دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى

دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى

1979–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982–يىل 12–ئاينىڭ 10–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى» دىكى بەزى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن .

ئۇيغۇرچە نامى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国全国人民代表大会和地方各级人民代表大会选举法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى(1979–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982–يىل 12–ئاينىڭ 10–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى» دىكى بەزى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن، 1986–يىل 12 ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ساغلام قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن، 1995–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلىق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3–قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004–يىل 10–ئاينىڭ 27–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۇش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 4–قېتىم تۈزىتىلگەن) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنى سايلام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۇلدى. 

2–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ. 

رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، يېزىلىق مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاستە سايلايدۇ.

3–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 18 ياشقا توشقان پۇقرالىرى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي، ئېتىقادى، بىلىم سەۋىيىسى، مال–مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلاردا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

4–ماددا بىر سايلىغۇچ بىر قېتىملىق سايلامدا بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

5–ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۆز ئالدىغا سايلام ئۆتكۈزىدۇ، سايلام چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

6–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىللەر بولۇشى ھەمدە ئايال ۋەكىللەر نىسبىتى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى لازىم.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋە ۋەتەنگە قايتىقان مۇھاجىرلار كۆپرەك رايونلارنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىل بولۇشى كېرەك. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇاتقان پۇقرالاردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاش مەزگىلىدە دۆلىتىمىزدە بولغانلىرى ئەسلىي يۇرتىدىكى ياكى چەت ئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى تۇرغان جايىدىكى سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ.

7–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

رايونسىز شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازارلاردا سايلام ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيىلىك ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك سايلام ھەيئەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق سايلام ھەيئەتلىرى رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرى تەۋەسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 

8–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام خىراجىتى دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. 

2–باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 

9–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ:

(1) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ۋەكىللەرنىڭ تۈپ سانى 350 بولىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ھەر 150 مىڭ ئادەم ئۈچۈن بىر كۆپەيتىشكە بولىدۇ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ھەر 25 مىڭ ئادەم ئۈچۈن بىر ۋەكىل كۆچەيتىشكە بولىدۇ؛ لېكىن ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1000 دىن ئاشماسلىقى كېرەك؛

(3) رايونلۇق شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستتا ۋەكىللەرنىڭ تۈپ سانى 240 بولىدۇ، ھەر 25 مىڭ ئادەم ئۈچۈن بىر ۋەكىل كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغالىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 650 دىن ئاشماسلىقى كېرەك؛ 

(3) ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونىسىز شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايوندا ۋەكىللەرنىڭ تۈپ سانى 120 بولىدۇ، ھەر 5000 ئادەم ئۈچۈن بىر ۋەكىل كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 1 مىليون 650مىڭدىن ئاشىدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 450 تىن ئاشماسلىقى كېرەك؛ ئاھالىسى 50 مىڭغا يەتمەيدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 120 دىن ئاز بولىسىمۇ بولىدۇ؛ 

(4) يېزا، مىللىي يېزا، بازاردا ۋەكىللەرنىڭ تۈپ سانى 40 بولىدۇ، ھەر 1500 ئادەم ئۈچۈن بىر ۋەكىل كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 90 مىڭدىن ئاشىدىغان يېزا، مىللىي يېزىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 100 دىن ئاشماسلىقى كېرەك؛ ئاھالىسى 130 مىڭدىن ئاشىدىغان بازاردا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 130 دىن ئاشماسلىق كېرەك؛ ئاھالىسى 2000 غا يەتمەيدىغان يېزا، مىللىي يېزا، بازاردا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 40 تىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ تۈپ سانى بىلەن ئاھالە سانى بويىچە كۆپەيتىلگەن ۋەكىل سانىنىڭ يىغىندىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بولىدۇ. 

ئاپتونوم رايونلاردا، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئۆلكىلەردە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتتىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ۋەكىللەر سانىنى يەنە 5 كۆپەيتىشكە بولىدۇ. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ياكى ئاھالىسى تارقاق ئولتۇرقلاشقان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، مىللىي يېزىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ۋەكىللەر سانىنى يەنە 5 كۆپەيتىشكە بولىد%ۇ. 

10–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قارشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

11–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بېكىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلىش جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ياكى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاھالىدە چوڭراق ئۆزگىرىش بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن بېكىتىلىدۇ. 

12–ماددا ئاپتونوم ئوبلاستىلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتىلىرى يېزىلارنىڭ ھەر بىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى بازارلارنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ئاھالىسى بەك ئاز يېزا، بازارلارنىڭ ئاز دېگەندە بىردىن ۋەكىل بولۇشى كېرەك. 

ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە بازار ئاھالىسى بەك كۆپ بولسا ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولمىغان كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلاردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ سانى پۈتۈن ناھىىيىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى ئىچىدە كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن، يېزىلارنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سان بىلەن بازارلارنىڭ ياكى كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلاردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىنىڭ نىسبىت4:1دىن ئاز، ھەتتا 1:1 گىچە بولسا بولىدۇ. 

13–ماددا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايونلارنىڭ يېزىلىرىدا ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شەھەر رايونىنىڭ ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. 

14–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يېزىلارنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شەھەرلەرنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.

3–باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 

15–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 3000 دىن ئاشمايدۇ. سان تەقسىماتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايودىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنى ۋە ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

16–ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزىلارنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شەھەرلەرنى ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. 

17–ماددا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاھالىسى ۋە جايلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلاپ چىقىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئاھالىسى بەك ئاز مىللەتلەرنىڭ ئاز دېگەندە بىردىن ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. 

4–باب ئاز سانلىق مىللەتلەر سايلىمى 

18–ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەربىر ئاز سانلىق مىللەتتىن شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل قاتنىشىشى كېرەك.

توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدىكى ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى شۇ جايدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. 

توپلىشىپ ئولتۇرۇقلاشقان جايدىكى ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى شۇ جايدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ 15 پىرسەنتىگە يەتمىسە، ئۇنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىق قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن مۇۋاپىق تۈردە ئاز بولسا بولىدۇ، لېكىن يېرىمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ئاھالىسى بەك ئاز ئاپتونوم ناھىيىلەردە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن يېرىمىدىن ئاز بولسا بولىدۇ. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەردىن ئاھالىسى بەك ئاز بولغانلارنىڭ ئاز دېگەندە بىردىن ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. 

توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدىكى ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى شۇ جايدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ 15 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىگەن، 30 پىرسەنتىگە يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن مۇۋاپىق تۈردە قىلىپ بېرىلگەن سايلىنىدىغان ۋەكىل سانى ئومۇمىي ۋەكىل سانىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. 

19–ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ جايدىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇلاردىن ۋەكىل سايلاشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 18–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

20–ماددا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن ئاز بولسا بولىدۇ. 

ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ جايدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇلاردىن ۋەكىل سايلاشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

21–ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونسىز شەھەرلك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيىلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرۈشتە، شۇ جايدىكى مىللىي مۇناسىۋەت ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئازسانلىق مىللەت سايلىغۇچىلىرى ئۆز ئالدىغان سايلام ئۆتكۈزسىمۇ ياكى بىرلىشىپ سايلام ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتونوم ناھىيىلىك ۋە ئاز سانلىق مەللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ جايدىكى ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇلاردىن ۋەكىل سايلاشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

22–ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە تۈزگەن ياكى ئېلان قىلغان سايلام ھۆججەتلىرى، سايلىغۇچىلار ئىسىملىكى، سايلام گۇۋاھنامىسى، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ۋەكىللىك گۇۋاھنامىسى، سايلام ھەيئىتىنىڭ تامغىسى ۋە باشقىلاردا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان مىللىي يېزىقنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. 

23–ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر سايلىمىغا ئائىت باشقا ئىشلار مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بېجىرىلىدۇ. 

5–باب سايلام رايونىنىڭ ئايرىلىشى 

24–ماددا رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى سايلام رايونلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ، سايلام رايونى بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلام رايونلىرى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىلسا بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، كەسىپ ئورنى، خىزمەت ئورنى بويىچە ئايرىلسىمۇ بولىدۇ. 

سايلام رايونىنىڭ چوڭ–كىچىك بولۇشى ھەربىر سايلام رايونىدا بىردىن ئۈچكىچە ۋەكىل سايلاشقا قاراپ ئايرىلىدۇ. 

25–ماددا شەھەر–بازارلارنىڭ ھەرقايسى سايلام رايونلىرىدا ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى ئاساسەن تەڭ بولۇشى كېرەك. يېزىلارنىڭ ھەرقايسى سايلام رايونلىرىدا ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى ئاساسەن تەڭ بولۇشى كېرەك. 

6–باب سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش 

26–ماددا سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش ئىشلىرى سايلام رايونلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ تىزىملاش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن سالاھىيىتى ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەر قېتىملىق سايلامدىن بۇرۇن ئالدىنقى قېتىمقى سايلىغۇچىلارنى تىزىملاشتىن كېيىن 18 ياشقا توشقان، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى توشۇپ، سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سايلىغۇچىلار تىزىملىنىدۇ. تىزىملاشتىن كېيىن ئەسلىدىكى سايلام رايونىدىن كۆچۈپ كەتكەن سايلىغۇچىلار يېڭى كۆچۈپ ۈاغان سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار ئىسملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغان روھىي كېسەلەر سايلام ھەيئىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. 

27–ماددا سايلىغۇچىلار ئىسىملىكى سايلام كۈنىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى، سايلىغۇچىلار گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزىدىغانلار سايلىغۇچىلار گۇۋاھنامىسىنىمۇ تەڭ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. 

28–ماددا ئېلان قىلىنغان سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىگە باشقىچە پىكرى بولغانلار سايلام ھەيئىتىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، سايلام ھەيئىتى ئەرز ھەققىدە ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك. ئەرز قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، سايلام كۈندىن بەش كۈن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى سايلام كۈنىدىن بۇرۇق ھۆكۈم چىقرىشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئاخىرقى قارار بولىدۇ. 

7–باب ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىش 

29–ماددا مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىرى سايلام رايونلىرى ياكى سايلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

ۋەكىل نامزاتلىرىنى پارتىيىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ كۆرسەتسىمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ، سايلىغۇچىلاردىن ياكى ۋەكىللەردىن ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ كۆرسەرسىمۇ بولىدۇ. كۆرسەتكۈچىلەر سايلام ھەيئىتىگە ياكى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىگە نامزايلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

30–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. 

سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئۈچتىن بىر قىسىمدىن بىر ھەسسىگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىغا سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن بەشتىن بىر قىسىمدىن ئىككىدىن بىر قىسىمغىچە كۆپ بولۇشى كېرەك. 

31–ماددا سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتلىرىنى سايلام رايونلىرىدىكى سايلىغۇچىلار، پارتىيىلەر ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى كۆرسىتىدۇ. سايلام ھەيئىتى ئۇنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، سايلام كۈنىدىن 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ ھەمدە شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى ئۇنى مۇزاكىرە قىلىپ كېڭەشكەندىن كېيىن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. 

ئەگەر كۆرسىتىلگەن نامزات سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى پەرت سانى نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى ئۇنى مۇزاكىرە قىلىپ كېڭەشكەندىن كېيىن، سايلام ھەيئىتى كۆپرەك ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرى ئۈستىدە پىكىدە بىرلىككە كېلەلمىگەندە، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز–كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسملىكى بېكىتىلىدۇ. رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى سايلام كۈنىدىن بەش كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلار ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك. شۇ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ غۇلغۇلا ۋە مۇزاكىرە قىلىشى ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پەرق سان نىسبىتىگە ئۇيغۇن بولسا، بىۋاسىتە بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى پەرق سان نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز–كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام چارىسىدە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن كونكرېت پەرق سان نىسبىتى بويىچە رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرى ئىسملىكى بېكىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

32–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. 

33–ماددا سايلام ھەيئىتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سايلىغۇچىلارغا ياكى ۋەكىللەرگە تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن پارتىيىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەر سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ياكى ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئۆزى كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سايلىغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا، سايلىغۇچىلار قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. لېكىن سايلام كۈنى ۋەكىل نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك. sfsf 

8–باب سايلام تەرتىپى 

34–ماددا سايلىغۇچىلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلىغاندا، سايلام ھەيئىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سايلام بېلىتىنى كىملىكى ياكى سايلىغۇچىلار گۇۋاھنامىسى بىلەن ئالىدۇ. سايلام رايونلىرى بېلەت تاشلاش پونكىتى، كۆچمە بېلەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ ياكى سايلام يىغىنى ئېچىپ سايلام ئۆكۈزۈشى لازىم. بېلەت تاشلاش سايلاشقا سايلام ھەيئىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 

35–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ئۇنىڭغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 

36–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، پۈتۈنلەي يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 

سايلىغۇچى ساۋاتسىز بولسا ياكى مېيىپ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇلمىسا، ئۆزى ئىشىنىدىغان كىشىگە يازدۇرسا بولىدۇ.

37–ماددا سايلىغۇچى ۋەكىل نامزاتلىرىغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاش بەرسىمۇ بولىدۇ، باشقا ھەرقانداق سايلىغۇچىنى سايلىسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ. 

38–ماددا سايلىغۇچى سايلام مەزگىلىدە ئۆزى بولمايدىغان بولسا، سايلام ھەيئىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئاۋاز بېرىپ قويۇشنى باشقا سايلىغۇچى ئۈچتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك.

39–ماددا بېلەت تاشلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەر كۆرسەتكەن بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت ھېسابلىغۇچىلار ۋە سايلام ھەيئىتىنىڭ ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خادىملىرى بېلەت تاشلىغانلارنىڭ سانى بىلەن بېلەت سانىنى سېلىشتۇرۇپ، خاتىرىگە ئالىدۇ ھەمدە بېلەت نازارەتچىلىرى خاتىرىگە ئىمزا قويىدۇ. 

40–ماددا ھەر قېتىملىق سايلامدا تاشلانغان بېلەت سانى بېلەت تاشلىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام ئىناۋەتسىز بولىدۇ، بېلەت تاشلىغانلار سانىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، سايلام ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

ھەر بىر سايلام بېلىتىدە سايلانغان ئادەم سانى بەلگىلىمە بويىچە سايلىنىدىغانلار ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام بېلىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، سايلام بېلىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 

41–ماددا سايلىغۇچىلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلىغاندا، سايلام رايونىدىكى بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشسا، سايلام ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ۋەكىل نامزاتلىرى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان سايىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلغان ئاۋازىغا ئېرىشسە، سايلانغان بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلغان ئاۋازىغا ئېرىشسە، سايلانغان بولىدۇ. 

تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشكەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر سايلىنىدۇ. ئاۋاز سانى تەڭ چىقىپ قېلىپ، سايلانغۇچىنى بېكىتىكىلى بولمىسا، ئاۋاز سانى تەڭ چىقىپ قالغان شۇ نامزاتلارغا قايتا بېلەت تاشلىنىپ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكىنى سايلىنىدۇ. 

تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئاز بولۇپ قالسا، كەم قالغان سان ئۈچۈن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشتە، نامزاتلار ئىسىملىكى تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلاشتا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز–كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پەرق سان نىسبىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بىرلا ئادەم سايلىنىدىغان بولسا، ئىككى نامزات كۆرسىتىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى قايتا سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرىدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىكەنلەر سايلىنىدۇ، لېكىن ئېرىشكەن ئاۋاز سانى سايلام بېلىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قايتا سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلغان ئاۋازىغا ئېرىشسە، سايلانغان بولىدۇ. 

42–ماددا سايلام نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتلىك بولغان–بولمىغانلىقىنى سايلام ھەيئىتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

9–باب ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش، ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاش 

43–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ئەسلىي سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇن ئۆزىلىرى سايلىغان ۋەكىللەرنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 

44–ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلاردىن 50 تىن ئارتۇق كىشى، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلاردىن 50 تىن ئارتۇق كىشى، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەلەپ قويسا بولىدۇ. 

ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش تەلپىگە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش سەۋەبى ئېنىق يېزىلىشى لازىم. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلدىغان ۋەكىل سايلىغۇچىلار يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازمىچە بەرسىمۇ بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش تەلپىنى ۋە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلدىغان ۋەكىلنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ يازغان پىكرىنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. 

ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش تەلىپىنى ئاۋازغا قويىدىغان چاغدا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنى رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. 

45–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىر قىسىمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغاندا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ قويسا بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ قويسا بولىدۇ. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش تەكلىپىگە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش سەۋەبى ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاپقاندا، ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلىدىغان ۋەكىل ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازمىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. يىغىن ۋەكىللكتىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يىغىن ئاپقاندا، ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلىدىغان ۋەكىل مۇدىرلار يىغىنىدا ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازمىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. يىغىن ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ. 

46–ماددا ۋەكىلنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشتا، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 

47–ماددا ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق قرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتن قالدۇرۇشتا، ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۇش كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان ۋەكىللەرنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆكۈزۈش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم. 

48–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيى ۋەئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستىلىق خەلق قۇرۇلتايىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى ياكى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ياكى دائىمىي كومىتېت ئېلان قىلىدۇ. 

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئېلان قىلىدۇ. 

49–ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن يازمىچە ئىستېپا سورسا بولىدۇ، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن يازمىچە ئىستېپا سورىسا بولىدۇ.  

50–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەرنىڭ، مەملىكەيلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئۇلار دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى ۋەزىپىسىدىنمۇ مۇناسىپ ھالدا قالىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت ئېلان قىلىدۇ. 

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رائىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئۇلار رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىنمۇ مۇناسىپ ھالدا قالىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئېلان قىلىدۇ. 

51–ماددا ۋەكىللەر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە مەلۇم سەۋەب بىلەن كېمىيىپ كەتسە، ئەسلىي سايلام رايونى ياكى ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ سايلايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە يۆتكىلىپ كەتسە ياكى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىن كۆچۈپ كەتسە، ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن قالىدۇ، كەم قالغان سان قايتا تولۇقلاپ سايلىنىدۇ. sfs 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى تولۇقلاپ سايلىسا بولىدۇ. 

كەم قالغان ۋەكىلنى تولۇقلاپ سايلاشتا ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولسىمۇ بولىدۇ، سايلىنىدىغان ۋەكىل سانى بىلەن تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ. تولۇقلاپ سايلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ.

10–باب سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى جازالاش 

52–ماددا سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ۋە ئامانلىق ساقلاش جازاسى بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

(1) سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەرگە پۇل ياكى مال–مۈلۈك ئارقىلىق پارا بېرىپ، سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى قىلغانلار؛ 

(2) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛ 

(3) يالغان سايلام ھۆججىتى چىقارغانلار، سايلام بېلىتىنىڭ سانىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛ 

(4) سايلام داۋامىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدە ئەرز بەرگەن ۋە ئۇنى پاش قىلغانلارنى ياكى ۋەكىللەرنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلارنى باسقان، ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار. 

دۆلەت خادىملىرى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتلگەن قىلمىشنى سادىر قىلسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قوللىنىش ئارقىلىق سايلانغانلار ئىناۋەتسىز. 

11–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

53–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، سايلامنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#