ئۆزگۈ نامال

ئۆزگۈ نامال

«كۇرتلار ۋادىسى» (يەنى بۆرىلەر ۋادىسى) فىلىمىدىكى پولات. ئەلەمدارنىڭ سۆيگىنى ئەلىفنىڭ رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال 1978-يىلى تۈركىيە  ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كۇبلاي، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاكىلە. نامال. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۆزگۈ
مىللىتى تۈرۈك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1978-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى
دۆلەت تەۋەلىكى تۇركىيە
يۇرتى ئىستانبۇل
كەسپى ئارتىس،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆزگۈ«كۇرتلار ۋادىسى» (يەنى بۆرىلەر ۋادىسى) فىلىمىدىكى پولات. ئەلەمدارنىڭ سۆيگىنى ئەلىفنىڭ رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال 1978-يىلى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كۇبلاي، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاكىلە. نامال. ئۆزگۈ. نامال باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇا مەكتەپنى ئۈسكۇدار جۇمھۇرىيىتى مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت كونسىرىتى ئىنىستىتوتى  تىياتىر كەسپىدە ئوقۇپ تاماملىدى. 1997-يىلدا بولسا رەسمىي بىر ئارتىس سۈپىتىدە «مەسەل ھەقىقىتى» ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ، بالىلار فىلىملىرىدە رول ئېلىش بىلەن تۇنۇلۇشقا باشلىغان.

ئۆزگۈئۆزگۈ. نامال 1997-يىلدا بولسا رەسمىي بىر ئارتىس سۈپىتىدە «مەسەل ھەقىقىتى» ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ، بالىلار فىلىملىرىدە رول ئېلىش بىلەن تۇنۇلدى. 1998-يىلى «بىزنى كەچۈرۈڭ ئەپەندىم» («ئاففەت بىزى ھوجام») ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئارقىلىق تېلېۋىزور ئېكىرانلىرىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى.  ئۇ يەنە «كارەتە جان»، «يەتتە قات ئىستانبۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ تۇنۇلۇشقا باشلىدى.

           2000-يىلى «فورا تىياتىرى» ناملىق ئالاھىدە بىر تىياتىردا، «ئوپئۇچۇق» (يەنى تۈرۈكچىسى ئاپئاچىك)، «تەكرار چالسام»، «تەسىرلىك پاراڭلىشىشلار»، قاتارلىق كىنولاردا، «كىرەم»، «ھاۋادا بۇلۇت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى.2002-يىلى بولسا «سىر بالىلىرى» ناملىق فىلىمدە رول ئالدى. بۇ فىلىمدە رو ئېلىپ «14-قېتىملىق ئەنقەرە كىنو بايرىمى» دا «ئۈمۈدلۈك ياش ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2004-يىلى بولسا «بۈيۈك»، «سۆزلە ئىستانبۇل» فىلىملىرىدە رول ئالدى. شۇ يىلى يەنى 2004-يىلى ئىستانبۇلدا دۆلەتلىك تياتىر بولغان «تاراف تۇتماك» فىلىمدە رول ئالدى.       «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدە ئەلىف رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال بۇ كىنودا رول ئېلىپ «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» نامغا ئېرىشتى ۋە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس بولۇپ قالدى. 2008-يىلى بولسا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كىنودا رول ئالدى.        بۇ داڭلىق ئايال ئارتىس ئۆزگۈ. نامال 2009-يىلى يازدىن باشلاپ داڭلىق يازغۇچى ئورھان. كەمالنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «خانىمنىڭ ئېتىزلىقى» (يەنى تۈرۈكچىسى ھانىمىن چىفىتلىگى) ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىشقا باشلىغان ۋە يەنە ئېلان فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا باشلىغان.  

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#