سوغدىلار

سوغدى

 سوغدىلار قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۇغدىيانە يەنى ئامۇ، سىر دەريالىرى، زەرەپشان ۋادىلىرى يەنى ھازىرقى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەبىلە- قوۋملەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە سوغدى
ئىنگىلىسچە Sugda
خەنزۇچە 粟特人
تىلى شەرقى ئىران تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوغدىلار قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۇغدىيانە يەنى ئامۇ، سىر دەريالىرى، زەرەپشان ۋادىلىرى يەنى ھازىرقى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەبىلە- قوۋملەرنىڭ بىرى.

سوغدىلار يوقالغان مىللەت (كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن).

بۈگۈنكى كۈندە تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى سوغدى ۋىلايىتىنىڭ ياغنوب دەريا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن ئونمىڭ چامىسىدىكى ياغنوبى دەپ ئاتىلىدىغان تۈركۈم تىل ۋە مەدەنىيەت، ئېرسى سەۋەپلەرگە كۆرە سوغدىلارنىڭ بىردىنبىر قالدۇقلىرى ھىساپلىنىدۇ.

سوغدىلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىردىن مىلادى 10-ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان سودا-سېتىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولسىمۇ، مىلادىدىن بۇرۇنلا تۈركلەرگە مۇنقەرز بولغان، 13-ئەسىردە موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن سۇغدىيانە فەرغانە ۋادىسىنى ئاساس قىلغان بىر رايوننىڭ نامى بولۇپ قالغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بارا-بارا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن. ئۇلار كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ، شۇ مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك تەركىبنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركشۇناسلىق ۋە تىل-مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ دەسلەپكى تەتقىقاتچىلىرى ھىندى ياۋروپالىقلار بولغانلىقتىن، شۇنداقلا ئەينى دەۋردە ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيەلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىگىدارچىلىق قارا نيىتى بولغانلىقتىن سوغدىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان ۋە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغان.

سوغدىلار ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئىران تىللىرى ئائىلسى شەرقى تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، سىر ئامۇ دەريالىرى، خوتەن ۋە يۇلتۇز ۋادىلىرىدىن سوغدىلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-6-ئەسىرگە تەۋە يازما يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. قەدىمقى يىللاردىكى خارەزىم، باكتىرىيە، خوتەن، تۇمشۇق تىللىرى،   بۈگۈنكى روشەن ، سارىكول، شۇغنى، ۋاخان قاتارىق پامىر تىللىرى، ھىندىقۇش باغرىدىكى پۇشتۇ تىلى شۇنداقلا يىراق كاۋكازدىكى ئوسېتى تىللىرى سوغدى تىلى بىلەن زور ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.[1][0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1126882.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#