كرافت قەغەز

كراف قەغەز

ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقانكرافت قەغەز  يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ تالالىرىدىن خىمىيىۋى ئۇسۇل بىلەن بوتقا ياساپ ، ئۇنىڭغا يەنە يىلىم ۋە رەڭ قوشۇپ قەغەز ياساش ماشىنىسىدا سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭلىك پىششىق، كالا تېرىسىگە ئوخشايدىغان قەغەز ياسىلىدۇ ، ۋە ئادەت بويىچە كراف قەغەز دەپ ئاتىلىدۇ .


چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شۇنداق ئىنسانلار تېخى قەغەزنى كەشىپ قىلمىغان ۋاقىتلاردا كرافت قەغەز ھەقىقەتەن موزاي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن . ھازىر ناغرا دۇمباق ياسىغاندىلا موزاي تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ . 

ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان قەغەز موزاي تېرىسىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلار يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ تالالىرىدىن خىمىيىۋى ئۇسۇل بىلەن بوتقا ياساپ ، ئۇنىڭغا يەنە يىلىم ۋە رەڭ قوشۇپ قەغەز ياساش ماشىنىسىدا سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭلىك پىششىق ، كالا تېرىسىگە ئوخشايدىغان قەغەز ياسىلىدۇ ، ۋە ئادەت بويىچە كراف قەغەز دەپ ئاتىلىدۇ .

كراف قەغىزىنى ياساش ئۇسۇلى ئادەتتىكى قەغەزلەرنى ياساش ئۇسۇلىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ، پەقەت كرافىت قەغەز ياسىلىدىغان ياغاچ تالاسى بىر قەدەر ئۇزۇن ياغاچنى سۇ پارى ئارقىلىق قىزدۇرغاندا ناترىي ئىشقارى ياكى ناترىي سۇلفىت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ، شۇنداق قىلغاندا ئۇلار خىمىيىۋى بويۇملارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدۇ . ياغاچ تالالىرىنىڭ ئەسلىدىكى چىڭلىقى ھەم كۆپ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن قەغەزلەردىكى تالالار بىر - بىرىگە زىچ تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئاسان ئاجرىمايدۇ . شۇڭا ئۇلار ئادەتتىكى قەغەزلەرگە قارىغاندا پىششىق بولىدۇ .

كراف قەغىزى پىششىق ، سۇ سۇمۇرمەيدىغان بولغىنى ئۈچۈن كۆپىنچە ئوراپ قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#