سارايېۋو ۋەقەسى

سارايېۋو ۋەقەسى

1914-يىلى يۇگوسلاۋىيىدە يۈز بەرگەن سارايېۋو ۋەقەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلىكى بولۇپ قالدى.

نامى سارايېۋو ۋەقەسى
ۋاقتى 1914-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
چەتئەلچە نامى Sarajevo
ئورنى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بوسنىيە
خەنزۇچە نامى 萨拉热窝事件

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سارايېۋو ۋەقەسى1914-يىلى يۇگوسلاۋىيىدە يۈز بەرگەن سارايېۋو ۋەقەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلىكى بولۇپ قالدى. سارايېۋودىكى ئابا يولىغا ئورنىتىلغان بىر تاش تاختايدا تا ھازىرغا قەدەر بىر جۈپ ئاياغ ئىزى بار، بۇ ئاياغ ئىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تامغا كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ: «1914-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى17 ياشلىق پرىنتسىپ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ زوراۋانلىققا بولغان قارشىلىقى ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن» دېگەن خەت ئويۇلغان.

سارايېۋو ۋەقەسىپرىنتسىپ بوسنىيىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلات «ياش بوسنىيە» نىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گابورنوچ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خان ۋارىسى فېردىناندنى قەستلىدى. چۈنكى، گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيە بوسنىيىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن تىغ ئۇچىنى يەنە سېربىيىگە قاراتتى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچ دائىرىسىنى پۈتكۈل يۇگوسلاۋىيىگە كېڭەيتتى، شاھزادە فېردىناند مۇشۇنداق ھەربىي كۈچلەرنى كېڭەيتىشنىڭ ئاكتىپ قوماندانى بولغانلىقتىن، يۇگوسلاۋىيىدىكى ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ قالغانىدى.

سارايېۋو ۋەقەسى 1914-يىلى 6-ئايدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بوسنىيىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ مانېۋىردا پەرەز قىلىنغان دۈشمەن دۆلەت سېربىيە ئىدى. فرانتس ۋە فېردىناند بوسنىيىگە بىۋاسىتە بېرىپ مانېۋىرغا قوماندانلىق قىلدى ھەمدە 6-ئاينىڭ 28-كۈنىنى تاللاپ غەرەزلىك ھالدا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، چۈنكى 525 يىل ئىلگىرى (1389-يىلى) سېربىيە ۋە بوسنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى شۇ كۈنى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانىدى. 6-ئاينىڭ 28-كۈنى فېردىناند ئۆزىنىڭ ئايالى سوفىيەنى ئېلىپ ئارمىيىسىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سارايېۋو شەھىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى زالىغا بارماقچى ئىدى، ئۇ ئابا يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يوشۇرۇن زەربىگە ئۇچرىدى، ئەمما جېنى ئامان قالدى. فېردىناند ئۆز ئارمىيىسىگە داۋاملىق ئىلگىرىلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، ئۇ ئىلگىرىكى پىلانى بويىچە شەھەر مەمۇرىيىتى زالىغا بېرىپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فېردىناند ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ماشىنىسى ئابا يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پرىنتسىپ بىراقلا ئالدىغا سەكرەپ چىقىپ فېردىناند ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 

سارايېۋو ۋەقەسىفېردىناند ئۆلگەندىن كېيىن، ئاللىبۇرۇنلا ئۇرۇش قوزغاشنى پىلانلىغان گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى تېپىلدى. گەرچە قاتىل سېربىيىلىك بولمىسىمۇ ھەمدە سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يەنىلا 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتىگە شەرتى ئىنتايىن قاتتىق بولغان ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى ھەمدە 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/105377.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#