بالدۇر تۇغۇش كېسلى

بالدۇر تۇغۇش كېسلى

بالدۇر تۇغۇش كېسلى ___ ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن 38-ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇش بالدۇر تۇغۇش دەپ ئاتىلىدۇ. 

جۇڭيى تىبابىتى نامى بالدۇر تۇغۇش كېسلى
يۇقۇملىنىشى يوق
ئىنگىلىزچە نامى prematuredelivery
خەنزۇچە نامى 早产
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالدۇر تۇغۇش كېسلىبالدۇر تۇغۇش كېسلى ___ ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىن 38-ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇش بالدۇر تۇغۇش دەپ ئاتىلىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2500 ~ 1000 گرام ئەتراپىدا، ئۇزۇنلۇقى 45 سانتىمېتىردىن كىچىك بولسا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى تۇغۇلۇپ ئۆلگەن بوۋاقلار سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولغانسېرى ئوڭاي ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا پائال تۈردە بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقنى كۈتۈشنى كۈچەيتىش لازىم.

1.قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ تۇتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى بىلەن بالىياتقۇ ھامىلىنى ئاي كۈنى توشقۇچە تۇتۇپ تۇرالماي بالدۇر تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. ئانا تېنىدە يۈرگەن بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئانا تېنىدە كۆرۈلگەن ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئېغىر دەرىجىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسەللىكى، جىنسىي ئەزالارنىڭ تەرەققىياتى ناچار بولۇش ياكى غەيرىلىكى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنىڭ بوش بولۇشى سەۋەبىدىن بالدۇر تۇغۇش كېلىپ چىقىدۇ. 3. ھامىلە ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قوشكېزەك ھامىلە، باش سۈيىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، ھامىلە پەردىنىڭ بالدۇر يىرتىلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا جايلىشىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى(بالدۇر ئاجرىشى)، بالا ھەمرىيى فۇنكسىيىسىنىڭ تولۇق بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 4. بىۋاسىتە ھالدا سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش، قورساق قىسمى بىۋاسىتە زەخىملىنىش، زىيادە چارچاش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۇغۇتنىڭ بېشارىتى ۋە تۇغۇت جەريانى بولسا ئاي كۈنى توشقان تۇغۇت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپلا بالىياتقۇ قالايمىقان قىسقراش ۋە تۆۋەنكى قورساقنىڭ قىسمىدا چىڭقىلىش سېزىمى بولۇش، جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا بىماردا ئىلگىرى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۇغۇتنىڭ بىشارىتى ۋە تۇغۇت جەريانى بولسا ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇش بىلەن ئوخشاش بولۇش، ئاي-كۈنى توشماي تۇرۇپلا بالىياتقۇ تەرتىپسىز قىسقىراش قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى چىڭقىلىش سېزىمى بولۇش ۋە جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇش كېسلى1.بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئانا تېنىدىكى كېسەللىكلەر ۋە ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالاش لازىم. بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش تارىخى بارلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى بوش بولسا مائۇلئوسۇل شەربىتى، شەربىتى بۇزۇرى ئىچىشكە بېرىلىدۇ ۋە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىغا سىرتتىن قابىز دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ياكى بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئىچكى ئېغىزىنى تىكىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلەپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاي كۈنى توشقاندىن كېيىن ياكى تۇغۇتنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن تىكىلگەن يىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. 2. ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھامىلىگە قاننىڭ كۆپرەك ئۆتۈشى ئۈچۈن قول ئارقىلىق كىندىكى بېغىشى بالا تېنىگە قارىتىپ سىيرىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقنى ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى تۇغۇلۇپ ئۆلگەن بوۋاقلار سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بىر تەرەپ قىلىش: بالدۇر تۇغۇشنىڭ بېشارىتى كۆرۈلسە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئايرىم بىر تەرەپ قىلىپ، بالىياتقۇ قىسقىراشنى ۋە ھامىلىنىڭ يۈرەك ئاۋازىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش لازىم. بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرىلىدۇ، تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇپەررىھ ياقۇت، شەربىتى ئەۋرىشىم، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، مەجۈنى ھافىزجەنيىن قاتارلىق دورىلار ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھامىلىدار ئايالغا ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ ھەمدە تۇغۇتتىن ئىلگىرى تۆت مىللىگرام ۋىتامىن K مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ. تۇغۇت قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھامىلىنىڭ بېشىنى باسماسلىق كېرەك.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6045.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#