ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچى بولمىسىمۇ، ئۇچقۇچى بار ئايروپىلانلارغا ئوخشاش، بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
تەۋە تۈرى مـاشىـنـا، قورال ‐ ياراغ
خەنزۇچە نامى 无人驾驶飞机
ئۇچۇش ئېگىزلىكى 8250 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 1917 -يىلى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى لايىھىلەشكە باشلىغان. 1934-يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى تۇنجى بولۇپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قارىغا ئايروپىلانى ئورنىدا ئىشلىتىپ، قىرغۇچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى ۋە زېنىت توپچىلىرىنى مەشىق قىلدۇرغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئۇچقۇچىسىز بومباردىمانچى ئايروپىلان بارلىققا كەلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادا يېڭى تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، شۇنىڭدەك قىسمەن دائىرىلىك ئۇرۇشلاردا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىراقتىن تىزگىنلەش ياكى ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۇچىدۇ. تىزگىنلەشنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئاپتوموبىل، پاراخوت ۋە ئاۋىئاتسىيە مودېللىرى ياكى ئاۋاز، ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ قائىدىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار بىرقەدەر مۇرەككەپ، خالاس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بەلگىلەنگەن ئۇچۇش لىنىيىسى بويىچە ئۇچۇشىغا يىراقتىن قوماندانلىق قىلىش ئۇچۇشنى يىراقتىن تىزگىنلەش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا،