مۇھەممەت ياسىن

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى مۇھەممەت ياسىن مۇئەللىم دەل ئەنە شۇنداق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز تىرىشىپ، ھاياتىدىن مەنا ئىزدەپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مۇھەممەت ياسىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئۈرۈمچى
كەسپى ئىقتىسادشۇناس
خەنزۇچە ئىسمى 买买提·牙森
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1974-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇھەممەت ياسىنغايە ۋە نىشان ئىنسان ئۈچۈن يول باشلىغۇچى ماياكتۇر. ئادەمنىڭ ئېگىلمەس–سۇنماس روھى، چىدام–غەيرىتى، جاپالىق ئەجرى ئۇنى شان–شەرەپ سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىدۇ. غايىلىك ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ ئىلىم–پەن جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت بەختى يولىدىكى بىر خىل مەنىلىك ئەمگەك دەپ بىلىدۇ. كۆڭلىگە پۈككەن بۈيۈك ئارمانلىرىغا يېتىش يولىدا چىدام ۋە شىجائەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. دۇنيادا ئەقىلسىز، دەۋەڭ ئادەم يوق، پەقەت تىرىشمايدىغان، ھورۇن ئادەملا بار، ھەقىقىي تىرىشچانلىق ئادەمنى مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ ئېتىكىنى ئالتۇنغا تولدۇرماي قالمايدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى مۇھەممەت ياسىن مۇئەللىم دەل ئەنە شۇنداق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز تىرىشىپ، ھاياتىدىن مەنا ئىزدەپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر.

2013 –يىلى فىلىپىننىڭ پايتەختى ماندېلادا 14–نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىلمىي ماقالە ياقىلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە دۇنيادىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ سەرخىل ئىلمىي ماقالىلىرى تاللاپ قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ماقالىلەر ئارىسىدا جۇڭگولۇق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەت ياسىننىڭمۇ ماقالىسى بار ئىدى. مۇسابىقە جەريانىدا دۇنيا ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى 300 نوپۇزلۇق مۇتەخەسىس مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنى بىرمۇ بىر باھالاپ چىقماقتى ئىدى. نۆۋەت مۇھەممەت ياسىنغا كەلگەندە، مۇسابىقە زالى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. مۇھەممەت ياسىن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سورىغان مۇرەككەپ سوئاللىرىغا راۋان ئىنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگەنىدى. مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتكۈل زالدىكىلەر مۇھەممەت ياسىن ئۈچۈن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، چۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا مۇھەممەت ياسىن نائىل بولغانىدى.

بىز پەرزەنتنى كۆچەتكە ئوخشاتساق، ئائىلە شۇ كۆچەت تىكىلگەن باغ، ئاتا–ئانا شۇ باغنىڭ باغۋەنلىرىدۇر، كۆچەتنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك ھوسۇل بېرىشى ماھىيەتتە ئاشۇ ئائىلىنىڭ باغۋەنلىرىگە باغلىقتۇر. 1974–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان مۇھەممەتنىڭ ئاتا–ئانىسىنى «مول-ھوسۇللۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈپ چىقالىغان ئىقتىدارلىق باغۋەنلەر» دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى مۇھەممەتنىڭ ئاتىسى ياسىن ياقۇپ ئاكا شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ، ئۇ خەنزۇ تىلى، رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق سەككىز خىل تىلنى پىششىق بىلىدىغان مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا، ئەتىۋارلىق ئوغلى مۇھەممەتنى ھەر تەرەپتىن ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن مۇھەممەت ئاتىسىنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەسىدە ئىنگلىز تىلى ۋە ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. مۇھەممەت ئاتا-ئاتىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىشى بەدىلىگە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ، تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئۆگىنىشتە سىنىپ بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلدى. ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىكى ئارزۇسى ئاتىسىغا ئوخشاش ياراملىق تەرجىمان بولۇپ چىقىش ئىدى.

كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلارنى پۈككەن مۇھەممەت 1992–يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئەلىيۇلئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ شان–شەرىپىدىن ئاتا–ئانىسى ئالەمچە خۇشال بولدى. ئاتا–ئانىسىنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەسى ۋە ئۆزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىن نامايەن بولغانىدى، دېمەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق تەلەيگە تايىنىپلا ئۆتۈپ قالىدىغان ئىمتىھان ئەمەس ئىدى.

ـــ ئائىلىمىزدە ئۈچ بالا بولۇپ، مەن بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم. ئەينى يىلى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئوقۇشقا بارماي، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشۇمدىكى ئاساسلىق مەقسىتىم ئاتا–ئانامنىڭ يېنىدا يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەڭ ئۈستۈمگە ئېلىش ئىدى. شۇ چاغدا ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى پەقەت ئاتامنىڭ بىر كىشىلىك مائاشىغىلا قاراشلىق ئىدى. ئىككى ئاچام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئاتامنىڭ بىر كىشلىك مائاشىغا تايىنىپ، ئۈچىلىمىزنىڭ بىراقلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىشىمىز ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىشىمغا، شۇم تەقدىر ئاتامنىڭ رىسقىغا چاڭگال سالدى. قەدىردان ئاتامنىڭ بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالىشىشى ئائىلىمىزدىكىلەرنى قاتتىق ھەسىرەتلەندۈردى. راستىنى ئېيتسام، ئاتامنىڭ ياشلا قازا قىلىشى ماڭا روھىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم بولغانىدى، شۇ سەۋەبتىن خېلى بىر مەزگىللەرگىچە ئۆگىنىش قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدىم، بىراق مېھرىبان ئانامنىڭ كۆپ قېتىم تەسەللىي بېرىشى بىلەن ئۆزۈمنى ئاران ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدىم. ئاتام كۆز يۇمغاندىن باشلاپ ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى يۈكى ماڭا يۈكلىنىپ قالدى. مەن ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىغا ھۆسنخەت يېزىپ بېرىپ، ئاز-تولا ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشتىم، كېيىنچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ھەمكارلىشىپ مەنزىرە سۈرەت يايمىسى ئاچتىم. بىز بىرلىكتە مەنزىرە سۈرەتلەرنى ئەينەك جازىغا ئېلىپ، دۆڭكۆۋرۈكتە يايما قىلىپ ساتاتتۇق. بىز دۇكانلاردا 450 يۈەندىن ساتقان مەنزىرە سۈرەتلەرنى خېرىدارلارغا 150 يۈەندىن ساتاتتۇق، ئارقىدىن خېرىدارلاردىن ئۆيىگىچە ئاپىرىپ ئورنىتىپ بېرەتتۇق. بىر قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئون نەچچە ئەينىكىمىز چېقىلىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن تىجارىتىمىزدىن زىيان چىقىپ، ھەمكارلىقىمىز ئاخىرلاشتى، ـــ دەپ سۆزىنى باشلىدى مۇھەممەت ياسىن.

مۇھەممەت ياسىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا ئاتىسى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا پاراڭلىشاتتى. ئىنگلىز تىلىغا ئۇستا بولۇشتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىق ئۇنىڭ كېيىنكى ياشاش يولىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىنى پىششىق بىلىشتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى كۇرسى ئاچتى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنگلىز تىلى كۇرسى ئاچىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. كۇرسنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى يۈرىشىشىگە ئەگىشىپ، مۇھەممەت ياسىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىدىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىش بولدى. مۇھەممەت ياسىن ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزىدىغان يىلى مەكتەپ ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسپىرانتىلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلدى. ئۇ ئاسپىرانتلىق ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئوقۇسام، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەردىم. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى مەزگىلىدە، ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى جەھەتتە تىرىشىپ ئىقتىدار يېتىلدۈردۈم. «تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار» دېگەندەك بۇ تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ دەسلەپكى مېۋىسىنى 1996–يىلى كۆردۈم. ئەينى چاغدا مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن شياڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئىقتىساد تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىپ، يىغىنغا بارغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ياقىلاش شەرىپىگە نائىل بولدۇم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق سەھنىدە ئىلمىي ماقالە ياقىلىشىم ئىدى. مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، بۇ شەھەرنىڭ مۇھىتىنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكى ھېس قىلدىم. شياڭگاڭ كۇتۇبخانىلىرىدىكى كىتابلارنىڭ موللىقى، شياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى قاتارلىقلار ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن شۇ چاغدا شياڭگاڭدىكى بىر باغچىغا كىرگەنىدىم، بۇ باغچىغا كىرىپ ئويۇنچۇق ئوينايدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەمما ئويۇنچۇقلارنى ئويناشقا ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئۆچرىتى شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئۆچرەتنىڭ تەرتىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىكەن، مەن شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى دىيارىمىزدىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرۇپ، تەرەققىي تاپقان شەھەرلەرنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ خىل ھېسسىيات يۈرىكىمگە دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىستىكىنى سالدى.

غەلبە ۋە نەتىجە ھەمىشە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. روھىي جەھەتتىن بوشاشمايدىغان، بىر ئىشقا كىرىشكەن ھامان دىققىتنى باشقا ياققا چاچمايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. نەتىجە مەڭگۈ پۇرسەتنى بايقىغان ھەمدە شۇ پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، توغرا تاللاش ئىچىدە توختاۋسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. مۇھەممەت ياسىن دەل ئەنە شۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدىغان ياش ئىدى.

2000–يىلى ئامېرىكىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق باشقۇرۇش پەنلىرى يىغىنىغا بىر پارچە ماقالەم تاللىنىپ، ئامېرىكىغا ماقالە ياقىلىغىلى باردىم. شۇ يىلى مەن ئەمدىلا 26 ياشتا بولۇپ، تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشىم ئىدى. ئامېرىكىدىكى يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا، غەرب ئەللىرىنىڭ تەتقىقاتقا تۇتقان ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى. شۇ قېتىملىق يىغىندا بىر ئامېرىكىلىق پىروفېسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ مېنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدۇم. شۇ قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە «غەربنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا بىر خىل كۈچلۈك ئىقتىسادىي نەزەرىيە بار ئىكەن، مەن ئامېرىكىدا ئوقۇپ، ئەنە شۇ نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىشىم كېرەك ئىكەن» دېگەنلەرنى ھېس قىلدىم. ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوي يۇڭىنى ئەلالاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمانلىقىغا تەكىلىپ قىلىنىپ، ئاۋستىرالىيەدە 20 كۈن تۇردۇم، بۇ جەرياندا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى، ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىگە كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى مۇھەممەت ياسىننىڭ ۋىزىسىغا «كۆچمەنلىك ئىستىكى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن تامغىنى بېسىپ قويغاچقا، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇيى سۇغا چىلاشتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش نىيىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى.

 2004 –يىلى «دۇنيا فورد ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندىم. شۇ چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن ئالەمچە سۆيۈنگەنىدىم، ئەمما چەت ئەلدىمۇ تىرىشمىغان، تۇرمۇشىنى تەرتىپسىز ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنىنىڭ يەنىلا قىيىنچىلىقتا ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ئەنگلىيەگە بارغاندىن كېيىن ئىشلىرىم ئاسانلىشىپ قالمىدى، بەلكى تېخىمۇ بەكرەك جاپالىق ئىشلىدىم، تېخىمۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بەردىم. بىرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا ئىزچىل تەتقىقاتىمغا بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىنى چىڭ تۇتتۇم. دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىدا جۇڭگونىڭ رايون ئىقتىسادى توغرىسىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئەنگلىيەدىكى دوكتور-ئاسپىرانتلارنىڭ ماقالە ياقىلاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردۇم. ئەينى چاغدا پىروفېسسورۇم ستەن سېبىرت ماڭا «سەندىن بۇرۇن دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنىپ، تۇنجى يىلىلا ئۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنى كۆرۈپ باقىمىغانىدىم، سەن ھەقىقەتەن قالتىسكەنسەن» دېگەنىدى. 2007–يىلى دۇنيا بانكىسى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئەمگەك ئىقتىسادشۇناسلىق جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ماقالە ياقىلاش مۇنبىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ بىر پارچە ئىلمىي ماقالەم يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. 

ئەنگلىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر–ئاسپىرانتلارغا ئىقتساد ھەم ئستاتىستىكا پەنلىرى بويىچە دەرس بەردىم. ياۋروپا دەرىجىلىك بىر قانچە تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتىم ھەمدە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا خېلى كۆپ ماقالە ئېلان قىلدۇردۇم، خەلقئاراغا داڭلىق Deloitte كارخانا مەسلىھەتچلىك شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى قىلدىم، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا نۇتۇق سۆزلىدىم ھەمدە تۈرلۈك تەتقىقات تېمىلىرىغا قاتناشتىم. بۇ جەرياندا پىروفېسسورۇم ستەن سېبىرت بىلەن مەۋرى ئوۋمەخانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياۋروپا دەرىجىلىك ئىككى چوڭ تەتقىقات تېمىسىغا قاتنىشىپ، پىروفېسسرلىرىمنىڭ ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە چېنىقىشقا بولغان ئەستايىدىللىقى قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى. پىروفېسسورۇم ستەن سېبىرت 65 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، چېنىقىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پىكاپى بولسىمۇ، ئۇنى ھەيدىمەي، دائىم ۋېلسىپىت مىنەتتى، ئۇنىڭ ۋېلىسىپىت مىنگەن ھالىتىگە كەينىدىن قارىغان ئادەم ئۇنى 18 ياشلىق يىگىتلەرگە ئوخشىتىپ قالاتتى. ئۇ ھەمىشە تاغقا يامىشاتتى، چېنىقىشقا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تەتقىقاتقا كىرىشىپ قالسام، ئۇ كېچىلەپ ئۇخلىماي تەتقىقات ئېلىپ بارسا، مەن ئۇيقۇغا ئارانلا بەرداشلىق بېرەلەيتتىم. پىروفېسسورۇم ھەرقانچە ئالدىراش بولۇپ كەتسىمۇ، ئائىلىسى ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم ۋاقىت ئاجىرىتاتتى. ھەپتىلىك خاتىرە تۇتۇپ، شۇ خاتىرىسىگە مەخسۇس ئائىلىسى ئۈچۈن ئاجىرىتىدىغان ۋاقىتلىرىنى خاتىرلەپ قوياتتى، شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، قولىدىكى ھەرقانداق مۇھىم ئىشىنى قويۇپ، ئائىلىسى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتاتتى، ـــ دېدى ئۇ ئەنگلىيەدىكى ھاياتىنى ئەسلەپ.

مۇھەممەت ياسىن ئەنگلىيەدىكى مەزگىللىرىدە، ياۋروپانىڭ تەتقىقات فوندىلىرىدىن كىرىمگە ئېرىشىشتىن سىرت، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپمۇ خېلى ياخشى كىرىم قىلاتتى، بۇ كىرىملىرى بىلەن ئەنگلىيەدە راھەتتە ياشىيالايتتى، بىراق مۇھەممەت ياسىننىڭ ۋەتەنگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ئۇنى ۋەتەنگە قايتىشقا ئۈندىدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كارخانىلار بىلەن رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، مىللىي كارخانىچىلىرىمىزغا مال ئوبوروت قىلىش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە بازار ئېچىش، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەت ياسىن2013 –يىلى بىر قانچە دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ ئۆزتۈرۈك مەبلەغ سېلىش، باشقۇرۇش، مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتىم. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل مىللىي شىركەتلەرگە مەسلىھەت بېرىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مەن شىنجاڭ ساداقەت بىيو پەن–تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى قىلىش جەريانىدا، بۇ شىركەتكە ئىستىراتىگىيەلىك نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا توققۇز تۈرلۈك تىجارەت ئەندىزىسىنى تۈزۈپ بەردىم، نەتىجىدە بۇ شىركەت باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە كارخانا تۈزۈلمىسى جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مېنىڭچە، كۆپىنچە مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ نىشان ۋە ئىستىراتىگىيە بېكىتىشى توغرا ئەمەس. مىللىي كارخانىلار خېرىدارىنى بېكىتىش، قىممەت بەلگىلەش، قىممەت يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت، بايلىق مەنبەسىنى قېزىش، خىزمەت دائىرىسى بەلگىلەش، ھەمكارلاشقۇچىلارنى تېپىش، كىرىم مەنبەلىرىنى ئېنىق ئايرىش، تەنھەرىخ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق توققۇز تەرەپتىن سودا ئەندىزىسىنى تۈزۈشى؛ ئېقىمغا ئەگىشىش، قارىغۇلارچە دوراش، ئۆزىنىڭ كونا تەپەككۇرى ئارقىلىقلا خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشى؛ مالىيە جەھەتتىن ئىسكىلاتتىكى مال قالدۇقى، ئېلىشقا ۋە بېرىشكە تېگىشلىك پۇل، نەق ھېسابات ۋە بانكىدىكى ھېسابات، مۇقىم مۈلۈك ئامېرزاتسىيەسى قاتارلىقلار ئۈچۈن مالىيە سىستېمسىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇلارغا قارىتا ئۆلچەملىك يۇمشاق دېتال لايىھەلەپ، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قۇرۇشى؛ ئېلان–تەشۋىقاتتىكى ئوبراز قۇرۇلۇشىدا كونا ئەندىزىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقى، باشقىلار ئىشلىگەن ئېلاننى ئەينەن تەقلىت قىلىپ قويماسلىقى كېرەك. مەن بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن رايونىمىزنىڭ ماكرو ئىقتىساد ۋە مىكرو ئىقتىسادىغا چوڭراق تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىمەن، ـــ دېدى مۇھەممەت ياسىن.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#