ئاگورا قەدىمىي قەلئەسى

ئاگورا قەدىمىي قەلئەسى

ئاگورا قەدىمىي قەلئەسى قىزىل قەلئە دەپمۇ ئاتىلدىغان بۇلۇپ، ھىندىستاندىكى دېھلى كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە، يامۇنا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاگورا قەدىمىي قەلئەسى
باشقا نامى قىزىل قەلئە
ئورنى دېھلى كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى، يامۇنا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى
شەرق - غەرب كەڭلىكى 548 مېتىر
خەنزۇچە نامى 印度阿格拉古堡
تەۋە دۆلەت ھىندىستان
جەنۇب-شىمال  ئۇزۇنلۇقى 915 مېتىر
ئېگىزلىكى 34 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاگورا قەدىمىي قەلئەسىئاگورا قەدىمىي قەلئەسى قىزىل قەلئە دەپمۇ ئاتىلدىغان بۇلۇپ، ھىندىستاندىكى دېھلى كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە، يامۇنا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قىزىل قەلئە قىزغۇچ قۇمتاشتىن ياسالغان كۆركەم قۇرۇلۇش توپى بولۇپ، جەنۇب - شىمال تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 915 مېتىر، شەرق - غەرب كەڭلىكى 548 مېتىر، ئېگىزلىكى 34 مېتىر كېلىدۇ. قەلئە ئىچىدە ئاق مەرمەر تاشتا قاپارتما نەقىش ئىشلەنگەن كىچىك مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ مۇنار ئالتۇن، ئالماس ۋە گۆھەر قاتارلىق جاۋاھىراتلار بىلەن بېزەلگەن.

ئاگورا قەدىمىي قەلئەسىئېيتىلىشىچە موغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ بەشىنچى خاقانى شاھ جاھان ئامراق خانىشى تاج ماھالنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سالدۇرغان ئىكەن.

كىشىلەر «ئوردىنىڭ نۇرى» دەپ ئاتايدىغان تاج ماھال 1631 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، شاھ جاھان ئۇنى خاتىرىلەش ۋە ئەسلەش ئۈچۈن تاج ماھال مەقبەرىسىنى سالدۇرغان. بۇ مەقبەرە 1983 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

1638 - يىلى شاھ جاھان پايتەختنى ئەگرەدىن دېھلىغا كۆچۈرۈپ، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ يېڭى «جەننەت» ىنى بەرپا قىلغان. بۇ يېڭى شەھەر پادىشاھنىڭ نامى بىلەن جاھانئاباد دەپ ئاتالغان، ھازىر كىشىلەر بۇ يەرنى كونا دېھلى دەپ ئاتايدۇ. قىزىل قەلئەنىڭ قۇرۇلۇشى 1638 - يىلى باشلىنىپ 1648 - يىلى تاماملانغان. قەلئە قىزىل قۇمتاش ۋە قىزىل مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان بولۇپ، پارس، ھىندى ۋە تېمۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنىمۇ ساقلاپ قالغان. ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن باشقا يەنە بۇ قۇرۇلۇشتا نەپىس ۋە مۇرەككەپ سىممېترىك قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، بۇنداق ئالاھىدە ئۇسلۇب يەنە شاھ جاھانچە ئۇسلۇب دەپ ئاتالغان.

شاھ جاھان ئادەتتە كۈندىلىك دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن خاس مەھرەمخانىسىغا كىرىپ ئارام ئالىدۇ، بۇ خاس مەھرەمخانا ھۇجرا ئۆي، ئىبادەتخانا ۋە ۋەزىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان چوڭ زالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس مەھرەمخانا خان ئوردىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاق مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان، يامۇنا دەرياسىغا قاراپ تۇرىدۇ، خاس مەھرەمخانا بىلەن يامۇنا دەرياسى بىر ئېقىن − «جەننەتنىڭ ئېقىنى» ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

شاھ جاھاننىڭ كۆپ ھامماملىرى بار بولۇپ، ھاممام ئىچىگە ئىسسىق ھەم سوغۇق سۇ تۇرۇبىلىرى ئورنىتىلغان، تورۇسلىرى گۈللۈك نەقىشلەر ۋە رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، كىشىگە ئۆزىنى گۈلزارلىقتىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شاھ جاھاننىڭ خانىشلىرى رەڭ مەھەل دېگەن ئوردىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئوردىنىڭ تورۇسلىرىمۇ ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن ھەر خىل رەسىم بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئاق مەرمەر تاشتا ياسالغان، ئوردىنىڭ سىيماسى كۆلچەكتە ۋە نېلۇپەر كۆلىگە چۈشكەن شولىدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

بۇ جەننەت كەبى گۈللۈكنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. ياسالغاندىن باشلاپ، قەلئە نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، بولۇپمۇ ئەنگلىيەلىكلەر پۈتۈن قەلئەنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1857 - يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، قىزىل قەلئە ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى قىلىنغان، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، مۇستەملىكە تۈسىدىكى ھەربىي قورغانغا ئايلاندۇرۇلغان.

 1947 - يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسى قىزىل قەلئەنى ئۆتكۈزۈۋالغان، 1947 - يىلى 15 - ئاۋغۇست قىزىل قەلئەدە تۇنجى قېتىملىق مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلدىكى ھىندىستان مۇستەقىللىق كۈنىدە ھىندىستان زۇڭلىسى بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ گېزىتى تورى 

http://uyghur.xjdaily.com/55/23418.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9097707.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#