جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان. مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يادرولۇق كۈچ بولغان ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلارنىڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى
چەتئەلچە نامى All-China Youth Federation
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى
تەشكىللىك پرىنسىپ دىموكراتىيە − مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى
تۈپ مىزان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华全国青年联合会
قىسقارتىلغان نامى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى
ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان مەملىكەتلىك كومىتېت
رەھبىرىي تەشكىلات جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى
ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يادرو كۈچ قىلىنغان ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلارنىڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىدۇر. 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دېموكراتىك ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، كېيىن ئۇنىڭ نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلدى.

 ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىستىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە، دۆلىتىمىزنى يۈكسەك مەدەنىي ۋە يۈكسەك دېموكراتىيىلەشكەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.

مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيىتى، جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى قىزلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيىتى ۋە ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىقلاردىن بىرلىشىپ تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك كومىتېتىدۇر. مەملىكەتلىك كومىتېت ئەزا تەشكىلاتلار ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەخسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

 لياۋ چېڭجى، ليۇ شىيۈەن، ۋاڭ ۋېي، خۇ چىلى، خۇ جىنتاۋ، ليۇ يەندۇڭ قاتارلىقلار.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#