ئون ئىككىنچى ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى

1927-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ يېڭى ئوڭچىلىرىنىڭ شاڭخەيدە گومىنداڭنىڭ سولچىلار ۋە كومپارتىيە قوراللىق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىگە، كومپارتىيە ئەزاسىغا قىرغىنچىلىق قىلدى، گومىنداڭ سولچىلىرى ئىنقىلابىي ئاممىغا قىرزغىنچىلىق قىلدى. مانا بۇ تارىختىكى داڭلىق « 12 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى ». 

ئۇيغۇرچە نامى ئون ئىككىنچى ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى
قارىمىقىدىكى پەن تارىخ
يۈز بەرگەن ۋاقتى 1927-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
خەنزۇچە نامى 四一二反革命政变
قاراشلىق ساھە ۋەقە
ئاساسلىق شەخس جياڭ جيېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

12  ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى1927-يىلى 3-ئايدا شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى قارشى ئېلىۋاتقان پەيتتە، مىللىي ئىنقلابىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى جياڭ جيېشى شاڭخەيگە كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن قەسەم ئىچىپ، ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى ھەمدە ھەربىي ئوركېستىر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا «ئورتاق كۈرەش قىلايلى» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھە بايراق سوۋغا قىلىپ، شاڭخەي ئىشچىلىرىغا «ھۆرمەت» بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، شاڭخەيدىكى چوڭ سودىگەرلەر، پومېشچىكلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتەك سۇيىقەستلىك پىلانىنى تۈزدى. 

12  ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى4-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە جياڭ جيېشىنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇق قوراللانغان بىر تۈركۈم لۈكچەكلەر ئىشچىلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كونسېسسىيە رايونىدىن يولغا چىقىپ، جيابېي، نەنشى، خۇشى، ۋۇسۇڭ، خۇڭكۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. كەينىدىنلا قوشۇن ئەۋەتىپ، «ئىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇش» نامى بىلەن ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، 300 نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. 

ئەتىسى شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جيابېيدا ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، يىغىۋالغان قوراللارنى قايتۇرۇپ بېرىش، لۈكچەك ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى يوقىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار قوشۇنى باۋشەن يولىدىكى سەندېلىغا كەلگەندە، بۇ يەردە ئالدىنئالا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئەكسىيەتچى ئارمىيە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىغىمۇ بولمىغان ئىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندىلا 100 نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەكسىيەتچىلەر شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىنقىلابىي ئۆمەكنى تەكشۈرۈپ، ئىشچىلار رەھبەرلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلدى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتا 300 نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ، 500 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىندى. 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، مانا بۇ— « 12-ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى» . ئارقىدىنلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق رايونلاردىمۇ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى.

«12-ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن جياڭ جيېشى نەنجىڭدا مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى « جياڭ جيېشىنىڭ ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ خىتابنامىسى » دا مۇنداق دېدى : « جياڭ جيېشىنىڭ مىللىي ئىنقىلابىنڭ ئاشكارە دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، جاھانگىرلىكنىڭ قورالىغا ئايلاندى، ئىشچى - دېھقانلار ۋە ئىنقىلابىي ئاممىنى قىرغىن قىلغان ئاق تېررورلۇققىمۇ ئايلىنىپ قالغان پاجىئەنىڭ باش جىنايەتكارى »، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مۇستەھكەم ئىنقىلابىي دېموكراتىك سېپى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ۋە جاھانگىرلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، مىلىتارىست، فېئودال بۇرژۇئازىيە بىلەن بىرلىشىپ تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ۋۇخەن ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى ۋۇخەن، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا نەچچە يۈز مىڭ ئامما جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ــ جياڭ جيېشىنى ئەيىپلەش يىغىنىغا قاتناشتى، جياڭ جيېشى ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغان جىنايەتچى. 

نەنجىڭ - ۋۇخەن بۆلۈنۈشى 

ۋۇخەن گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇيرۇقتا، جياڭ جيېشىنىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىدىن چىكىنىشنى جاكارلىدى، ئۇنى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، « بارلىق كوماندىر ۋە ئىنقىلابىي ئاممىۋى تەشكىلات »، جياڭ جيېشىنى « مەركەزنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت نىزامى بويىچە جازالاش ». ھەمدە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 1 - گۇرۇپپا ئارمىيەسىنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغان بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، تكتىنچى يۆنىلىش ئارمىيەسى ۋە باش زاپاس قوشۇن ئايرىپ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىش. بۇ قارار ۋۇخەندىكى ھەر ساھە بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى. 

نەنجىڭ - ۋۇخەن بىرلىشىشى 

جياڭ جيېشى ئەكسىلئىنقىلابىي ئىنتايىن كۆپ تىلغا ئېلىنغان چاغدا، تەسلىم بولۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىش ۋەقەسى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەردى.1927-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ۋۇخەن مىللى ھۈكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى 14 – شىسىنىڭ شىجاڭى شيا دۇيىن يۈز ئۆرۈدى. 21-كۈنى، خۇنەن شۈ كېشياڭ ئاسىيلىق قىلدى. بۇ ۋەقەلەر ۋۇخەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كومپارتىيىگە قارشى ئىچكى قىسمىدىكى ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى. 

ۋاڭ جىڭۋېي گورۇھىنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچىراتتى، تۇنجى قېتىم گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش ۋە مىللىي ئىنقىلاب ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولدى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#