نومى قەغىزى

نومى قەغىزى

بىر قىسىم كەمپۈتنىڭ سىرتى ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەت قەغەز بىلەن ئورالغان، ئەڭ سىرتقى قەۋىتى يەنى رەڭدار شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن قەۋىتى سۇلياۋ ياكى ئادەتتىكى قەغەزدىن، ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت يېرىم سۈزۈك قەغەز بىلەن ئورالغان، مانا شۇ نومى قەغىزىدىن ئىبارەت .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىر قىسىم كەمپۈتنىڭ سىرتى ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەت قەغەز بىلەن ئورالغان، ئەڭ سىرتقى قەۋىتى يەنى رەڭدار شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن قەۋىتى سۇلياۋ ياكى ئادەتتىكى قەغەزدىن، ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت يېرىم سۈزۈك قەغەز بىلەن ئورالغان، مانا شۇ نومى قەغىزىدىن ئىبارەت .

نومى قەغىزى نومى گۇرۇچىدىن ئىشلەنگەنمۇ؟ ئۇ نومى گۇرۇچىدىن ئەمەس بەلكى كۆممقوناق كىراخمالىدىن ئىشلەنگەن . ئالدى بىلەن بۇغداي ، كۆممقوناق كىراخمالى سۇدا ئېرىتىلىپ ئۇماچ ھاسىل قىلىنىدۇ ، ئاندىن كېيىن شۇ ئوماچ ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىنىپ تۇرىدىغان قۇرۇتۇش ماشىنىسدىكى قېلىپقا سېلىنىدۇ، ئۇ قېلىپتىن ئېلىنىپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن نومى قەغىزى ھاسىل بولىدۇ . 

نومى قەغىزىنى ئىشلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كىراخمال بىلەن نومى گۇرۇچىنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمال ئوخشاش ئەمەس، ھورنان يېگەن چىغىمىزدىكى سەزگۇمىز نومى گۇرۇچىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر مەززىلىك، يۇمشاق، يىيىشلىك، يېپىشقاق، ئۇلارنىڭ يېپىشقاقلىقى باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ يىپىشقاقلىقىدىن بەكرەك يۇقىرى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمالنىڭ تۇزۇلۇشى ئوخشاش ئەمەس. كراخمال گىلوكوزا بۆلەكچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنى چاينىغاندا تاتلىق ھىس قىلىمىز، چۈنكى كىراخمال شۆلگەيلەردىكى كىراخمال فېرمىنتىنىڭ تەسىرىدە ھىدروزلىنىپ مالتۇزىغا ئايلىنىدۇ. مالتۇزا مالتۇزا فېرمىنتىنىڭ تەسىرىدە ھىدروزلىنىپ گىلوكوزىغا ئايلىنىدۇ. كۆممقوناق، بۇغداي كىراخمالدىكى گىلوكوزا بۆلەكچىلىرى قاتار تىزىلىپ، ئۇزۇن زەنجىر ھاسىل قىلغان. شۇڭا ئۇ تۇز زەنجىرلىك كىراخمال دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە تۇزۇلۇشى خۇددى دەرەخ شاخلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تارماق شەكىللىك كىراخمال دەپ ئاتىلىدىغان كىراخمالغا ئايلىنىدۇ . 

نومى قەغىزى يېمەكلىك سانائىتىدە كۆپ قوللىنىدۇ ، كەمپۈتتىن باشقا بىر قىسىم پىچىنە-پىرەنىكلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئورىلىدۇ ، ئۇندىن باشقا ئۇنىڭغا مەززىلىك يېمەكلىكلەرمۇ ئورىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئورالغان راكنىڭ رەڭگى سۈزۈك، تەمى ياخشى بولۇپ، ئۇنى كۆرگەن ھامان ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقىد ، ئەڭ قىزىقارلىقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەيدىغان يېمەكلىكلەرمۇ نومى قەغىزىگە ئورىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ھەممە يەرگە يامراپ كېتشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دىققەتسىزلىكتىن شۇ قالدۇقلار ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كانىيىغا كىرىپ كەتسە ھاياتىغا خەۋەپ يېتىدۇ .

كىچىككىنە بىر ۋاراق نومى قەغىزى شۇنچە كۆپ، مۇھىم ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#