لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى

 غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ليۇ شۈەن، ليۇ شيۇلارمۇ بۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭچى قوشۇن لۈلىن تېغى (ھازىرقى خۇبېيدىكى داخۇڭشەن تېغى) نى بازا قىلغاچقا، «لۈلىنلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى.

نامى لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى
ئورنى لۈلىن
خەنزۇچە نامى 绿林赤眉起义
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ۋاڭ ماڭنىڭ ئارمىيە، لۈلىن قوشۇنى
ۋاقتى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭىۋاڭ ماڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى تەسكە چۈشتى، پۇقرالار يىلتىز كولاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزدى. يىلتىزلارمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كەتكەچكە، ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالار بەزىدە (ئوت-چۆپ يىلتىزىنى) تالىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتى، شىنشى (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) لىق ۋاڭ كۇاڭ، ۋاڭ فېڭ ئاكا-ئۇكىلار تالاش-تارتىش قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىپ ئادىل يول تۇتقاچقا، ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. مىلادىيە 17-يىلى ۋاڭ كۇاڭ، ۋاڭ فېڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارغا باشلامچىلىق قىلىپ پومېشچىكلارنىڭ قەسىرلىرىنى ئىگىلەپ، ئاشلىقلىرىنى تارتىۋېلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈردى.

لۈلىنلىقلار قوشۇنى

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ليۇ شۈەن، ليۇ شيۇلارمۇ بۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭچى قوشۇن لۈلىن تېغى(ھازىرقى خۇبېيدىكى داخۇڭشەن تېغى) نى بازا قىلغاچقا، «لۈلىنلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. كېيىن «لۈلىن ئەزىمەتلىرى» زوراۋانلارنى يوقىتىپ ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان، بايلارنى بۇلاپ يوقسۇللارنى قۇتقۇزىدىغان تار مەنىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ قالدى.

شوئارى 

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭىمىلادىيە 18-يىلى لاڭيا (ھازىرقى شەندۇڭدىكى جۇچېڭ) لىق فەن چۇڭ ھازىرقى شەندۇڭنىڭ جۈيشيەن ناھىيىسىدە ئاچارچىلىقتا قالغان 100 نەچچە ئادەمگە باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلىكتە بىرنەچچە تۈمەن ئادەمگە كۆپىيىپ، شەندۇڭ، خېنەن ئەتراپلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى. ئۇلار ئوردا لەشكەرلىرىدىن پەرقلىنىش ئۈچۈن قاشلىرىنى قىزىل رەڭدە بويىۋالغاچقا، «قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. بۇ قوشۇننىڭ ئىنتىزامى چىڭ بولۇپ، «ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

چاڭئەن ۋە لوياڭنى ئېلىش 

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭىمىلادىيە  23-يىلى ۋاڭ ماڭ جاي-جايلاردىن 420 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇن توپلاپ مىليون كىشىلىك قوشۇن دەپ ئاتاپ، لۈلىنلىقلار قوشۇنىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبقا ئاتلىنىپ، لۈلىنلىقلار قوشۇنىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى كۇنياڭ شەھىرىنى قاتمۇقات قورشىۋالدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ليۇ شيۇ قورشاۋنى بۆسۈپ شەھەردىن چىقىپ ياردەمچى قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئىچى-سىرتىدىن ماسلىشىپ ۋاڭ ماڭ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، كۇنياڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىنلا لۈلىنلىقلار قوشۇنى غەلىبىسېرى شىمالغا يۈرۈپ، خۇددى كۈز شامىلى غازاڭلارنى سۈپۈرگەندەك ھەيۋەت بىلەن چاڭئەن ۋە لوياڭنى ئالدى. ۋاڭ ماڭ ئۆلتۈرۈلدى، شىن سۇلالىسى گۇمران بولدى.

مەغلۇپ بۇلۇش جەريانى  

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭىلۈلىنلىقلار قوشۇنى چاڭئەننى ئىگىلىگەندىن كېيىن، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەك ليۇ شۈەننى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ليۇ شۈەن كېيىن ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، لۈلىنلىقلار قوشۇنىنىڭ ۋاڭ كۇاڭ قاتارلىق سەركەردىلىرىنى چەتكە قاقتى. ۋاڭ كۇاڭ قاتارلىقلار قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاڭئەننى ئىگىلەپ، ليۇ شۈەننى قوغلىۋەتتى. لېكىن گۇەنجۇڭدىكى زوراۋان پومېشچىكلار ئاشلىقنى يوشۇرۇپ قويغانلىقى ھەمدە قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى پۇت دەسسەپ تۇرالماي، ئامالسىز شەرققە چېكىندى. بۇ چاغدا، ليۇ شۈەن تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ خېبېيغا كەلگەن ليۇ شيۇ ئاللىقاچان شەرقىي خەن ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، دېھقانلار قوشۇنىغا ئاسىيلىق قىلغانىدى. قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى خېنەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا كەلگەندە شەرقىي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈردى.

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى خېنەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا كەلگەندە شەرقىي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈردى.

لۈلىن قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى 10 يىل داۋاملىشىپ، پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#