قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى

1995–يىل 10–ئاينىڭ 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ 16–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن .

ئۇيغۇرچە نامى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国固体废物污染环境防治法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1995–يىل 10–ئاينىڭ 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ 16–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىساد ۋە جەمىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىغاتەتبىقلىنىدۇ. 

قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ۋە رادىئوئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تېزگىنلەش ئىشىغا بۇ قانۇن تەتبىق قىلىنمايدۇ.

3–ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىش، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن تولۇق مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ھەرىكىتىگە پايدىلىق ئىقتىسادىي ۋە تىېخنىكىلىق سىياسەت–تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تولۇق يىغىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىشىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولۇشتەك قاتتىق تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ 

4–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىشى ھەمدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىغا پايدىلىق ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق سىياسەت–تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەر–يېزا قۇرۇلىشى پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش پىلانى، رايون تەرەققىيات پىلانى، كەسپى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى، قاتارلىق پىلانلارنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشتا، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىشنى. ، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش نەزەرگەئېلىشى كېرەك. 

5–ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە بۇلغىغۇچى قانۇن بويىچە مەسئول بولۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. 

قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلغان ۋە ئىشلەتكەنلەر قانۇن بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

6–ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دائىر ئىلمىي تەتقىقاتقا، تىخنىكا كەشپىياتىغا، ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دائىر ئىلىم–پەن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دائىر تەشۇىق–تەربىيىنى كۈچەيتىشى، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. 

7–ماددا دۆلەت، ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن مەھسۇلات ۋە تەكرار پايدىلانغىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىشىغا، ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 

8–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىدە شۇنىڭدەك ئالاقىدار ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش پائالىيەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

9–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر ئۈستىدە پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

10–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىر تۇتاش نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئولىيىتى دائىرىسىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقامەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىر تۇتاش نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشنى يولغا قۇيىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش خىزمقىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ قۇرلۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا مەسئول مەمۇرىي تارماقلىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يىغىۋىلىش، ساقلاش، توشۇش، ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش خەزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

2–باب قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش

11–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تېخنىكىلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

12–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى نازارەت قىلىش–ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. بىرلىككە كەلگەن نازارەت قىلىش–ئۆلچەش قائدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نازارەت قىلىش–ئۆلچەش تورى تەشكىل قىلىدۇ.

چوڭ–ئوتتۇرا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقامەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ تۈرى، پەيدابولۇش مىقدارى، بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەرلىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى لازىم. 

13–ماددا قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ساقلايدىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا، قانون بۇيىچە ئۇنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھەمدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇھىت ئاسراش بويىچە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

14–ماددا قۇرلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىگە باھا بېرىلگەن دوكلاتتا يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان مۇئەسسەسەلىرىنى ئاساس قۇرلۇش بىلەن تەڭ لايىھلەش، تەڭ ئېلىپ بېرىش، تەڭ ئىشقا كىرگۈزۈش لازىم. قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان مۇئەسسەسەلىرىنى ئۇنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە باھا بېرىش دوكلاتىنى دەسلەپتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق لاياقەتلىك جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈرۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان مۇئەسسەسەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشنى ئاساسلىق قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. 

15–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان باشقاتارماقلار ئۆزمەسئۇلىتى بۇيىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئىشىغا ئالاقىدار ئورۇنلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. . تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلار ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى ئورگانلار تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلارنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسپى مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

تەكشۈرگۈچى ئورگانلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە، نەق مەيداننى نازارەت قىلىش–ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ. تەكشۈرگۈچى خادىملار نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

3–باب قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش

1–پاراگىراف ئومۇمىي بەلگىلىمە 

16–ماددا قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئۇنى ئازايتىشى لازىم.

17–ماددا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى يىغىدىغان، تۇشۇيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ توزۇپ كېتىش، ئېقىتىلىپ كېتىش، سېڭىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدىغان تەدبىرلەرنى ياكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى شەرت؛ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خالىغانچە تۆكۈشكە، دۆۋىلەپ قويۇشقا، تاشلىۋېتىشكە، چېچىۋىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ دەريا، كۆل، قانال، ئېرىق–ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۇ گورىزونت سىزىقىدىن تۆۋەن جايدىكى ساھىل ۋە يانتۇلۇق قاتارلىق قانۇن، نىزاملاردا تاشلاندۇق تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن جايلارغا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تۆكۈشى، دۆۋىلەپ قويۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

18–ماددا مەھسۇلات ۋە ئورۇنلارنى لايىھىلەش، ياساشتا دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ۋە تېخنىكا شارائىتىغا، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئەھۋالى شۇنىڭدەك مەھسۇلاتقا تېخنىكا جەھەتتىن قويۇلىدىغان تەلەپكە ئاسان، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى، ئارتۇقچە ئورىۋېتىپ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىشى لازىم. 

قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ۋە ئورۇنلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلىنغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە ئورۇنلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە يىغىۋېلىش كېرەك. 

19–ماددا دۆلەت ئىلمىي تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاسان يىغىۋىلىپ پايدىلىنىشقا، ئاسان بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدىغان ياكى مۇھىتتا ئاسان بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغان ياكى مۇھىتتا ئاسان يوقىلىپ كېتىدىغان نېپىز يوپۇق ۋە تاۋار ئورۇنلىرىنى تەتقىق قىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دېھقانچىلق يوپۇقلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ۋە شەخىسلەر يىغىۋىلىپ پايدىلىنىشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق يوپۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى لازىم. 

20–ماددا چارۋا–ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملىك بېقىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بېقىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان چارۋا–ئۆي قۇشلىرى قىغىنى يىغىش، ساقلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىش لازىم. 

ئاھالە مەركەزلەشكەن رايون، ئايرودوروم ئەتراپى، قاتناش غول لىنىيە ئەتراپى شۇنىڭدەك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن رايونلاردا ئوچۇقچىلىقتا شاخ-شۇمبىلارنى كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. 

21–ماددا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىش، ساقلاش، توشوش، بىر تەرەپ قىلىش مۇئەسسەسەلىرىنى، ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىشلىنىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 

22–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ھەم ئۆلكىلىك، ئاپتۇنوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىپ قويغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، ئاساسىي ئېتىزلارنى ئاسراش رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا رايونلاردا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۇش مەيدانلىرىنى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ.

23–ماددا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونىدىن يۆتكەپ ساقلاش، يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، قاتتىق تاشلاندۇقلار يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قوبۇل قىلغۇچى جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقامەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قوبۇل قىلغۇچى جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر چىقىرىشنى تەستىقلىسا بولىدۇ. تەستىقىتىن ئۆتمىگەنلىرىنى يۆتكەپ چىقىرىشقا بولمايدۇ. 

24–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى چېگرىسى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلارنى چېگرا ئىچىگە كىرگۈزۈپ تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

25–ماددا خام ئەشيا قاتارىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ياكى زىيانسىزلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ خام ئەشيا قاتارىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ ئىمپورتىغا چەك قويۇلىدۇ ۋە ئاكىتىپ ئىجازەتلىك ئىمپورت تۈرىگە بۆلۈپ باشقۇرۇلىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋىرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش–كارانتىن قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمپورتى مەنئى قىلىنىدىغان، ئىمپورتىغا چەك قويۇلىدىغان ۋە ئاكىتىپ ئىجازەتلىك ئىمپورت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلاركاتالوگىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. 

ئىمپورتى مەنئى قىلىندىغانلار كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلار نى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىمپورتىغا چەك قويۇلىدىغانلار كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسىراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە تەكشۈرۈشدىن ئۆتكۈزۈپ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك. ئاكىتىپ ئىجازەتلىك ئىمپورت كاتولوگىغا كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشتا، قانۇ ن بويىچە ئاكىتىپ ئىجازەت رەسىمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. 

ئىمپورت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە سۈپەت نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش–كارانتىن قىلىش تارماقلىرىنىڭ لاياقەت جەھەتتىن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىشى شەرت. 

قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنىڭ كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تشقى سودا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش–كارانتىن قىلىش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. 

26–ماددا ئىمپورت قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇق بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

2–پاراگىراف سانائەتنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش

27–ماددا گوۋۇيۈەننىڭمۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ چېكىنى بەلگىلەپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دائىر تېخنىكا سىياسىتىنى تۈزۈشى، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، تىزگىنلەيدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتىنى ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئوموملاشتۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

28–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرىسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى ۋە زىيىنىنى ئازايتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئەت ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، كەشىپ قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى پەيدا قىلىدىغان قالاق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتى، قالاق ئۈسكۈنىلەرنى بەلگىلەيدىغان مۇددەت ئىچىدە شاللاش كاتالوگىنى ئېلان قىلىشى لازىم. 

ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەر گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەنگەن كاتالوگقا كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش ياكى ئىشلىتىشنى ئايرىم–ئايرىم توختىتىشى شەرت. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتىنى قوللانغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كاتالوگقا كىرگۈزۈلگەن ھۈنەر–سەنئەتنى قوللىنىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە شاللاش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

29–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتالايدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم.

30–ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى پەيداقىلدىغان ئورۇنلار مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش بويىچە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. 

31–ماددا كارخانا ئورۇنلىرى، كەسپىي ئورۇنلار خام ئەشيا–ماتېرىيال، ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىق مەنبەلىرىنى مۇۋاپىق تاللاپ ۋە ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئىتىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ئازايتىشى، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىشى لازىم. 

32–ماددا دۆلەت سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى مەلۇم قىلىش–تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنى سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ تۈرى، پەيدا بولۇش مىقدارى، ئېقىش يۆنىلىشى، ئۇلارنى ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك. 

33–ماددا كارخانا ئورۇنلىرى، كەسپى ئورۇنلار ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن ئۆزى پەيدا قىلغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن پايدىلىنىشى لازىم؛ ۋاقتىنچە پايدىلانمايدىغان ياكى پايدىلانغىلى بولمايدىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساقلايدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ياساپ، بىخەتەرلىكى بويىچە تۈرگە ئايرىپ ساقلىشى ياكى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ساقلاش، بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەسلىھە ۋە مەيدانلار دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشى شەرت.

34–ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن تاقىۋېتىش، بىكار تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى چۇۋۇپ تاشلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ تاقىۋېتىش، بىكار تۇرغۇزۇپ قۇيۇش ياكى چۇۋۇپ تاشلاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شۇجايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى شەرت. 

35–ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلارنى ئىشتىن توختىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلاردا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىنكى ئورۇن بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ۋەئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەدبىر قوللىنىپ شۇ ئەسلىھە، مەيدانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلىنىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپ سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى ۋە ئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلىرىنىڭ بۇلغىنىش پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى بويىچە باشقىچە كېلىشكەن بولسا، كېلىشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ لېكىن ئالاقىدار تەرەپنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەجبورىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ. 

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئىشتىن توختىتىلغان ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى ۋە ئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلىرىنى بىخەتەر بىرتەرەپ قىلىش ھەققىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ لېكىن، شۇ ئورۇن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر باشقىچە كېلىشكەن بولسا، كېلىشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ لېكىن ئالاقىدار تەرەپنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

36–ماددا كان كارخانىلىرى ئىلمىي قېزىش ئۇسۇلىنى ۋە رۇدا تاللاش ھۈنەر–سەنئىتىنى قوللىنىپ، قالدۇق قېزىلمىلار، تاشلىق كۆمۈر، يارامسىز رۇدا قاتارلىق كان قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى ۋە ساقلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. 

كان كارخانىلىرى قالدۇق قېزىلمىلار، تاشلىق كۆمۈر، يارامسىز رۇدا قاتارلىق كان قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى ۋە ساقلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. 

كان كارخانىلىرى قالدۇق قېزىلمىلار، تاشلىق كۆمۈر، يارامسىز رۇدا قاتارلىق كان قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ساقلايدىغان ئەسلىھەلەر ئىشتىن توختىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلارنى پىچەتلەپ، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

37–ماددا كېرەكتىن چىققان ئېلېكترو مەھسۇلاتلار ۋە ماتۇرلۇق ماشىنا–كېمىلەرنى چۇۋۇش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىشتا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 

3–پاراگراف تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش 

38–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر–يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنىڭ كەسىپلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ مۇھىتنى بولغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش بويىچە ئىجدىمائي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشى لازىم. 

39–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يىغىۋېلىش، توشۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك، خېرىدار چاقىرىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق شەرتكە توشىدىغان ئورۇنلارنى تاللاپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازلاش، يىغىۋېلىش، توشۇش، ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا سالسا بولىدۇ. 

40–ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مۇھىت تازلىقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا تۆكۈش كېرەك، ئۇنى خالىغىنىچە تۆكۈش، چېچىش ياكى دۆۋىلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

41–ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يىغىۋېلىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشتا دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

42–ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ توشۇش كېرەك، تۈرگە بۆلۈپ يىغىۋېلىش ۋە توشۇشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. 

43–ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى پىلانلىق ياخشىلىشى، شەھەركۆمۈر گازى، تەبىئىي گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ۋە باشقا پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىنى راۋاجلادۇرۇشى كېرەك. 

شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەرگە تازىلانغان كۆكتاتنى كىرگۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئازايتىش كېرەك. 

شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يىغىۋېلىش–سېتىۋېلىش تور نۇقتىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

44–ماددا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلار قۇرۇلۇشى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ قۇرلۇشىقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇھىت ئاسراش ۋە مۇھىت تازلىقى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. 

تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋېتىش، بىكار تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى چۇۋۇپ تاشلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ تاقىۋېتىش بىكار تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى چۇۋۇپ تاشلاش ھەقىقەتىن زۆرۈر بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

45–ماددا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىدىن يىغىۋېلىنىدىغان مادىي ئەشيالانى دۆلەت بىلگىلىگەن ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

46–ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا چىقىپ تۇرغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ توشۇپ تۇرۇشى ھەمدە مۇھىت تازلىقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

47–ماددا ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار توشۇش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدىغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تازلىشى، يىغىۋېلىشى كېرەك. 

48–ماددا يېڭى شەھەر رايونلىرىنى ئېچەش، كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە تۇرالغۇ رايونلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئايرودوروم، پرىستان، بېكەت، باغچە، ماگىزىن قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھە، مەيدانلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ مۇھىت تازلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

49–ماددا يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش كونكىرىت چارىسى يەرلىك نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ. 

4–باب خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلىشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر

50–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

51–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلار كاتالوگىنى تۈزۈپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پەرق ئېتىش ئۆلچىمى، پەرق ئېتىش ئۇسۇلى ۋە تونۇۋېلىش بەلگىسىنى بەلگىلەپ چىقىشى لازىم. 

52–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلار قاچىلىنىدىغان قاچىلار ۋە ئورۇنلاردا شۇنىڭدەك خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش توشۇش بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىگە، مەيدانلىرىغا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى تونۇۋېلىش بەلگىسى قويۇش كېرەك.

53–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلار قاچىلىنىدىغان قاچىلار ۋە ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە شۇ خايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا خەتەرلىك تاشلارنىڭ تۈرى، پەيدا بولۇش مىقدارى، ئېقىش يۈزلىنىشى، ساقلىنىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشى قاتارلىقلارغا دائىر ئالاقىدار ماتېرىياللارنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش پىلانىغا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرى شۇنىڭدەك خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى ساقلاش، ئۇنىڭدەك پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى كىرىشى كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى پەيدا قىلغۇچى ئورۇنلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك جەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مۇشۇ بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش ئىشلىرىدا ياكى خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش پىلانىنىڭ مەزمۇنىدا زور ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك. 

54–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى قۇرۇش ئىشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك. 

55–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى پەيدا قىلغۇچى ئورۇنلار خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت، ئۆز مەيلىچە تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ بىر تەرەپ قىلمىغانلارنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىشكە بويرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچىمۇ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئويغۇن كەلمىگەن بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. 

56–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى كۆمۈش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىشى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولسا، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ھەققى ئېلىشنىڭ چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ھەققى خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

57–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، بىرتەرەپ قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك؛ خەتەرلىك تاشلاندۇقلاردىن پايدىلىنىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى گوۋۇيۈەن بىلگىلەيدۇ. 

تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماي خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

تىجارەت ئىجازەتنامىسى بولمىغان ئورۇنلار خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ياكى ئۇنى ھاۋالە قىلىش-مەنئى قىلىنىدۇ. 

58–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ تۈرگە ئايرىپ يىغىش–ساقلاش شەرت. خۇسۇسىيىتى بىر-بىرىگە زىت كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىمىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلنىدۇ. 

خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى ساقلاشتا دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش شەرت ھەمدە ساقلاش ۋاقتى بىر يىلدىن ئۆتۈپ كەيمەسلىكى لازىم؛ مۇددىتى ھەقىقەتەن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەسلىدە تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا تەستىقلىشى كېرەك؛ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سەرتىدا. 

خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى خەتەرسىز تاشلاندۇقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

59–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يۆتكەشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يۆتكەش بىرلەشمە تىزىملىكىنى تولدۇرۇش كېرەك ھەمدە خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى رايونلۇق شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى رايونلۇق شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىدىغان جايدىكى رايونلۇق شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن كېلىشىپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يۆتكەشنى تەستىقلىشى لازىم. تەستىقلانمىغانلىرىنى يۆتكەشكە بولمايدۇ. 

خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يۆتكەشتە يۆتكەپ چىقىرىلغان، قوبۇل قىلىدىغان جايلاردىن باشقا مەمورىي رايونلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى رايونلۇق شەھەر دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئۆتەر يول ئۈستىدىكى رايونلۇق شەھەر دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 

60–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى توشۇشتا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش ھەمدە دۆلەتنىڭ خەتەرلىك ماللارنى توشۇش–باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش شەرت. 

خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يولۇچىلار بىلەن بىر ترانسىپورت ۋاستىسىدە توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

61–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرىنى، ئەسلىھەلىرىنى، ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە قاچىلىرىنى، ئورۇنلىرىنى ۋەباشقا بۇيۇملىرىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتشكە توغرا كەلگەندە، بۇلغىنىشىنى تۈگىتىش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.

62–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان، يىغىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلار كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرگەندە قوللىنىدىغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ئۇنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىشى كېرەك؛ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق ئۇنى تەكشۈرۈشى لازىم. 

63–ماددا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشىغا سەۋەبچى بولغان ئورۇنلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش خەۋىپىنى تۈگىتىشى ياكى ئازايتىشى بۇلغاش خەۋىپىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارغا ۋە ئاھالەگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

64–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلار ئېغىر دەرىجىدە مۇھىتنى بولغايدىغان، ئاھالىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىش ئېھتىمالى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان باشقا تارماقلار دەرھال شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى، خەلق ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى خەۋىپنى ئازايتىشى شەرت. ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسسىنىڭ كېلپ چىقىش ئېھتىمالىغا سەۋەپچى بولىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇلسا بولىدۇ. 

65–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلار مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇقتىلىق ئەسلىھە، مەيدانلارنىڭ ئىشتىن توختىتىلىش خىراجىتىنى ئالدىن ئېلىپ، مەبلەغ ئومۇمىي ھېساباتىغا ياكى باشقۇرۇش تەننەرخىگە كىرگۈزۈش كېرەك. خىراجەتنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارماقلىرى، باھا باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. 

66–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ يۆتكەش مەنئى قىلىنىدۇ. 

5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

67-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغان-باشقۇرىدىغان باشقا تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مەسئۇل جاۋابكارغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى بېجىرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزگەن ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن تەكشۈرمىگەنلەر؛ 

(3) نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشى بارلار. 

68–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغانلار، ياكى مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

(2) ۋاقتىنچە پايدىلانماي ياكى پايدىلانغىلى بولمايدىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىخەتەر ۈساقلايدىغان ئەسلىھە، مەيدان ياسىمىغانلار ياكى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار؛ 

(3) بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە شاللاش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارنىڭ ئىشلىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛ 

(4) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئەسلىھە ۋە مەيدانلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، بىكار تۇرغۇزۇپ قويغان ياكى چۇۋۇپ تاشلىغانلار؛ 

(5) تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، ئاساسىي ئېتىزلارنى ئاسراش رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا رايونلاردا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەيدانلىرىنى ياسايدىغانلار؛ 

(6) قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مەمۇرىي رايوندىن يۆتكەپ ساقلىغان، بىر تەرەپ قىلغانلار؛ 

(7) مۇناسىپ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللانماي، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنىڭ توزۇپ كېتىشىگە، ئېقىتىلىپ كېتىشىگە، سىڭىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلار ياكى باشقا مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 

(8) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى توشۇش جەريانىدا يول بويى چۈشۈرۈپ، چېچىپ ماڭغانلار. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ 1–تارماقچىسى، 8–تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7–تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

69–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشتا قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارمىغان، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولمىغان ئەھۋالدا، ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن ياكى ئىشقا سالغان بولسا، شۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقابۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانى قويسا بولىدۇ. 

70–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان باشقا تارماقلارنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ رەت قىلىپ تۈزەتمىگەنلەر ياكى تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلغانلارغا 2مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

71–ماددا چارۋا–ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملىك بېقىشتا ئۇنىڭ قىغ–ماياقلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يىغماي، ساقلىماي، بىرتەرەپ قىلماي، مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50–مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

72–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلغان ياكى شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن ياكى شاللىۋېتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر–سەنئتىنى قوللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى ئۇنىۋېسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىشتىن توختىتىش ياكى تاقىۋېتىشنى قارار قىلىشىغا يوللايدۇ. 

73–ماددا قۇيرۇق قېزىلما، تاشلىق كۆمۈر، يارامسىز رۇدا قاتارلىق كان قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى ساقلايدىغان ئەسلىھەلەر ئىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە پېچەتلەنمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

74–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىرقىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قانونغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈشكەبۇيرۇيدۇ ۋە جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى خالىغانچە تۆككەن، ياكى دۆۋىلەپ قويغان بولسا؛ 

(2) تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، بىكار تۇرغۇزۇپ قويغان ياكى چۇۋۇپ تاشلىغان بولسا؛ 

(3) قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ چىقىرۋەتمەي، مۇھىتنى بۇلغىغان بولسا؛ 

(4) قۇرلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن پايدىلىنىش ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى مۇھىت تازىلىقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قىلمىغان بولسا؛ 

(5) تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇش جەريانىدا يول بويى چۈشۈرۈپ، چېچىپ ماڭغان بولسا. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-، 3-، 5–تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئورۇنلارغا 5 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 2-، 4–تارماقچىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. شەخىسلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ 2-، 5–تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

75–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى تونۇۋېلىش بەلگىسى قويمىغان بولسا؛ 

(2) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىپ تىزىملاتمىغان ياكى مەلۇم قىلىپ تىزىملىتىشتا ساختىلىق قىلغان بولسا؛ 

(3) خەتەرلىك تاشلاندۇقلار يىغىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئەسلىھە، مەيدانلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، بىكار تۇرغۇزۇپ قويغان ياكى چۇۋۇپ تاشلىغان بولسا؛ 

(4) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ھەققى تاپشۇرمىغان بولسا؛ 

(5) تىجارەت ئىجازەتنامىسى بولمىغان ئورۇنلارغا خەتەرلىك تاشلاندۇق تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەن ياكى ئۇنى ھاۋالە قىلغان بولسا؛ 

(6) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يۆتكەش بىرلەشمە تالونىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تولدۇرمىغان ياكى تەستىقلانمىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەن بولسا؛ 

(7) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى خەتەرسىز تاشلاندۇقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ساقلىغان بولسا؛

(8) بىخەتەرلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان، خۇسۇسىيىتى بىر–بىرىگە زىت كېلىدىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يىغقان، ساقلىغان، توشىغان ۋە بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛ 

(9) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يولۇچىلار بىلەن بىر ترانسىپورت ۋاستىسىدە توشىدىغان بولسا؛ 

(10) بۇلغىنىشنى تۈگىتىش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنمىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرىنى، ئەسلىھەلىرىنى ۋە قاچىلىرىنى، ئورۇنلار ھەم باشقا بۇيۇملار باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بەرگەن بولسا؛

(11) لايىقىدا ساقلىنىش تەدبىرى قوللانماي خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ توزۇپ كېتىشىگە، سىڭىپ كىتىشىگە ياكى باشقا مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا؛ 

(12) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى توشۇش جەريانىدا يول بويى چۈشۈرۈپ، چېچىپ ماڭغان بولسا؛ sfsef 

(13) خەتەرلىك تاشلاندۇقلاردىن كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ۋە تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزمىگەن بولسا. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-، 2-، 7-، 8-، 9-، 10-، 11-، 12-، 13–تارماقچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 3-، 5-، 6–تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا 20مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 4–تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى چىقىرىش پۇلنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرىدۇ، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇل بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

76–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق چىقارغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى پەيدا قىلغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتشكە بۇيرۇيدۇ، ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن، ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ.

77–ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تىجارىتى بىلەن تىجارەت ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇغلۇق شۇغۇللانغان ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇغۇللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بويرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پائالىيەت بىلەن تىجارەت ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇغۇللانمىغانلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى شۇ ئىجازەتنامىنى بەرگەن ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا بولىدۇ. 

78–ماددا مۇشۇ قامۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى زېمىن ئىچىگە كىرگۈزۈپ تۆككەن، دۆۋىلەپ قويغان ۋە بىر تەرەپ قىلغانلارنى، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلغان ياكى ئىمپورتىغا چەك قويۇلغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خام ئەشيا ئورنىدا ئىشلەتكەنلەرنى تامۇژنا ئورنى قايتۇرۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ئىمپورت قىلغۇچى ئېنىق بولمىسا، شۇ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى توشۇغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى شۇ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ زېمىنى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشىدىن يوشۇرۇپ چېگرا ئىچىگە كىرگۈزۈپ، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. 

79–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ يۆتكىگەنلەرنى تاموژنا شۇ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم 50مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

80–ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قانۇن بويىچە تاموژنىغا پىكىر سۇنىدۇ، تامۇژنا مۇشۇ قانۇنىڭ 78–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالاش قارارى چىقىرىش لازىم؛ مۇھىتنى بۇلغىغان بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئىمپورت قىلغۇچىلارنى بۇلغىنىشىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

81–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە ئوڭشاشنى قارار قىلىدۇ؛ سۈرۈك ئۈتۈپ كەتمىچىمۇ ئوڭشاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشتىن توختىتىش ياكى تاقىۋېتىشىنى قارار قىلىدۇ.

82–ماددا مۇشۇ تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغان ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى 20مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بىۋاستە زىياننىڭ 30 پرسەنتى بويىچە ھېسابلاپ جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1مىلىيون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، مەسئۇل جاۋابكارغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارغا مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ؛ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش ياكى تاقىۋېتىشىنى قارار قىلىدۇ. 

83–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىش، ساقلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە مۇھىت بولغىنىش ھادىسسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

84–ماددا قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىشىدىن زىيان يەتكەن ئورۇن ۋە شەخىسلەر قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسىغا دائىر ماجرالارنى مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ياكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغان-باشقۇرىدىغان باشقا تارماقلار ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە كېلىشتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ كېلىشتۈرۈشكە بولمىسا، ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ. 

دۆلەت قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىت بۇلغىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش داۋامىدا زىيان يەتكۈزگەنلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئىلھام بېرىدۇ. 

85–ماددا قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار زىياننى تۈگىتىشى، قانۇن بويىچە زىياننى تۆلىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم. 

86–ماددا زىيانكەشلىك قىلغۇچى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن كەچۈرۈم قىلىنىش سەۋەبى ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيان ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى دەلىللەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

87–ماددا ئالاقىدارلار قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىغا دائىر زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى ماجرالاردا، مۇھىت نازارەت قىلىش–ئۆلچەم ئاپپاراتىغا نازارەت قىلىش–ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتى بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇھىت نازارەت قىلىش–ئۆلچەش ئاپپاراتى ھاۋالە قوبۇل قىلىشى، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئەينەن بېرىشى لازىم. 

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

88-ماددا بۇ قانۇقدا قوللىنىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى : 

(1) قاتتىق تاشلاندۇقلار-ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە باشقا ھەركەتلەر داۋامىدا كېلىپ چىققان، ئەسلىدىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقان ياكى پايدىلىنىش قىممىتىنى بولسىمۇ، تاشلىۋېتىلگەن ياكى ۋاز كېچىلگەن قاتتىق ھالەتتىكى، يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ۋە قاچىلانما گاز ھالەتتىكى نەرسىلەر، ماددىي نەرسىلەر شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلەنگەن نەرسىلەر ۋە ماددىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(2) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى-كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

(3) تۇرمۇش ئەخلەتلىرى-كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلار شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تۇرمۇش ئەخلەتلىرى دەپ قاراش بەلگىلەنگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

(4) خەتەرلىك تاشلاندۇقلار-دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن خەتەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

(5) ساقلاش-قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئالاھىدە ئەسلىھە ياكى مەيدانلاردا ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

(6) بىر تەرەپ قىلىش-قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كېلىپ چىققان قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىش ۋە تۈگىتىش يولىدىكى پائالىيەت ياكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن مەيدانلارغا بىراقلا كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

(7) پايدىلىنىش-قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن ماتېرىيال تاللاپ ئېلىپ خام ئەشيا ياكى يېقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

89–ماددا سۇيۇق ھالەتتىكى تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن سۇغا قويۇۋېتىلىدىغان كېرەكسىز سۇلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ. 

90-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئىشىغا ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بۇ قانۇندىكىدىن باشقىچە بەلگىلەنگەن بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساقلاپ قېلىشىنى جاكارلىغان ماددا–تارماقلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

91-ماددا بۇ قانۇن 2005–يىل 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#