شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندى. ھەر مىللەت، تۈرلۈك مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ئىرادىلىك مېيىپلار ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى
ئايرىمىسى ئالاھىدە مائارىپ
خەنزۇچە نامى 新疆残疾人职业中专学校
مەكتەپ تۈرى ئالاھىدە كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىشىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندى. ھەر مىللەت، تۈرلۈك مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ئىرادىلىك مېيىپلار ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى. 1992-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى قۇرۇش قارار قىلىندى. 1993-يىلى قۇرۇلۇش باشلاندى. 1995-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلىدى.  1999-يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 34 نەپەرگە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 396 نەپەرگە يەتتى. يەر مەيدانى 2800 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 3700 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى قاراماي غەربىي يولى يەتتىنچى نومۇرغا جايلاشقان. بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مەخسۇس مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىگە تەۋە.

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىكەسپىي جەھەتتىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە ئىشخانا، ئوقۇتۇش بۆلۈمى، ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمىدىن ئىبارەت تۆت فۇنكسىيىلىك بۆلۈم ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم خەنزۇ تىلى ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئۈچ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتتىن مېيىپ، گاس-گاچا، ئەقلى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان. ئوقۇتۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش تارىخىي مائارىپىنى ئاساس، ئوتتۇرا قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەشنى قوشۇمچە قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىمەكتەپتە كومپيۇتېر قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، گۈزەل-سەنئەت، ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش، جۇڭيىچە داۋالاش قاتارلىق 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مېيىپلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئىختىيارىي كەسىپ تاللاپ ئوقۇش بىلەن تەمىنلىگەن. 1999-يىلى مەكتەپ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا مەكتەپنىڭ نامىنى شىنجاڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي تېخنىكومى دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم تۇنجى قېتىم شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، گاچىلار بىزەش لايىھىلەش ئالىي تېخنىكومى سىنىپى تەسىس قىلغان. بەلگىلىك كۆلەمدىكى كومپيۇتېر ئۆيى، كىيىم-كىچەك تىكىش ئۆيى، قول-ھۈنەر سەنئەت توقۇمىچىلىق، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئۆيى، ئاشپەزلىك پراكتىكا ئۆيى، كۇتۇپخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 12-كەسپىي تېخنىكا باھالاپ بېكىتىش ئورنى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. 

بۇ مەكتەپ يەنە دۆلەتلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوخشاش تۈردىكى مەكتەپلەر قاتارىدا ئوقۇتۇش شارائىتى ئىلغار ئورۇنلارنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8235055.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#