مانا بۇ جەريان تەكرار ئىشلەپچىقىرىش دېيىلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئاساسلانغاندا، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش

ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىدىكى كۆلەم ئاساسىدا تەكرار ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر دېھقان بىرىنچى يىلى ئىشلەپچىقىرىشنى 2500 يۈەن مەبلەغ بىلەن باشلاپ، ئومۇمىي قىممىتى 5000 يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى ۋە 2500 يۈەن ساپ پايدىغا ئېرىشتى. بۇ 2500 يۈەننىڭ ھەممىسىنى ئائىلە سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا، تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق شەخسىي ئىستېمالغا سەرپ قىلىۋەتسە، قالغان 2500 يۈەن دەل ئەسلىدىكى مەبلەغنىڭ ئورنىغا قالىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئوخشاشلا ئىشلەپچىقىرىشقا 2500 يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، مانا بۇ ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتۇر. 

كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش

كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىدىكى كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تەكرار ئېلىپ بېرىلغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر دېھقان بىرىنچى يىلى 2500 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي قىممىتى 2500 يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى ھەم 2500 يۈەن ساپ پايدا ئالدى. بۇ دېھقان ئۇنىڭدىن پەقەت 1250 يۈەننى شەخسىي ئىستېمالغا سەرپ قىلىپ، قالغان 1250 يۈەننى جۇغلانما قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، ئوغۇت سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىپ قوشۇلما مەبلەغ شەكىللەندۈردى. شۇڭا، ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 3750 يۈەنگە كۆپەيدى، مانا بۇ كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش بولىدۇ. كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى تاشقى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىچكى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. تاشقى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئەمگەكچىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىچكى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا بۇ ئىككى خىل شەكىل دائىم بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#