قازاقىستان

قازاقىستان
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى- پايتەختى ئاستانە شەھىرى،  1991-يىلى 16-دېكابر مۇستەقىل بولغان. جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى: يەر مەيدانى2مىلىيۇن 717مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. جايلاشقان ئورنى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ، غەربى كاسپىي دېڭىزى، شەرقى جوڭگۇ، شىمالى روسسىيە، جەنۇبى ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. كوپ قىسىم يەرلىرى تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بولۇپ، قاقاس ۋە يېرىم قاقاس يەرلەر زېمىنىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ.ئومىمىي نوپۇسى 17مىليۇن.

ئۇيغۇرچە نامى قازاقىستان
قىسقارتىلغان نامى kz
ۋاقىت رايونى +6
دۆلەت تىلى قازاق تىلى
نوپۇسى 17مىليۇن
خەنزۇچە نامى 哈萨克斯坦
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى ئاستانە
سىيسى تۈزۈلمىسى جۇمھۇرىيەت تۈزىمى
نوپۇس زىچلىقى 6.3ئادەم ھەر كۇۋادىرات مىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قازاقىستانئوتتۇرا ئاسياغا جايلاشقان قازاقستان جۇممۇريىتى نوپۇسى ئاز ، يەر كەڭ ، كوپ مىللەتلىك دولەت بولۇپ قازاقستاندا قازاق ، روس ، ئۇزبيك ، قىرغىز ، ئۇيغۇر ، تاتار ، قارا قالپاق ، نېمىس ، ئەزەربايجان باشقۇرىت قاتارلىق 120 دىن ئارتۇق مىللەت قازاقستان دېگەن بۇ دۆلەتتە ئېناق ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرمەكتە.[4]

قازاقىستان يەر مەيدانى جەھەتتە دۇنيادا 9-ئورۇندىكى دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت زېمىنى 2مىلىيون 717مىڭ 300 كىۋادىرات كېلومېتىر (غەربىي ياۋروپادىن چوڭ) .پايتەختى ئاستانە، 14 ۋىلايەت ،ئىككى بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن تەركىب تاپقان. شىمالدىن باشلاپ سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىنچە روسىيە،جوڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستانلار بىلەن چېگىرلىنىدۇ.قازاقىستان ئالتە مۇستەقىل تۈركىي دۆلىتىنىڭ بىرى. قازاق تىلى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى ، رۇس تىلى كۈندىلىك ئالاقە ۋە سودا ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ . قازاقىستاندا 130مىللەت تەركىبى بولغاچقا دۆلەت ئىچىدە كۆپ خىل دىن مەۋجۇتتۇر. ئاھالىسىدىن  %47.7 كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ،ئۇندىن باشقا خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، بۇددا دىنى، پىروۋېسلاۋىيە دىنى مۇردلىرى بار. پۇل بىرلىكى: تەڭگە ( ئىشلىتىدىغىنى قەغەز پۇل )

 كۆللىرى كۆپ بولۇپ 48 مىڭ ئەتراپىدا، بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراقلىرىدىن كاسپىي دېڭىزى، ئارال دېڭىزى، بالقاش ۋە زايسان كۆللىرى قاتارلىقلار بار. مۇزلۇقلار 1500 گە يەتىدۇ. نوپۇسى: قازاقىستاننىڭ 2008-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 15مىليون 340 مىڭ .

     قازاقىستان كوپ مىللەتلىك دۆلەت، 131 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان، ئاساسلىقى قازاقلار 59.2% ، رۇسلار 25.6%، ئۇكرائىنلار 2.9%، ئۇزبەك 2.9%، ، ئۇيغۇر 1.6%، تاتار 1.5%، گېرمان 1.4%، باشقىلار 4.9 % بار. قازاق، ئۇيغۇر، تاتار قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا، روس، ئوكرائىن ، بېلوروسلار پراۋىسلاۋىيە دىنىغا، نېمىسلار پروتىستانت دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. قازاق تىلى -- دۆلەت تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقە تىلى. [2]

يەر تۈزىلىشىيەر كۆلىمى 2 مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالدا رۇسىيە، جەنۇبتا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىدە كاسپىي دېڭىزى بار، شەرقتە جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ھازىرقى زاماندىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە پەس يەرلەر بولۇپ، غەربىدىكى ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 132 مېتىر تۆۋەن؛ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتاغ بار؛ تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى غەرب، شىمال ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى قازاق ئېدىرلىقلىرى. چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈك قازاقىستان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ. ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى تومۇز ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ ۋە قار ئاز ياغىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃19- دىن ℃4- قىچە، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19تىن ℃26قىچە بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ℃45 ۋە ℃45-، قۇملۇقتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃70قا يىتىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى چۆللۈك رايونلىرىدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، شىمالىي قىسمىدا 300 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغىچە؛ تاغلىق رايونلاردا 1000 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ.[6]

 قازاقىستاندا 130 دىن ئارتۇق مىللەت بار، ئەمما مىللەت، دىن مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئىناق دېيىشكە بولىدۇ.تەخمىنەن 15 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %58.6ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى، رۇس تىلى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت تىلى. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.

ئاستانەنوپۇسى 550 مىڭ. ئاستانىنىڭ ئەسلى نامى ئاقمۇلا بولۇپ، 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالمائاتانىڭ ئورنىنى ئېلىپ پايتەخت قىلىنغان، 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئاستانا دېگەن سۆزنىڭ قازاق تىلىدىكى مەنىسى پايتەخت دېگەنلىكتۇر، بۇ شەھەر موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردىن قالسىلا، جاھاندىكى 2- سوغۇق پايتەخت بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 51.6 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن.

پۇل سورۇيدىغان خەلقئارالىق يىغىنلار كەينى- كەينىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە، پۇل كۆپ ئەمەسمۇ!

ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى، ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى، دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئېچىلدى، ھەمدە 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2017- يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنۇلدى.

نەزەربايۇف نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 1992-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 1999-يىلى 1-ئايدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2005-يىلى 12-ئايدا يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. زۇڭلى كەرىم مەسىموۋ 2007-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

مەمۇرى رايۇنلىرىقازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن يەرناملىرى ۋە ئوبلاستلارنىڭ چېگرىسىدا ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەسىلەن ئەسلىدىكى پايتەخت ئالمۇتا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر قىلىنىپ، ئالمۇتا ئوبلاستى تالدىقورغان ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلدى. يېڭى پايتەخت ئاقمۇلا(سوۋېت دەۋرىدە ئاكمولونىسكى دىيىلگەن) نىڭ نامى ئاستانا دەپ ئۆزگەرتىلدى. رۇسلار ۋە نېمىسلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشى تۈپەيلى نوپۇس ئازلاپ كەتكەن ئوبلاستلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تورغاي ئوبلاستى قۇستاناي ئوبلاستىغا، شەمەي ئوبلاستى شەرقى قازاقىستان ئوبلاستىغا، جېزقازغان ئوبلاستىنىڭ يېرىمى قاراغاندا ئوبلاستىغا يېرىمى ئاستانا ئوبلاستىغا، كۆكچىتاۋ ئوبلاستىنىڭ يېرىمى شىمالى قازاقىستان ئوبلاستىغا يېرىمى ئاستانا ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلدى.

1-تالدىقورغان ئوبلاستى

بۇ ئوبلاسىت قازاقىستاننىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ جۇڭگۇ 

قىرغىزىستان بىلەن چىگىرالىنىدۇ ، جامبۇل ،قارغاندا ،    شەمەي ئوبلاسىتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ،

مەركىزى تالدىقورغان ، باشقا مۇھىم شەھەرلەر ئالمۇتا ، ياركەن ساركەنىت ، چىلەك قاتارلىق شەھەر بار

قازاق، روس، ئۇيغۇر، ئۆزبىك ، تاتار،ئۇكىرائىن ، ئالمان، كورىئان، قىرغىز ، تۇڭگان،تۇرىك،خەنزۇ،قاتارلىق

مىللەتلەربار، بۇلۇپ قازاق، روس ، ئۇيغۇرنى ئاساس قىلدۇ ،

تاشقى سودا ، دىھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق ،يىنىك سانائەت ، بېلىقچىلىق ئورمانچىلىق 

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ ، تۇمۇريول ،تاشيول، ئاۋئاتسىيە قۇرلۇشلىرى تەرەققى قىلغان.

قازاقىستاننىڭ مۇھىم قاتناش مەركىزى ،دىھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا ، سانائەت مەركىزى

.

2-قارغاندا ئوبلاستى

- بۇ ئوبلاسىت قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، ئاقموللا ، جامبۇل

چىمكەنىت، شەمەي، پاۋلودار، قىزىلئوردا، ئاقتۇپە، قوستانى ئوبلاسىتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، مەركىزى 

قارغاندا، ئۇندىن باشقا تۇمۇرتاۋ، ساران، بالقاش، ساتپايىۋ، قارغايلىق قاتارلىق شەھەر بازارلار بار، قازاق ،روس

ئۇكرائىن، كورئان، تاتارمىللەتلىرى بار، چارۋىچىلىق، تۇزچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بار، تۇمۇريول 

تاشيول قاتنىشى بار، قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مەمۇرى رايۇنى،

3-ئاقموللا ئوبلاستى

قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا شىمالىغا جايلاشقان ، مەركىزى كۇكۇشتاۋ،ئۇندىن باشقا

ئاتباسار، يەرەيمەنتاۋ،قاتارلىق شەھەر بازارلار بار، قازاق، روس، ئۇكرائىن، كورئان،تاتار، تۇرىك، ئۇيغۇر مىللەتلىرى

بار، سانائەت، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى بار ، شىمالى قازاقىستاننىڭ تۇمۇريول مەركىزى .

4-چىمكەنىت ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ،ئۆزبىكىستان ،قىرغىزىستان بىلەن

چىگىرالىنىدۇ،مەركىزى چىمكەنىت،ئۇندىن باشقا ،چەكلەنگەن سۆز،كېنتاۋ،سەيرام قاتارلىق شەھەر

بازارلار بار،ئۆزبىك،قازاق،روس،قىرغىز،تاتار،ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار ،قازاقىستاننىڭ جەنۇبى 

دەرۋازىسى بۇلۇپ،سانائەت،دىھقانچىلىق كەسىپلىرى تەرەققى قىلغان .

5-قىزىلئوردا ئوبلاستى

-قازقىستاننىڭ ئوتتۇرا غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان ،ئۆزبىكىستان بىلەن چىگرا،

مەركىزى قىزىلئوردا،ئۇندىن باشقا چىيلى،ئايتەكە،ئارال قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق،ئۆزبىك

روس،تاتار،قاراقالپاق مىللەتلىرى بار ،تۈمۈريول ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تۇتىشىدۇ ،تۇزچىلىق سانائىتى بار.

6-ماڭقىشلاق ئوبلاستى

-غەربى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ،ئۆزبىكىستان،تۇرىكمەنىستان ،

روسىيە،ئەزەربەيجان بىلەن چىگىرالىنىدۇ ،مەركىزى ئاقتاغ،ئۇندىن باشقا بەيناۋ،جانائۆزىن، كۇرىيىك 

قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق ،روس،ئۇكرائىن ئالمان ،ئۆزبىك،تۇرىكمەن ،قاراقالپاق مىللەتلىرى بار 

قازاقىستاننىڭ سۇ قاتنىشىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ تاشقى سودا ،چارۋىچىلىق كەسىپلىرى بار

7-ئاتىيراۋ ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ،روسيە بىلەن چىگىرالىنىدۇ ،مەركىزى 

ئاتىيراۋ، ئۇندىن باشقا ماكات،كۆلساراي،ئىندىربورىسكى قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق روس،تاتار

چىچىن ،ئۇكرائىن،ئالمان،بىلورۇس قاتارلىق مىللەتلەر بار ،ئاتىيراۋ قازاقىستاننىڭ 2-پورتى ، 

8-ئۇرال ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان ،روسىيەبىلەن چىگىرالىنىدۇ ،

مەركىزى ئۇرال،ئۇندىن باشقا ئاقساي قاتارلىق شەھەر بازارلاربار ،قازاق  روس ،تاتار،باشقىرىت ،ئۇكرائىن

ئالمان،بىلورۇس قاتارلىق مىللەتلەر بار،ئۇرال قازاقىستاننىڭ غەربى دەرۋازىسى 

9-ئاقتۇپە ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا غەرىبى شىمالىغا جايلاشقان ، روسىيە ،ئوزبىكىستان

بىلەن چىگىرالىنىدۇ، مەركىزى ئاقتاۋ ، ئۇندىن باشقا غىرومتاۋ، سۇبارقۇدۇق، چىلكەر، قاتارلىق شەھەر

بازارلار بار ، قازق ،روس، باشقىرىت،تاتار ،ئۇكرائىن مىللەتلىرى بار ،قازاقىستاننىڭ غەربى تۇمۇريول

قاتنىشىنىڭ مەركىزى 

10-چوستاناي ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا غەربى شىمالىغا جايلاشقان،روسىيە بىلەن چىگرالىندۇ

مەركىزى چوستاناي ،ئۇندىن باشقا رۇدنىي،كۇشمۇرۇن قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق،روس،ئۇكرائىن

تاتار،باشقىرىت مىللەتلىرى بار ،قازاقىستاننىڭ مۇھىم تۇمۇريول مەركىزى .

11شىمالى قازاقىستان ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ شمالىغا جايلاشقان ،روسيە بىلەن چىگىرالىنىدۇ

مەركىزى پىتروپاۋلوۋسىك ،ئۇندىن باشقا سارگىيىۋكا ،كىشىكەنەكول قاتارلىق شەھەر بازارلار بار

قازاق،روس مىللەتلىرى بار ،

12-پاۋلودار ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق شىمالىغا جايلاشقان ،روسيە بىلەن چىگرالىنىدۇ

مەركىزى پاۋلودار ،ئۇندىن باشقا ئىكىباشتۇز ،كاچىرىي،قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق ،روس

مىللەتلىرى بار ،چارۋىۋىلىقى تەرقى قىلغان .

13-شەمەي ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرىق شىمالىغا جايلاشقان ،روسيە جۇڭگۇ بىلەن 

چىگىرالىنىدۇ ،مەركىزى ئۇسىت-كامىنوگورسىك ،ئۇندىن باشقا شەمەي ،زايسان، قاتارلىق شەھەر

بازارلار بار ،قازاق،روس،خاقاس،ئالتاي،ئۇيغۇر مىللەتلىرى بار ،چارۋىچىلقى تەرەقى قىلغان 

14-جامبۇل ئوبلاستى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ،قىرغىزىستان بىلەن چىگىرلىنىدۇ 

مەركىزى تاراز ،ئۇندىن باشقا قاراتاۋ،جاناتاش قاتارلىق شەھەر بازارلار بار ،قازاق ،روس ،ئۆزبىك ،قىرغز

ئۇيغۇر،تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بار ،چارۋىچقلىق ،دىھقانچىلىق تەرەققى قىلغان 

15-ئالمۇتا شەھىرى

-قازاقىستاننىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان ،قازاق،روس،ئۇيغۇر،ئۆزبىك ،تاتار

ئۇكرائىن،ئالمان،قىرغىز،كورئان،تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر بار،قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى 

بۇرۇنقى باشكەنىتى،

16-ئاستانە شەھىرى

-قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا شىمالىغا جايلاشقان ،قازاق،روس ئۇكرائىن،ئۇيغۇر ،ئۆزبىك

ئالمان،تاتار.....مىللەتلىرى بار،قازاقستاننىڭ سىياسى،مەدەنىيەت ،ئىقتىزاد ،مائارىپ ،قاتناش مەركىزى،

قازاقىستاننىڭ باشكەنىتى [1]

قازاقىستان زىمىنى مىلادىدىن ئىلگىرى كانكىيو خانلىقى ۋە ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان. 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئەسىرگىچە كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. 9-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئوغۇز خاندانلىقى ۋە قاراخانىلار خاندانلىقىغا تەۋە بولغان.

    11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە قارا ھىتايلار (قىتانلار) ۋە مۇڭغۇل-تاتارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى قازاق خانلىقى قۇرۇلۇپ 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قازاق مىللىتى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن تېررىتورىيىسى روسىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچراپ بېسىۋېلىنغان. 1917-يىلى نويابىردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ 1920-يىلى 26-ئاۋغۇست روسىيە فىدىراتسىيىسىگە تەۋە قىرغىز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1925-يىلى 19-ئاپرىل نامى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1936-يىلى 5 دېكابر نامى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، دەپ بېكىتىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش

جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالغان.

 1991-يىلى 10 دېكابر نامى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئۆزگەرتىلىپ، شۇ يىلى 16-دېكابر كۈنى قاراشسىزلىق (مۇستەقىللىق) جاكارلىغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا «قازاق» دېگەن سۆز مىلادى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈشكەباشلىغان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە ھەرخىل قاراشلار بار. قازاق خەلقى ئارىسىدا «قازاق» دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر گۈزەل رىۋايەت تارقالغان... (رىۋايەت قالدۇرۇلدى)

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ سۆز مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-8 ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھازىرقى قازاقىستان زىمىنىدا ياشىغان ساك قەبىلىلىرىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر مىلادى 4-5 ئەسىرلەردە تۈركىي تىلىدىكى" قاسار» ياكى «قازار» قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەينى زاماندا بۇ قەبىلە ھازىرقى غەربىي قازاقىستان،كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا ياشايتتى. ئەرەب تارىخلىرىدا كاسپىي دېڭىزىنىڭ « خەزەركۆلى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشى دەل ئەنە شۇ «قاسار»، «قازار» دېگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە بەزىلەر بولسا، بۇ سۆز مىلادى 15-ئەسىردە ئاق ئورداخانىلىقىنىڭ (ئۆزبېك خانلىقىنىڭ) خانى ئەبۇلخەيىرخاندىن ئايرىلىپ چىقىپ، كېرەي سۇلتان بىلەن جانىبەك سۇلتان رەھبەرلىكىدە موغۇلىستان خانلىقىنىڭ يەتتەسۇ رايونىغاكۆچۈپ كەلگەن تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. 

بىزنىڭ قارىشىمىزچە  قازاق مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىياۋە تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ «قازاق» دېگەن نامى ئالدى بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ناھايىتى كۈچىيىپ،قەدىمكى يۇنان ۋە ئىرانغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرغان ساك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن باشلاپ، مىلادى 6-ئەسىرلەردە، ھەتتا ئۇنىڭدىن  كېيىنمۇ كۈچەيگەن قاسار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى مىلادى 15-ئەسىردە، ئالاھىدە كۈچلۈك بىر ئېتنىك تىپ بولغان قازاقلار دەل شۇقەدىمكى قاسار قەبىلە ئىتتىپاقى ياشايدىغان زېمىنلاردا شەكىللەنگەن. 

قاسار ياكى قازار سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى « سۈينامە.تۆلەسلەر (تېلىلەر)تەزكىرىسى» دە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ كىتابدا « كانگا (سەمەرقەنت) نىڭ شىمالى ۋە ئېدىل (ۋولگا) دەريا ۋادىلىرىدا ئېتىل، قاسار، بۇلغار، پېچېنىك، چوغاي،قىپچاق، قىيات، سۇۋان، يەمەك(ياغما)، قازار قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايدۇ.» دەپ بايان قىلىنغان. دېمەككى، ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئاق ئوردا خانلىقى (13-14ئەسىردە)شەكىللەنگەن دەر دەرياسىنىڭ شىمالىدىن باشلاپ، شىمالدا غەربىي سىبىرىيە، غەربتەئېدىل دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايتتى. مىلادىيە 2-4ئەسىرلەرئارىلىقىدا غەربىي ھونلار بۇ جايلارنى بېسىۋالدى ۋە يېڭىدىن يەنە بىر ھون دۆلىتىنى قۇردى، بۇ چاغدا قاسارلار شۇ ھون دۆلىتىنىڭ تارمىقىغا كىرگەن.  

  يەنە شۇ«سۈينامە. تۆلەسلەر تەزكىرىسى» گە قارىغاندا، « قاسارلارنىڭ ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا ياشايدىغان سىر-تاردۇش، چارۇق، جالايىر، توخسى قەبىلىلىرى بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق »  بولۇپ،تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىك جەھەتتىن ئانچە زور پەرقلەنمەيتتى. ئەينى زاماندا مەيدانغا كەلگەن تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقى ۋە مىلادى 552-يىلى مەيدانغاكەلگەن كۆكتۈرك خاقانلىقى دەۋىردە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قاسار،قىپچاق، سۇۋان،جالايىر قاتارلىق قەبىلىلەر، دەل ئەنە شۇ قەبىلە ئىتتىپاقى ۋە خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قازاقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتنىك گۇرۇپىلىرىنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، قاسار(قازار) لار ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئەجدادلىرىدىن بىرىدۇر...  مىلادىيە 14-15. ئەسىرلەردە يەتتە سۇ رايونى بىلەن ئاق ئوردا رايونىدىكى قەبىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىشىپ، يېڭى ئېتنىك گۇرۇھلارنى شەكىللەندۈردى. قاراشلاردا، قازاقلارمۇ شۇلار ئىچىدە باردۇر. شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، قازاق مىللىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئەسىرئىلگىرى ياشىغان ساكلار، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە ياشىغان قاسارلار(قازارلار)،ئالانلار، قاڭلىلار، ئۇيسۇنلار ۋە كېيىنكى جالايىر، كېرەي، نايمان قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشدىن پەيدا بولغان. بۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى،بولۇپمۇ چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن باشلاپ، مىلادى 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئومۇمەن «قازاق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.  

قازاق خانلىقى، مىلادى 1224-يىلى شەكىللەنگەن جۇچى ئۇلۇسى ۋە جۇچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ دائىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن.باتۇخان خانلىق قۇرغاندىن كېيىن غەربتە ئۇرال دەرياسى،ئۇلار تاغلىرىدىن، شەرقتەئېرىتىش دەرياسىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئىنىسى شايبانخانغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. بۇ زېمىن كېيىنچە «ئاق ئوردا» دەپ ئاتالغان.

1380-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ (ئالتۇن ئورداخانلىقى) ئۇلۇسى جەنۇبىي روسىيە يايلىقىغا يۆتكەلدى. 1391-يىلى ئەمىرتىمۇر ئالاتاۋيايلىقىدىن ئۆتكىنىدە، بۇ جاي تۈركىي ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئوخشىمىغان قوۋىملاردىن تەشكىللەنگەن شايبانىلار خاندانلىقىغا قاراشلىق قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشەتتى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىلا «ئۆزبېك» دېگەن ئورتاق نامغا ئىگە بولۇپ بولغانىدى. 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بۇ كۆچمەن قەبىلىلەر ھازىرقى قازاقىستان يايلاقلىرىنى ئىگىلىدى. 1428-يىلى شايبانى ئەۋلادلىرىدىن ئابۇلخەيرى خان ئۇرال دەرياسى، سىردەرياسى، موغۇلىستان ھەمدە توبۇل دەرياسى ئارلىقىدىكى بارلىق كۆچمەن قەبىلىلەرنى مۇ ۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ شايبانى خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى (ئۆزبېك خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 

ئابۇلخەيرى ئۆز ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمگە ئوخشاپ كېتدىغان بىر ھاكىميەتنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بىراق پۈتۈنلەي كۆچمەن تۇرمۇشتىكى جەميەتكە بۇ خىل تۈزۈمنى يولغاقويۇشقا ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەتكە باراۋەر ئىدى. جۇچى ئەۋلادلىرىدىن بولغان كېرەي ۋە جانىبېكتىن ئىبارەت ئىككى شاھزادە كۆپ ساندىكى قەبىلىنى باشلاپ، خاندانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى ھەمدە موغۇلىستاندىكى چاغاتاي خانى ئېسەن بۇقادىن پاناھلىق تىلىدى. بۇ ئۆكتىچى قەبىلىلەر « قازاق» نامىنى قوبۇل قىلدى.  

1456-1457-يىللىرى ئويراتلار قازاق يايلىقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئابۇلخەيرىگە ھالاكەتلىك زەربە بەردى،ئۆزبېكلەر  چوڭ زىيانغا ئۇچىرىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، كېرەي بىلەن جانىبېك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپقازاق قەبىلىلىرىنى باشلاپ قازاق يايلىقىغا قايتىپ كەلدى. 1468-يىلى بىر قېتىملىق جەڭدەقازاقلارئابۇلخەيىرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى ھەمدە سىر دەرياسىنڭ شىمىالىي قىرغىقىغىچە يېتىپ باردى. ( 1500-يىلى ئابۇلخەيرىنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شايبانى ماۋەرائۇننەھىرگە بېسىپ كىردى، ئۆزبېك خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۆزبېك خانلىقى قازاقلار ئۈچۈن ئەڭ يامان رەقىبكە ئايلاندى.)  

كېرەينىڭ ئوغلى بۇرۇندۇق ، بولۇپمۇ جانىبېك ئوغلى قاسىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان (1509-1518)مەزگىلدە قازاق قەبىلىلىرى تېزدىن كېڭىيىپ، ئۆزبېك خانلىقى زېمىنىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. مانا شۇندىن باشلاپ «قازاق» ۋە «ئۆزبېك» ئاتالغۇلىرى يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. «قازاق» دېيىلگەنلەر يەنىلا سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدا تۇرىۋاتقان قەبىلىلەرنى كۆرسەتسە، «ئۆزبېك» دېيىلگەنلەر مۇھەممەد شايبانغا ئەگىشىپ، سىر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان قەبىلىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. 

1728-يىلى چىمكەنىتكە يېقىن جايدىكى قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتېيىدا قازاقلار ئورتا يۈزخانى ئابۇلخەيىرىنى قازاقلارنىڭ ئالىي سەردارىلىقىغا سايلىدى. 

1731،1740،1742-يىللىرى ئۈچ جۈز ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسىيىنىڭ ھامىلىقىنى قوبۇل قىلدى. 

1771-يىلى ئورتا يۈز خانى ئابلاي   مەنچىڭ خانغا ئۆز ساداقىتنى بىلدۈرۈپ، مەجبۇرىي ھالدا ۋاسسالغا ئايلاندى.

... (ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى ـــ گاۋىن ھامبلى . ئامېرىكا) [3]

1925-يىلى4-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلدى( روسىيەگە قاراشلىق). 

1936-يىلى12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندى. 

1990-يىلى10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللاندى . 

1991-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيتى رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. 

ئىقتىسادنوپۇسى ئاران 17 مىليون 500 مىڭ، ئەمما نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقى مول بولغان قازاقىستان ئىنتايىن باي بىر دۆلەتكە ئايلاندى (2013- يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ 48 ئامېرىكا دوللىرى).

كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇل، ئۆي ۋە يەر بېرىدۇ.

قازاقىستان كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىشقا ئىزچىل كۈچەپ، پۇل، ئۆي ۋە يەر تەمىنلىمەكتە، ئامال يوق، دۆلەت چوڭ، پۇلى كۆپ تۇرسا!!! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كىچىكلەپ، ئاساسلىقى قازاق كۆچمەنلەرلا جەلپ قىلىنماقتا،

قازاقىستان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېغىر سانائەت بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى ياخشى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى يىللاردا گەرچە تېخنىكىلىق رۇس ۋە نېمىسلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ ئىقتىسادى ئازراق چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقئارادا نېفىت ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ قازاقىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى يىلىغا 10% ئەتراپىدا ئىزچىل ئۆرلىدى. قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 20%، سانائەت ئاھالىسى 30%، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 50%نى ئىگەللەيدۇ. قازاقىستاننىڭ 2008-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 141مىليارت ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۇل بىرلىكى12000 دوللار بولدى. قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەڭگە. 2002-يىلى 153 تەڭگە بىر دوللار، 2004-يىلى 136 تەڭگە بىر دوللار، 2006-يىلى 126تەڭگە بىر دوللار، 2008-يىلى 120تەڭگە بىر دوللار بولدى.

    2008-يىلى قازاقىستاندا مۇقىم تېلفون ئىشلەتكۈچىسى 3مىليۇن237مىڭ، يان تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 12 مىليۇن 588 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بىر مىلىيۇن 901 مىڭ بولدى.

 نورۇز (22-مارت، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ يېڭى يىلى)؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت كۈنى(1990-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغان )؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 16-دېكابىر (1991-يىلى)؛ قوراللىق كۈچلەر كۈنى: 7-ماي(1992-يىلى)؛ ئاساسىي قانۇن كۈنى: 30-ئاۋغۇست(قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى 1995-يىلى 30-ئاۋغۇست ماقۇللانغان)

قازاقستان جۇمھۇريىتى مەدېنيەت ۋە ئاخپارات مېنىستىرلىقى مىللەتلەر مۇناسۋىتىنى تەتتىق قىلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا  ، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 241400 بۇلۇپ قازاقستان نوپۇسىنىڭ %1.6 نى ېىگىلەيدۇ . ئاساسى ئالماتى ئوبلاستىنىڭ چيلەك ، پانفيلوۈ ، شارىن ، ئەمگەكچى قازاق ، چونجى قاتارلىق ناھيەلەرگە جايلاشقان . ئولار ئۇز تىلىنى ، ئۆرۈپ ئادەتىنى ياخشى ساقلىغان ، ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاق تىلى ۋە روس تىلىنى ئشلىتىدۇ .

قازاقستاندا دولەت ئىچىدە خىزمەت قىلۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور 42 نەپەر ، ئاكادېميىك 4 نەپەر ، دوتسېنت 200نەپەرىدن ئارتۇق ، 5نەپەر قازاقستان خەلق ئارتېسى ، 20 نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتكار بار .

دولەتنىڭ ھەر قايسسى مەمۇري ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان  ئۇيغۇرلار 393 نەپەر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 نەپەر سياسي جىزىمەت ئەزاسى ، مەملىكەتنىڭ توۋەن پالاتاسى ۋە ئوبلاسىت ، شەھەر ، يەرلىك پالاتالاردىمۇ ئۇيغۇر ئەزالار بار .

قازاقستان مەملىكەتلىك ئۇيغۇرلار مەدېنيەت مەركىزى مەملىكەت تەرىپىدىن تەسىقلانغان ئۇيغۇرلار مەدېنيەت تەرەققي قىلدۇرۇش مەركىزى بۇلۇپ ، رەھىسى ئەخمەتجان بەكىروۈ يولداش . قازاقستان ئۇيغۇرلار مەدەنيەت مەركىزىنىڭ خىزىمىتى مەركەزنىڭ ئىش بىجىرىش ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ . (ئەزالار 35نەپەر ، 5 نەپەر دوكتور ، 2 نەپەر ئاكادېمىك ، 3نەپەر دوتسېنت ، 1نەپەر خەلق ئارتېسى ، 5نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتچى بار ) مەركەزدە ، مائارىپ ئۇيۇشمىسى ، چوڭلار ئۇيۇشمىسى ، ياشلار ۋە ئاياللار ئۇيۇشمىسى ، رەسساملار ئۇيۇشمىسى ، تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ، مەشىرەپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيۇشمىلار بۇلۇپ مەملىكەتلىك مەركەز 9 ئوبلاستتىن قوشۇمچە مەركەز تەشكىللىگەن .

مەملىكەت ئاخپارات ۋاستىلىرى ئاساسى ئەر قايسسى مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان ، ئالماتى شەھىرى ۋە ئالماتى ئوبلاستىدا ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات ۋاستىسى 11 بۇلۇپ ، قازاق سىمسىز تېليۇزورمۇ كۇنىگە 15 مينوت ئۇيغۇرچە تارقىتىدۇ .

ئازىر ئالماتىدا 3 ئۇيغۇر مەكتەپ ، 3 ئارلاشما تىللىق مەكتەپتە جەمئى 2114 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار . ئالماتى ئوبلاستى پانفيلوۈ رايونى ، تارجار رايونلىرىدا 11 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ ، 78 ئارلاش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12841 نەپەر . 18 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ جاساندى سەرىك كانالى (卫星频道 دېمەكچىمەن) يىراقتىن ئوقۇتۇش سېستىمىسى ئورناتقان . مەملىكەت ھەر يىلى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەجىربە ئەسۋاپلىرى ئۇچۇن مەركەز خەزىنىسىدىن 13 ميلليون تەڭگە ئاجىرىتىدۇ . مائارىپنىڭ تەرەققي قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتمۇ ئاجىرىتدىغان خىراجەتنى كۆپەيتمەكتە[0]

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#