سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى

تۆۋەن قىزىتما بولۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتە قان كۆرۈلۈش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 慢性肾盂性肾炎
ئاساسلىق ئالامىتى تۆۋەن قىزىتما ماغدۇرسىز، ئىشتىھاسىزلىق، قان ئازلىق ئالامەتلىرى، دوۋسۇن غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
كېسەللىك ئورنى بۆرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۆرەك ئۇيۇل مادىسى بىلەن سۈيدۈك كانىلىنى تۇتاشتۇرغۇچى ۋارونكىسىمان توقۇلما ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا تۆۋەن قىزىتما بولۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتە قان كۆرۈلۈش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوزۇلما بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى ھەۋزى كۇلليەمۇزمىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

1. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە ماددا ئالمىشىقا مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ، يەرلىك ئورۇندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار تۇرۇپ قېلىشى نەتىجىسىدە غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاياللاردىكى جىنسىي يول ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللاردا جىنسىي يول سۈيدۈك يولىغا يېقىن بولغاچقا ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بۆرەك جامىغا تەسىر قىلىپ بۆرەك جامى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) سۈيدۈك يولى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋاقتىدا ياخشى داۋالشقا ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تەرەققىي قىلىپ، بۆرەك جامىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) سۈيدۈك يولىدىكى تاش، ئۆسمە ۋە سۈيدۈك يولى تارىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلاپ، بۇ جاراسىملارنىڭ بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىنى غىدىقلىشى ۋە يۇقۇملاندۇرۇشى بىلەن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مەزى بېزى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەزى بېزى ياللۇغى سەۋەبىدىن سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ جاراسىملارنىڭ بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. تۇغما غەيرىيلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ خالتىلىق بۆرەك، تاقىسىمان بۆرەك، بۆرەك جامى ۋە سۈيدۈك توشۇش يولىدىكى تۇغما غەيرىيلىكلەر سەۋەبىدىنمۇ بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

8. بەدەندىكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

دىئابېت، سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تەبىئەت كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەرخىل جاراسىملارنىڭ بەدەنگە كىرىپ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ جاراسىملار قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۆرەك جامىغا بېرىپ ياللۇغلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بۆرەك جامىغا بېرىپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. داس بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار ياللۇغلانغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار لىمفا كانىلى ئارقىلىق بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا بېرىپ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇپ، 6 ئايدىن بىر يىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئىپادىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە ھېچقانداق كىلىنىك ئىپادىسى كۆرۈلمەي، باكتېرىيىلىك سۈيدۈك بولىدۇ. يېرىمىدىن كۆپرەك بىمارلاردا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى بىلەن ئاغرىش تارىخى بولىدۇ. ئاساسلىق ئالامەتلەردىن:

تۆۋەن قىزىتما ماغدۇرسىز، ئىشتىھاسىزلىق، قان ئازلىق ئالامەتلىرى، دوۋسۇن غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بەل تېلىپ ئاغرىيدۇ. قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ ۋە بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۆرەك كانالچىسىنىڭ زەخىملىنىشى بۆرەك شارچىسىنىڭكىدىن بۇرۇن ۋە ئېغىر بولغاچقا، دائىم بۆرەك كانالچىسىنىڭ فۇنكسىيىسى تولۇق بولماسلىق، ئالدى بىلەن ئىپاىدلىنىپ، كۆپ سىيىش، كېچىلىك سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش، سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، بۆرەك كانالچە مەنبەلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك يولى سوزۇلما ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا سىيگەندە سۈيدۈك يولىدا ئېچىشىش بولىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تۆۋەن قزىتما بولۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، سۈيدۈكتە قان بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، كۆپ سىيىش، سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، بۆرەك كانالچىسى مەنبەلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايىنى تەكشۈرۈش: ئاق قان ھۈجەيرىلىرى يەڭگىل دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئازىيىدۇ.

2) بۆرەك خىزمىتىنى تەكشۈرۈش: فىنول قىزىل ماددىسىنىڭ چىقىرىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۆرەك شارچە فۇنكسىيىسى تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ئاقسىلسىز ئازوت كۆپىيىدۇ، كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ بىرىكىش كۈچى ئاجىزلايدۇ.

1. بۆرەك سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۆرەك سىلىدىكى ئىلگىرى باشقا ئەزالاردا سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە سىل جاراسىمى تېپىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىدىكى سۈيدۈكتىن قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاقسىل، سىلىندىر كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىدىكى سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق رەڭلىك شىلىمشىق سۇيۇق ئاجراتما كېلىش، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىش، مەزى بېزى چوڭىيىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، كاكىنەج. كەرەپشە يىلتىزى، كەرەپشە ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر  قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

شورلق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، كاكىنەج، كەرەپشە يىلتىزى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، كاكىنەج، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 15~10كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىكىك قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە، تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى، بەدىياندىن 10گرامدىن ئېلىپ قايناق سۇغا چىلاپ، لوئابىنى چىقىرىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 20مىللىلىتىرنى 30مىللىلىتىر خەشخاش شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، نىشاستە، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كۆكنار ئۇرۇقى، قاپاق  مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، تالقانلاپ ئىسپىغۇل لوئابى بىلەن قائىدە بويىچە ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بەدىيان، بىنەپشە، سەرپىستان، كەرەپشە ئۇرۇقى، سانا، كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، بادىرەنجى بۇيا، نېلۇپەر 12گرامدىن، ئەنجۈر قېقى 10دانە، خىيارشەنبەر 50گرامدىن، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 50دانە، چىلان، سەرپىستان 15گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن تۆت گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئېچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرق شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاكىنەج كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن؛ كاكىنەج شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن؛ بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن؛ كەرەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى بانادۇق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن؛ قۇرسى كاكىنەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ ماددەتۇل ھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ مەجۇنى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تۇزلۇق، قورۇتۇلغان، يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، تۇز مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلكەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قايغۇرۇشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىلمان سۇدا ئىستىنچا قىلىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى، تازىلىق ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بۆرەككە يىرىڭ يىغىلىش، بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قان چىرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=849

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#