لوبودىن تەييارلانغان سوغۇق سەي

لوبودىن تەييارلانغان سوغۇق سەي

لوبودىن تەييارلانغان سوغۇق سەي قىزىل لوبودىن،تۇز، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى،  شىكەر، كۈنجۈت، كاۋاۋىچىن، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىىغان ماي قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ تەمى ناھايىتى يىيىشلىك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوبودىن تەييارلانغان سوغۇق سەيماتېرىياللار: قىزىل لوبودىن بىر دانە، بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى، بىر قوشۇق شىكەر، كۈنجۈت، كاۋاۋىچىن، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىىغان ماي ئاز مىقداردا.

1. لوبونى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن، يىلتىزى ۋە بېشىنى كېسىۋېتىپ، نېپىز يالپاقداپ قەلەمچە قىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 

2. قەلەمچە قىلىپ توغرالغان لوبونىقاچىغا سېلىپ تۇز قوشۇپ ئىلەشتۈرۈپ، 15 مىنۇت دۈملەپ قۇيىمىز.

3. 15 مىنۇتتىن كېيىن چىققان لوبو سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنى قويۇپ ئارىلاشتۇرىمىز، ئارقىدىن شېكەرنى قوشىمىز. 

4. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قويۇپ، ماي قىزىغاندا كاۋاۋىچىننى سېلىپ ماينى تەملەندۈرىمىز.

5. ئارقىدىن لوبو سېلىنغان تەخسىگە تەملەندۈرۈلگەن ماينى سېپىپ، كاۋاۋىچىننى تېرىپ ئېلىۋېتىمىز. بۇنىڭ بىلەن تەملىك سوغۇق سەي تەييار بولىدۇ.[0]


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#