ئەڭ ئېغىر مېتال

ئەڭ ئېغىر مېتال ئوسمىي

مېتاللار ئائىلىسىدىكى ئەڭ ئېغىر مېتال ئوسمىي ، ئۇنىڭ زىچلىقى كۆپ سانتىمېتر 22.57 گرام . ئوخشاش ھەجىمدىكى ئاليۇمىنغا سېلىشتۇرغاندا ماسىسى 7 ھەسسىدىن كۆپىرەك يۇقىرى ، ئۇنىڭ رەڭگى كۈلرەڭدە ، ئېرىش نۇقتىسى ناھايىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋۇلفرامنىڭكىدىن پەقەت 92 گرادۇسلا تۆۋەن . ئۇ قاتتىق، چۈرۈك مېتال ،مىخانىك زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېتاللار ئائىلىسىدىكى ئەڭ ئېغىر مېتال ئوسمىي ، ئۇنىڭ زىچلىقى كۆپ سانتىمېتر 22.57 گرام . ئوخشاش ھەجىمدىكى ئاليۇمىنغا سېلىشتۇرغاندا ماسىسى 7 ھەسسىدىن كۆپىرەك يۇقىرى ، ئۇنىڭ رەڭگى كۈلرەڭدە ، ئېرىش نۇقتىسى ناھايىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋۇلفرامنىڭكىدىن پەقەت 92 گرادۇسلا تۆۋەن . ئۇ قاتتىق، چۈرۈك مېتال ،مىخانىك زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .

كىشىلەر ئوسمىي بىلەن ئىرىدىينى ئارلاشتۇرۇپ قاتتىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى قېتىشما ئىشلەپچىقارغان ، ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئەسۋابلارنىڭ زاپچاسلىرى ئىشلەنگەن ، مەسىلەن ، كومپاس قاتارلىقلار ، بىز ئىشلىتىدىغان قەلەملەرنىڭ بەزىلىرنىڭ ئۇچى ئېردىي - ئوسمىي قېتىشمىسىدىن ياسالغان . 

ئوسمىي خىمىيىۋى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا موھىم رول ئوينايدۇ . ئۇ ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچى ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، بىر قەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بېسىمدا ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىپ تەننەرىخىنى تۆۋەنلەتكىلى ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . 

پاراشۇك ھالەتتىكى ئوسمىي ھاۋادىكى تۇراقلىقىنى ساقلىيالمايدۇ . ئۇ ئوكسىگېن بىلەن ئاستا - ئاستا بىرىكىپ ئاسان پارلىنىدىغان يېڭى ماددا ھاسىل قىلىدۇ . بۇ يېڭى ماددا ئالاھىدە پۇراققا ئىگە . 

مىقدارى بەك ئاز بولسىمۇ پۇرىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .پارلانغاندا رەڭسىز ، ئۇ بىرخىل مۇتلەق زەھەرلىك ماددا بولۇپ نەپەس يوللىرىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ ، كىشىلەرنى زەھەرلەيدۇ . ئۇ كۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ، ھەتتا كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#