دېسمودىئۇم ترىكۋېترۇم ئوتى

دېسمودىئۇم ترىكۋېترۇم ئوتى جۇڭيى دورىسى. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، گۇيجۇ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. قىزىتما، نەملىكنى قايتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى دېسمودىئۇم ترىكۋېترۇم ئوتى
تارقالغان رايونلار فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، گۇيجۇ، يۈننەن
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى دېسمودىئۇم ترىكۋېترۇم ئوتى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 葫芦茶
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
باشقا نامى 牛虫草、迫颈草、田刀柄、咸鱼草、百劳舌

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دورا ئورنى 

يەر ئۈستى قىسمى 

تەبىئىتى ۋە تەمى 

تەمى ئاچچىق، قېرىق، تەبىئىتى سوغۇق. 

ئۈنۈمى  

ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، نەملىكنى قايتۇرۇش، ھاشارات يوقىتىش. 

داۋالايدىغان كېسەللىكلىرى 

تىللا ئوتچاڭقاش، زۇكامداپ تېنى قىزىش ، گال ئىششىپ ئاغرىش، ئۆپكە قان تۈكۈرۈش، بۆرەك ياللۇغى، كىچىك بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق، سېرىقلىق، سېرىق چۈشۈش، ئىچ ئۆتۈش، تولغاق، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىش، ئىلمەكلىك مەددە كېسىلى، قىچىشقاق. 

پىششىقلاپ ئىشلەش 

ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ، نەملەپ، ئىنچىكە توغراپ  قاقلاپ قۇرۇتىلىدۇ.

تىللا ئوتچاتقال ياكى پاكار چاتقال بولۇپ، غۇلى تىك , ئېگىزلىكى 1 − 2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يۇمران شېخى ئۈچ قىرلىق، يوپۇرمىقى پەقەت يەككە كىچىك بۆلەك؛ ھەمراھ يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.3 ~ 2 سانتىمېتىر، يول سىزىقلار بار؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇنلىقى 1-3 سانتىمېتىر. 

فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، گۇيجۇ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرىلىدۇ. بوز يەر ياكى تاغ ئورمان ياقىسى، يول ياقىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 مېتىردىن تۆۋەن بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#