بېلىقچىلىق قانۇنى

بېلىقچىلىق قانۇنى

1986–يىل 1–ئاينىڭ 20–كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن .

ئۇيغۇرچە نامى بېلىقچىلىق قانۇنى
خەنزۇچە نامى 渔业法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېلىقچىلىق قانۇنى(1986–يىل 1–ئاينىڭ 20–كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن 2004–يىل 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش، كۆپەيتىش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى كۈچەيتىش، سۈنئىي باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ، ساھىل، دېڭىز تەۋەلىكى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا بارلىق دېڭىز تەۋەسىدىكى سۇ جانۋارلىرىنى ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى بېقىش، تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتەك بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى پائالىيىتىدە مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرت. 

3–ماددا دۆلەت بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىش، بېقىش، تۇتۇش، پىششىقلاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، شارائىتىغا يارىشا ئىش قىلىش، مۇھىم نۇقتىسى بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، سۇ دائىرىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

4–ماددا دۆلەت بېلىقچىلىق پەن–تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇرىدۇ، بېلىقچىلىق پەن–تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ. 

5–ماددا بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېلىقچىلىق پەن–تېخنىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەنىۋى ياكى ماددىي جەھەتتىن تەقدىرلەيدۇ. 

6–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسى ۋە بېلىقچىلىق پورتىدا بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى تەكشۈرگۈچى قويسا بولىدۇ. بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى تەكشۈرگۈچىلەر بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ. 

7–ماددا دۆلەت بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشتا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

دېڭىز–ئوكيان بېلىقچىلىقىدا گوۋويۈەن گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن دېڭىز تەۋەسىدىن ۋە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بېلىقچىلىق بايلىقى مەيدانىدىن باشقىسىنى شۇ دېڭىز تەۋەسىگە تۇتۇشىدىغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 

دەريا، كۆل قاتارلىق سۇ دائىرىسى بېلىقچىلىقنى مەمۇرىي رايونلار بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، مەمۇرىي رايون ھالقىغانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىقىدۇ، ياكى ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

8–ماددا چەت–ئەللىكلەر، چەت ئەل بېلىقچىلىق كېمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۇ تەۋەسىگە كىرىپ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇنغا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرتنامە، كېلىشىم تۈزۈشكەن بولسا، شۇ شەرتنامە ۋە كېلىشىم بويىچە بولىدۇ. 

دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەتكە قارىتا بېلىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. 

9–ماددا بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىق نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى-تىجارىتىگە ئارىلىشىشىغاۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

2–باب باقمىچىلىق 

10–ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇن، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىتىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى باقمىچىلىققا باب كېلىدىغان سۇ ۋە ساھىللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. 

11–ماددا دۆلەت سۇ دائىرىسىدىن پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باقمىچىلىق قىلىشقا بولىدىغان سۇ ۋە ساھىلنى بەلگىلەيدۇ. ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دۆلەت پىلانىدا باقمىچىلىق قىلىشقا بەلگىلەنگەن ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلدىن پايدىلانماقچى بولغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ شۇ سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئىشلىتىۋاتقان سۇ دائىرىسى، ساھىلنى شەخسلەر ياكى كوللېكتىپ ھۆددىگە ئېلىپ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. 

12–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشتە، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. 

13–ماددا ئالاقىدار تەرەپلەر دۆلەت پىلانىدا باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن سۇ دائىرىسى، ساھىلدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشتا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىش ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تالاش–تارتىش ھەل قىلىنغىچە، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

14–ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى يەر ئېلىشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

15–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، تاۋار بېلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى مۇھىم باقمىچىلىق سۇ دائىرىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى لازىم. 

16–ماددا دۆلەت سۇ مەھسۇلاتلىرى ئەلا سورتلىرىنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

سۇ مەھسۇلاتلىرى يېڭى سورتلىرىنى مەملىكەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ئەسلىي سورتى ۋە ئەلا سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. 

سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى ئىمپورت، ئېكىسپورت قىلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىشىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. ئەمما بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن، ئۆزلىرى ئىشلىتىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقى بۇنىڭ سىرتىدا.

17–ماددا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى ئىمپورت، ئېكىسپورت قىلىشتا كارانتىن قىلىپ، كېسەللىك چېگرىدىن كىرىشى ۋە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت، كونكرېت كارانتىن خىزمىتى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جانۋارلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

گېنى يۆتكەلگەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى كىرگۈزۈشتە، بىخەتەرلىكنى باھالاش شەرت، كونكرېت باشقۇرۇش خىزمىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. 

18–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

19–ماددا باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنشتا، تەركىبىدە زەھەر ۋە زىيانلىق ماددا بولغان يەمچۈك ۋە يەملەرنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

20–ماددا باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، سۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش، بېقىش زىچلىقىنى ئىلمىي بېكىتىش، يەمچۈك، ئوغۇت ۋە دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك، سۇ مۇھىتىنى بۇلغاشقا يول قويۇلمايدۇ. 

3–باب تۇتمىچىلىق

21–ماددا دۆلەت مالىيە، كرېدىت ۋە باج قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئوكيان تۇتمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ ھەمدە بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ تۇتۇلۇش مىقدارىغا ئاساسەن، ئىچكى سۇ ۋە يېقىن دېڭىزدا تۇتۇشقا كۈچ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 

22-ماددا دۆلەت تۇتۇش مىقدارى بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ كۆپىيىش مىقدارىدىن تۆۋەن بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، بېلىقچىلىق بايلىقىنى تۇتۇش ئومۇمىي مىقدارىنى بەلگىلەپ، تۇتۇش نۇرمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، تۇتۇش نۇرمىسى تۈزۈمىگە ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز يۈزىدە تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن دەرىجە بويىچە بۆلۈپ چۈشۈرىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ ياكى كېڭىشىپ بەلگىلەپ دەرىجە بويىچە بۆلۈپ چۈشۈرىدۇ. تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى تەقسىملەشتە، ئادىل، لىللا بولۇش پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەقسىملەش چارىسى ۋە نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش ھەمدە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش شەرت. 

گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۇتۇش نورمىسى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈستىدە نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن تۇتۇش نورمىسى كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ تۇتۇش نورمىسىنى كېيىنكى يىللىق كۆرسەتكۈچىدىن كېمەيتىشى كېرەك. 

23–ماددا دۆلەت تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

دېڭىز–ئوكياندا چوڭ تىپتىكى سۆرىمە تور، قاپسىما تور بىلەن تۇتۇش شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بەلگىلىگەن، ئورتاق باشقۇرۇلىدىغان بېلىقچىلىق رايونىدا ياكى ئوچۇق دېڭىزدا تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ تۇتۇش ئىجازەتنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ بېرىدۇ. باشقىلىرىنىڭ تۇتۇش ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ بېرىدۇ؛ لېكىن دېڭىز–ئوكياندا تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلارغا ئىجازەتنامە تەستىقلىتىپ بېرىشتە، دۆلەتنىڭ كېمە، تور سايمانلىرىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ. 

تۇتۇش ئىجازەتنامىسىنى سېتىۋېلىش–سېتىشقا، ئىجارە بېرىشكە ۋە باشقا شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئۆزگەرتىشكە، ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىپ ياساشقا بولمايدۇ. 

باشقا دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە بېرىپ تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلار گوۋۇيۈەن بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار شەرتنامە، كېلىشىمگە ۋە ئالاقىدار دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

24–ماددا تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىغانلارغا تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بېرىلسە بولىدۇ: 

(1) بېلىقچىلىق كېمىسى پىريوم گۇۋاھنامىسى بولۇش؛ 

(2) بېلىقچىلىق كېمىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بولۇش؛ 

(3) گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ بەرگەن تۇتۇش ئىجازەتنامىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چۈشۈرگەن تۇتۇش نورمىسى كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

25–ماددا تۇتمىچىلىق قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۇتۇش ئىجازەتنامىسىدىكى مەشغۇلات تىپى، ئورنى، قەرەلى، بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ سانى ۋە تۇتۇش نورمىسى ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى شەرت، چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق بېلىقچىلىق كېمىسى بىلەن تۇتمىچىلىق قىلىشتا كۈندىلىك خاتىرە يېزىلىشى كېرەك. 

26–ماددا تۇتمىچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياسىغان، يېڭىلىغان، سېتىۋالغان ۋە ئىمپورت قىلغان كېمىلەر بېلىقچىلىق كېمىسى پىريوم تارمىقىنىڭ پىريومىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەشغۇلاتقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

27–ماددا بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا رىئايە قىلىپ، كىم مەبلەغ سالسا شۇ مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپىنى يولغا قويۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

4–باب بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش 

28–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزى باشقۇرىدىغان بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەنپەئەتلەنگۈچى ئورۇن ۋە شەخستىن بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش–قوغداش ھەققى ئېلىپ، مەخسۇس بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش–قوغداشقا ئىشلەتسە بولىدۇ. بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش–قوغداش ھەققى ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە يەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. 

29–ماددا دۆلەت سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق بايلىقى ۋە ئۇنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغدايدۇ ھەمدە يۇقىرىراق ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە ئىرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش قىممىتىگە ئىگە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق بايلىقى ئۆسىدىغان، كۆپەيتىلىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى قۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق بايلىقى مۇھاپىزەت رايونىدا تۇتمىچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

30–ماددا پارتلىتىش، زەھەر تاشلاش ۋە توك قويۇپ بېرىشتەك بېلىقچىلىق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ياساش، سېتىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىلدە بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. تور كۆزى ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدىنمۇ كىچىك بولغان توردا بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. تۇتۇلمىلار ئىچىدە بېلىجانلار بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ياكى مەزگىلدە قانۇنسىز تۇتۇلغان تۇتۇلمىلارنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بېلىقچىلىق بايلىقى سورتى ۋە ئۇنى تۇتۇش ئۆلچىمى، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن بېلىقچىلىق سايمىنى ۋە ئۇسۇلى، ئەڭ كىچىك تور كۆزى ئۆلچىمى شۇنىڭدەك بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغدايدىغان باشقا تەدبىرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

31–ماددا مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە سۇ جانۋارلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. بېقىش ياكى باشقا ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئۇرۇقلارنى ياكى تۇتۇش مەنئى قىلىنغان توخۇملۇق تەنچىلەرنى تۇتۇشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، كۆرسىتىلگەن رايون ۋە ۋاقىت ئىچىدە نورما بويىچە تۇتۇش شەرت. 

سۇ جانۋارلىرى ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرىدىغان نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ باشلاش ۋە سۇ ئىشلىتىشتە، تەدبىر قوللىنىپ ئۇرۇقنى قوغداش كېرەك. 

32–ماددا بېلىق، راك ۋە قىسقۇچپاقىلارنىڭ ئۆتۈش يولىغا ياسالغان تاقاق، توغانلار بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆتۈش ئەسلىھە ياسىشى، باشقا قۇتقۇزۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆتۈش ئەسلىھەسى ياسىشى، ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. 

33–ماددا بېلىقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە تەڭشەش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىقتىدارى بولغان سۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلىشى كېرەك.

34–ماددا كۆل قورشاپ ئېتىز بەرپا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز دېڭىز ساھىلىنى قورشاپ ئۆزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. 

35–ماددا سۇ ئاستىدا پارتىلىتىش، چارلاش، قۇرۇلۇش قىلىش بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، مەشغۇلات قىلغۇچى ئورۇن ئاۋۋال ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى زىياننى ئازايتىشى كېرەك؛ بېلىقچىلىق بايلىقىغا زىيان يەتسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى تۆلەم تۆلەتكۈزىدۇ. 

36–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك. 

بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بېلىقچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇلغىنىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

37–ماددا دۆلەت ئاق پالاقلىق دېلفىن قاتارلىق ئەتىۋارلىق، خەۋپتە قالغان ياۋايى سۇ جانۋارلىرىنى نۇقتىلىق قوغداپ، نەسلى قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى سۇ جانۋارلىرىنى ئۆلتۈرۈش، زەخمىلەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش، كۆرگەزمە قىلىش ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى سۇ جانۋارلىرىنى تۇتۇش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

38–ماددا پارتىلىتىش، زەھەر تاشلاش، توك قويۇپ بېرىشتەك بېلىقچىلىق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن بېلىق تۇتقان، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بېلىق تۇتقان ياكى مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق سايمىنى، ئۇسۇلى ۋە كۆزى ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدىنمۇ كىچىك تور بىلەن تۇتقان، ياكى تۇتۇلمىلاردىكى بېلىجاننى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ تۇتۇلمىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق سايمىنى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ 

بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايوندا ياكى مەزگىلدە قانۇنسىز تۇتۇلغان تۇتۇلمىلارنى ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 

مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق سايمىنى ياسىغان، ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز ياسىغان، ساتقان بېلىقچىلىق سايمىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

39–ماددا باشقىلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئوغرىلىقچە تۇتقان، بۇلىغان ياكى باقمىچىلىق سۈيى ۋە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. 

40–ماددا ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلدا باقمىچىلىق قىلىپ، شۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن تاشلىۋەتكىنىگە بىر يىل بولغانلارنى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بەرگەن ئورگان سۈرۈك ئىچىدە ئېچىپ پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئېچىپ پايدىلانمىغانلىرىنىڭ باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. sfsef 

قانۇن بويىچە باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ تەۋەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باقمىچىلىق قىلغانلار تۈزىتىشكە، باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ياكى باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇشقا بۇيرۇلىدۇ. 

قانۇن بويىچە باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالماي ياكى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىدە رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدىن ھالقىپ ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ تەۋەسىدە باقمىچىلىق قىلىپ، سۇ قاتنىشىغا، تاشقىننىڭ ئېقىشىغا توسالغۇ بولغانلار باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

41–ماددا قانۇن بويىچە تۇتۇش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتمىچىلىق قىلغانلارنىڭ تۇتۇلمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق سايمىنى ۋە كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ. 

42–ماددا تۇتۇش ئىجازەتنامىسىدىكى مەشغۇلات تىپى، ئورنى، ۋاقتى ۋە بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ سانى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتمىچىلىق قىلغانلارنىڭ تۇتۇلمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق سايمىنى مۇسادىرە قىلىنسا، تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

43–ماددا تۇتۇش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتكەن، سېتىۋالغان–ساتقان، ئىجارە بەرگەن ياكى باشقا شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ تۇتۇش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، سېتىۋېلىپ–سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

44–ماددا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى قانۇنسىز ئىشلەپ چىقارغان، ئىمپورت، ئېكىسپورت قىلغانلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈمەي تۇرۇپ، تىجارەتكە سالغانلار تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

45–ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقى بايلىقى مۇھاپىزەت رايونىدا تۇتمىچىلىق قىلغانلار تۇتۇشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، تۇتۇلمىلىرى ۋە بېلىقچىلىق سايمىنى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 

46–ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل بېلىقچىلىق كېمىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۇ تەۋەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېلىقچىلىق قىلغان ۋە بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرگەنلىرى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى قوغلاپ چىقىرىلىدۇ، تۇتۇلمىلىرى ۋە بېلىقچىلىق سايمىنى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايىتى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

47–ماددا بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇزغان ياكى بېلىقچىلىق بولغىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. 

48–ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بۇ قانۇندا جازالىغۇچى ئورگان توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

دېڭىز قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىپ ياكى مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق سايمىنى ۋە ئۇسۇلى بىلەن تۇتمىچىلىق قىلغانلار ھەمدە تۇتۇش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ تۇتمىچىلىق قىلغانلار ھەققىدە پاكت ئېنىق، دەلىل–ئىسپات تولۇق بولسىمۇ، لېكىن نەق مەيداندا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغىلى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، تۇتۇش ئىجازەتنامىسى، بېلىقچىلىق سايمىنى ياكى بېلىقچىلىق كېمىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىپ، پورتقا قايتقاندىن كېيىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلسا ۋە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.

49–ماددا بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەم ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە بەرگەن، تۇتۇش نورمىسى تەقسىم قىلغان ياكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى–تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

50–ماددا بۇ قانۇن 1986–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

MID

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#