تېرە قېتىشىش كېسىلى

تېرە قېتىشىش كېسىلى

تېرە ياكى ئىچكى ئەزالاردىكى قان تومۇرلار دىۋارىدا كېسەللىك ئۆزگرىىشى پەيدا قىلىدىغان ۋە قوشۇمچە توقۇلمىلاردا تالالىشىدىغان، كلىنىكىدا تەرەققىي قىلىشچان ئىششىق، قاتتىقلىشىش، يىگىلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى تېرە قېتىشىش كېسىلى
خەنزۇچە نامى 硬皮病
كېسەللىك ئورنى پۈتۈن بەدەن
كېسەللىك سەۋەبى تەبئىي ئامىل،خىلىت ئامىلى ،ئىرسىيەت ئامىلى.
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تەبىئىي ئامىل: بەدەننىڭ كېسەلگە قارىش تۇرۇش كۈچى يەنى تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن رەئىس ئەزا ۋە تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، جىگرنىڭ تەبىئىي خىلىت ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەنلەپ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تېرە توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىپ ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تېرىدىكى قۇۋۋەتلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. خىلىت ئامىلى جەھەتتە: غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ قانغا قوشۇلۇپ قان خىلىتىنى قويۇلدۇرۇشى سەۋەبىدىن تېرىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلادا توسۇلۇش بولۇپ، يەرلىك ئورۇنغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئېرسىيەت ئامىلى: ئاتا − ئانىسىدىن ئېرسىيەت قېلىش بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

4. كۆيۈش، زىيادە سۈركىلىش قاتارلىق سىرتقى ئامىللارمۇ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تېرە قېتىشىش كېسىلىبۇ كۆپىنچە ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىكنىڭ تارقىلىش دائىرىسىگە قاراپ چەكلىك تىپتىكى تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى ۋە سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىدىن ئىبارەت ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ.

1. چەكلىك تىپتىكى تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى:

چەكلىك تىپىدىكى تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى كۆپىنچە 20 ياشتىن بۇرۇن قوزغىلىدۇ. ئادەتتە داغسىمان، توچكىسىمان، بەلۋاغسىماندىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

1) تېرە داغسىمان قاتتىقلىشىش كېسىلى: بۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بويۇن ياكى يۈز قىسمىغا كۆپ چىقىدۇ. سىممېترىك بولمايدۇ. دەسلەپتە سۇس قىزىل سۇلۇق ئىششىقلىق داغ پارچىسى پەيدا بولۇپ تەدرىجىي كېڭىيىدۇ. ئوتتۇرىسى قاتتىق بولۇپ چىشتەك پارقىرايدۇ. ئەتراپىنى جىگەر رەڭلىك ھالاق ئوراپ تۇرىدۇ. تېرىدە تەر يوقىلىپ قۇرغاقلىشىدۇ، تۈكلەر چۈشىدۇ. تېرە سۆڭەككە چاپلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاخىرىدا شۇ ئورۇن يىگلەپ، نېپىزلەپ پىگمېنت ئولتۇرىشىدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ ۋە ياكى قىلقان تومۇر كېڭىيىپ غەيرىي رەڭلىك كېسەللىكتەك ئىپادىلىنىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە قىچىشىش ھەم ئاغرىش بولىدۇ.

2) تېرە  توچكىسىمان قاتتىقلىشىش كېسىلى:

بۇ تىپى ئازراق ئۇچرايدۇ. بويۇن، كۆكرەك، مۈرە قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. داغسىمان تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن سانى نىسبەتەن كۆپرەك، دائىرىسى كىچىكرەك، چىشتەك پارقىراق قاتتىق توچكىلار پەيدا بولىدۇ. ئەتراپىغا پىگمېنت ئولتۇرىشىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يىگلەش يۈز بېرىدۇ.

3) تېرە بەلۋاغسىمان قاتتىقلىشىش كېسىلى:

كۆپىنچە بى تەرەپ مۈچىلەر، قوۋۇرغىلار ياكى بەل، قورساقنى بويلاپ بەلۋاغسىمان تارقىلىدۇ. پېشانە ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلسە، پىچاقتا كېسىۋەتكەندەك تاتۇق قالدۇرىدۇ. كۆپىنچە باش تېرىسىنىڭ بىر قىسمى يىگىلەش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. تېرە داغسىمان قاتتىقلىشىش كېسىلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن تالاسىمان ئۇيۇلۇش روشەن بولىدۇ. تېرىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا بۆسۈپ كىرىدۇ. بەزىدە مۇسكۇل ھەتتا سۆڭەكمۇ يىگىلەيدۇ. 10 ياشتىن كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

2. سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى:

چوڭ ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە قاتتىقلاشقاندىن سىرت بوغۇم ھەم ئىچكى ئەزالارغىمۇ تەسىر قىلىپ زەخىملەندۈرىدۇ. سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى مۈچە ئۇچلىرى قاتتىقلىشىش كېسىلى ۋە يېيىلما سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1) مۈچە ئۇچلىرى قاتتىقلىشىش كېسىلى:

كۆپىنچە پۇت − قول بارماقلىرىنىڭ  يۈرەككە يىراق ئۇچىدىن يېقىن ئۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. زەخىم ئۇيۇل ماددىلىق ئىششىق، كۆككىرىش، كۆپ تەرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاندىن كېيىن قاتتىقلىشىدۇ. رەڭگى قارامتۇل بولۇپ، ئارىلىقلىرىدا ئاق رەڭلىك داغ توچكىلىرى بولىدۇ ۋە شامدەك پارقىرايدۇ. تېرىنى چىمدىغىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېرە قاتتىقلىشىدۇ. بارماقلار ئىنچىكلەپ قاتىدۇ. بۇرنى ئۇچلىنىدۇ، كۆز يېرىقى كىچىكلەيدۇ، كالپۇكى نېپىزلەپ، ئاغزى كىچىكلەيدۇ. ئېغىزنى ئېچىشى قىيىنلىشىدۇ، ئاخىرىدا تېرىسى يىگىلەيدۇ. ھەتتا تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ۋە مۇسكۇللارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئورۇقلاپ خۇددى موميادەك بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا قاتتىقلىشىش يېنىكلەيدۇ. ئاز تەرلەيدۇ، چېچى چۈشىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىدە نېكروزلىنىش ۋە بۇزۇلۇش يۈز بېرىدۇ. كېسەللىك جەريانى سوزۇلما بولۇپ ئاقىۋىتى ھەر ھالدا ياخشى بولىدۇ.

2) يېيىلغا سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى:

بۇ نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. تېرە زەخمىسى مۈچە ئۇچلىرى قاتتىقلىشىش كېسىلى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، لېكىن تېز تەرەققىي قىلىدۇ. گەۋدە ۋە يۈز قىسمىدىن باشلىنىپ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. ئىچكى ئەزالاردا زەخىملىنىش بولىدۇ. بوغۇم، ئۆپكە ۋە قىزىلئۆڭگەچتە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئۇلاردىن باشقا يۈرەك، ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك ۋە مۇسكۇللارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ

چەكلىك تىپتىكى تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىدىكى داغسىمان ياكى بەلۋاغسىمان ئىششىش، قاتتىقلىشىش، جىگەر رەڭلىك ھالقا ۋە چىشتەك پارقىراش، ئاخىرقى دەۋرىدە يېگلەپ نېپىزلىشىشلەرگە ئاساسلانغاندا دىئاگنوز قويۇش قىيىن ئەمەس، سىستېمىلىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىدىكى، كەڭ دائىرىلىك زەخىملىنىش، تېرە قاتتىقلىشىپ يىگىلەش، ئىچكى ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھەمدە قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەردىن يەرلىك ئورۇندىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسپىي بولىدۇ. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە، سىستېملىق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىدە قاننىڭ چۆكۈشى تېزلىشىدۇ. يادروغا قارشى ئانتىتېلا ۋە رىماتوئىد فاكتۇرى مۇسپىي بولىدۇ.

تېرە مۇسكۇل ياللۇغىنىڭ تېرىدىكى ئالامەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بىمارنىڭ ئۆزىگە بىلىنىدىغان ھېسسىي ئالامەتلەر بولمايدۇ. تىپىك تېرە زەخمىسى يۇقىرىقى قاپاقتا كۆرۈلسە، سۇلۇق ئىششىقسىمان سۇس سۆسۈن قىزىل رەڭلىك داغ بولىدۇ. كۆكرەك يۇقىرىقى قىسمى، تۆت مۈچىلەرنىڭ ئۇزارتىش تەرىپى، مۈرە قىسىملىرىدا قاسىراقسىمان كېپەكلىشىدىغان قىزىل داغ بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى كىچىك قان تومۇرلاردا كېڭىيىش بولىدۇ.

1. سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2. كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن بىلەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

ئاندىن كېيىن قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە، مەتبۇخى مائۇلجەبەنگە لوئۇقى بادام، ئىترىفىل سانا قوشۇپ 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە بېرىلىدۇ.

مەتبۇخى مائۇلجەبەننىڭ تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئەفتىمۇن، ئۇستقۇددۇس، بادا، مېغىزى، شېكەر 33 گرامدىن، سېرىق ھېلىلە پوستى، تەرەنجىبىن 45 گرامدىن، شاھتەررە، گاۋزىبان، بىستى پايەج، سانا، بادرەنجى بۇيا 20 گرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇت يەتتە گرامدىن، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر، سىركە 250 مىللىلىتىر، ئۆچكە سۈتى 500 مىللىلىتىر. تەييارلاشتا: سانا، ئەفتىمۇن، تەرەنجىبىن قايناق سۇغا ئايرىم − ئايرىم چىلىنىپ تەمى چىقىرىلىدۇ. باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، 1.5 لىتىر سۇغا 8~4 سائەتكىچە چىلاپ يەڭگىل ئوتتا قاينىتىپ، بىر لىتىر قالغاندا سۈزۈپ ئۈستىگە قاتىللىقى قويۇپ، بىر ئۆرلىتىپ، ئۈستىگە شېكەر سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بادام يېغى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. كۈندە ئىككى قېتىم 100 مىللىلىتىردىن تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ.

گەۋزىبان، بادرەجى بۇيا، قىزىلگۈل، بىدىمىشكى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ، ئەرەق تارتىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ھەببى ئەفئى كۈندە 2~3 تالدىن بىر ۋاخ بېرىلىدۇ.

رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاننى جانلاندۇرۇش، تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، داۋائىلمىشكى مۆتىدىل كۈندە ئىككى ۋاخ، بەش گرامدىن، ئەۋرىشىم شەربىتى 50 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ ئىچىلىدۇ. زەپەر ئوكۇلى كۈندە بىر قېتىم ئىككى مىللىلىتىردىن مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىنىدۇ. ھەمدە ئامىلە نۇشدارى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ،، رەيھان شەربىتى 20 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، زەبىب شەربىتى 20 مىللىلىتىردىن ئىككى ۋاخ ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.

ھەمدە سىرتىدىن بابۇنە يېغى، گۈل يېغى، قۇستە يېغى، بادام يېغى، قاپاق يېغى، زەيتۇن يېغى، يىلان يېغى قاتارلىق دورىلاردىن قايسى بىرسى بولسا، يەرلىك ئورۇننى مايلاش بىلەن بىرگە ئۇۋۇلاپ بېرىشنى ئۈنۈمى ياخشى

1. تەستە سىڭىدىغان، غىزالارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئاسان سىڭىدىغان، لەتىف، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك − ئىچمەك، سەي − كۆكتاتم مېۋە − چىۋىلەر بېرىلىدۇ.

2. يەرلىك ئورۇننى ھەر خىل مېخانىك زەخىملەردىن ساقلاش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=926

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#