غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ياۋروپادا تەسىرى ئەڭ چوڭ ئۇنېۋىرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
باشقا نامى بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1951-يىلى
خەنزۇچە نامى 西柏林国际电影节
چەتئەلچە نامى Berlin International Film Festival

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ياۋروپادا تەسىرى ئەڭ چوڭ ئۇنېۋىرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى. فېستىۋالغا ئالفرېد پائۇل ئاساس سالغان. بۇ كىنو فېستىۋالى 1951 - يىلى غەربىي بېرلىندا مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە، مۇددىتى ئىككى ھەپتە. مەقسىتى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى قويۇپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا كىنو خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كىنونىڭ تارقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىبىرلىشىپ ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم ۋە قىسقا فىلىملەرنى باھالاش ھەمدە ھېكايە فىلىم، ئۇزۇن ھۆججەتلىك فىلىم، قىسقا فىلىم، كارتون فىلىملەرنى قويۇپ كۆرگەزمە قىلىشتىن ئىبارەت. ھەر قېتىمدا قويۇلىدىغان ھەر خىل فىلىملەرنىڭ سانى200 ~300 گە، بەزىدە 500 گە يېتىدۇ؛ ھەربىر دۆلەت ۋە رايون ئوخشاش خىلدىكى فىلىملەردىن پەقەت بىرنىلا تەمىنلەيدۇ؛ يىغىن سىرتىدا قويۇلىدىغان فىلىملەرنىڭ ھەربىر خىلى سەككىز فىلىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كىنو فېستىۋالى مەزگىلىدە كىنو خادىملىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، يېڭى كىنو سۆھبەت يىغىنى، ياشلار كىنو مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى مەلۇم دۆلەت ۋە رايون ئۈچۈن ۋەكىل خاراكتېرلىك كىنولارنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى ئېچىلىپ، كىنوچىلىقتىكى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئېقىم ئۈستىدە مۇھاكىمە - ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا كىنو بازىرىمۇ تەسىس قىلىنىپ كىنو سودىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالى ئەسلىدە 6 −7 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلەتتى، كېيىن فرانسىيە كان كىنو فېستىۋالى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن 1978 - يىلىدىن ئېتىبارەن ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈپ 2 −3 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىئۇنىڭ ئاساسلىق مۇكاپات تۈرلىرى: ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتى، كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى، خەلقئارالىق باھالاش كومىتېتى مۇكاپاتى، باھالاش كومىتېتى ئالاھىدە مۇكاپاتى، خاتىرە مۇكاپاتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، قىسقا فىلىم ۋە رېژىسسور، ئەر، ئايال ئاكتيور قاتارلىقلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم تەسىس قىلىنغان.

مەملىكىتىمىز 1975-يىلىدىن بېرى بۇ كىنو فېستىۋالىغا ھەر يىلى فىلىم قاتناشتۇرۇپ كەلمەكتە. 1982-يىلى گۈزەل سەنئەت فىلىمى «ئۈچ راھىب» ئەڭ ياخشى سېنارىست كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1988-يىلى جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «قىزىل قوناقلىقتا» ئەڭ ياخشى ئۇزۇن ھېكايە فىلىم ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ، مەملىكىتىمىز ھېكايە فىلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولدى. ئاتاقلىق رېژىسسور چېن كەيگې 1989-يىلى غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالاش كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى ۋۇ زىنيۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «كەچلىك قوڭغۇراق» كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ رېژىسسورى شيې فېي رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئۆز تەقدىرىنىڭ يىلى» 40-نۆۋەتلىك غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#