ئىتالىيە كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيەسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىتالىيە كۆپ پارتىيىلىك دۆلەت، ئىتالىيىدە ئاساسەن كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيەسى، كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، لىبېرالىستلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەر بار. سىياسىي پارتىيىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى توختىماي ئالمىشىپ تۇرىدۇ، 1945-يىلىدىن 1993-يىلىغىچ ە50 نەچچە قېتىم نۆۋەت ئالماشقان. ئەمما، ھۆكۈمەت قانداقلا ئالماشمىسۇن، ئەزاسى ئەڭ كۆپ ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى تا ھازىرغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ باقمىغان، ئەمما، خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيەسى يىقىلماس قورچاقتەك، ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى ۋە مۇھىم مىنىستىرلىكلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى مۇشۇ پارتىيەنىڭ ئەزالىرى ئۆتەپ كەلگەن.
خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيەسى 1918-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ تەكتى خەلق پارتىيەسى بولۇپ، 1926- يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى فاشىستىك ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. 1943-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇسسولىنى فاشىستىك ھاكىمىيىتى غۇلىتىلغاندا، ئەسلىدىكى خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيەسىنى قۇرغان. بۇ پارتىيە ئىچكى جەھەتتە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە بازار ئىگىلىكىنى ساقلاش، ئەركىن كارخانىلارنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشنى؛ تاشقى جەھەتتە ئىتالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەشەببۇس ناھايىتى زور كۈچكە ئىگە دىنىي جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ماس كېلىدۇ، مانا بۇ، بۇ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.