جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
چەتئەلچە نامى All-China Students' Federation
قۇرۇلغان ۋاقتى 1919-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئالىي مىزانى " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى "
ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى
خەنزۇچە نامى 中华全国学生联合会
قۇرۇلغان ئورنى جۇڭگو شاڭخەي
قىسقارتىلغان نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
تەشكىللىك پرىنسىپ دىموكراتىيە − مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى
باش ئادرېس جۇڭگو بېيجىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1949-يىلى 3-ئايدا، بېيپىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار 14-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. 

پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوممۇنىستىك تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساۋاقداشلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ ساغلام، پايدىلىق، مول مەزمۇنلۇق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ساۋاقداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛ ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ساۋاقداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت.

مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدە كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئومۇمەن مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولالايدۇ. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاي ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئۇ مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتى قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى قارار قىلىدۇ، رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان ئەزا ئورۇنلار ئەۋەتكەن ۋەكىل رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ھەيئەت رىياسىتى تەشكىل قىلىنىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇش، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇھىم تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇردى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#