ئابباس مۇنىياز

ئابباس مۇنىياز

ئابباس مۇنىياز 1966- يىلى ئاقسۇ شەھرىدە تۇغۇلغان، تەخەللۇسى تۈركىيقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئوقۇتقۇچى، يازغۇچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابباس مۇنىياز
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ ئاقسۇ
كەسپى يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى
تەخەللۇسى تۈركىيقان
باشقا نامى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1966- يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابباس مۇنىياز 1966- يىلى ئاقسۇ شەھرىدە تۇغۇلغان، ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان 1986-يىلى خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ تاكى 2014-يىلى 7-ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. تىل – ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، سىنىپ مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1985- يىلى « يېڭى قاشتېشى » ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان « بۇرچ » ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان.

« خاسىيەتلىك زېمىن »، « قونالغۇ ئاخشاملىرى»، « كۈيلەر كۆزى »، « يازلىق يەلتاشما »، « ساقاللىق بوۋاق»، « غەمگۈزار »، « ئاياللىق ئالەم » ( ھېكايە – پوۋېستلار توپلامى )،« ئازماس ئېزىتقۇلار »( ھېكايە – پوۋېستلار توپلامى) قاتارلىق پوۋېستلىرى بار.

« رازى بولغىن، رازىيە »، « ئازماس ئېزىتقۇلار »، « ھۈنەرۋەن »، « جۇۋازچى» ، « شېرىن چۈشلەر »، « تاشكۆۋرۈكنىڭ بۇ تەرىپىدە »، « پوتبول »، « قارا سېزىك »،« بۇرچ » قاتارلىق ھېكايىلىرى بار. 

 « سېھىرلىك مۇزداۋان »، « مەڭگۈلۈك سوئال »، « خاراباتى»، « يازلىق يەلتاشما »، « بالىلىقتىكى سۈرەتلەر »، « بۇلاق »، « ھىجران پۈتۈكلىرى »، « شورمەھەللە »، « كۆز خاتىرىسى » قاتارلىق نەسىرلىرى بار.

« قەلب ئىزھارىم »، « مەنسەپ قىزغىنلىقى ۋە بىزدىكى سۈپەت »، « پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزى»، « ئەدەبىيات: ئەپسۇس، ئەپسۇس!... »، « دىيارىمىز شېئىر - ھېكايىچىلىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر »، « تۇيۇنغان روھ قەھەتچىلىكى »، « دۇنياۋىي مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى » قاتارلىق تەنقىد، پوبلېستىكىلىق ۋە ئىلمىي- نەزەرىيىۋىي ماقالىلىرى بار. 

« ھاراقكەش»، « ئاتا مېھرى »، « ئۈچ ئايال ۋە بىر ياقىلىق كېيىم »ئۆزبېك تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى« مېنىڭ خوتۇنۇم يازغۇچى »، « دەرىزە ئارقىسىدىكى مەنزىرىلەر »، « قەلب ھودۇدلىرىمىزنى ئامان ساقلايلى » قاتارلىق خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى بار. 

« ئاخىرقى ئوۋ »، « دىللار پەرۋازى »، « تەنھا پەرۋانە » قاتارلىق رومانلىرى بار.« شېرىن چۈشلەر »، « كېچىدىكى ناخشا ئاۋازى »، « سېھىرلىك مۇزداۋان »، « تېپىلماس قەبرە »، « ئاق قۇچقاچ»، « خىيانەت»، « ئۆزۈمدىن چىقىش»، « تاش »، « ئالتۇن چاچلىق ئوغلۇم » قاتارلىق خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بار. 

« بولۇڭ كوچىدا كۆرۈنگەن قۇياش »، « قىسمەت»، « قونالغۇ ئاخشاملىرى »، « يەتتە قىزلىرىم »

« ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات تەكرار يېتەكچىسى » ( دەرسلىك )، « خىسلەتلىك زېمىن ئاقسۇ » ( ئۇنىۋېرسال ئوقۇشلۇق ) قاتارلىق قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بار.

 ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ «رازى بولغىن، رازىيە» ناملىق ھېكايىسى 4– نۆۋەتلىك « خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا، « كۈيلەر كۆزى » ناملىق پوۋېستى 8- نۆۋەتلىك « خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا، « ئاخىرقى ئوۋ » ناملىق رومانى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ « مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى » غا ۋە « تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن.

« كۈيلەر كۆزى » پوۋېستى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ « تارىم » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « 50 يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8 پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتور ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە « تارىم » ژۇرنىلى تەھرىراتى ئويۇشتۇرغان « ئالتۇن توي مۇكاپاتى »، « تۆھپىكار ئەدىب مۇكاپاتى » غا سازاۋەر بولغان.

2011-يىلى يانۋاردا، ئاپتونوم رايوننىڭ ياش يازغۇچىلارغا مەدەت بېرىشنى مەقسەد قىلىپ تەسىس قىلغان ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى _ « شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى » ( 3- نۆۋەتلىك ) غا ئېرىشكەن.

« خاراباتى» ، « تېپىلماس قەبرە »، « يازلىق يەلتاشما »، « تۇيۇنغان روھ قەھەتچىلىكى»، « ھىجران پۈتۈكلىرى »، « مېنىڭ خوتۇنۇم يازغۇچى ».... قاتارلىق 10 پارچە ئەسىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە « 211 قۇرۇلۇش مۇكاپاتى »، « 30 يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى »، « مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت مۇكاپاتى »، « تارىم باھارى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »، « دەۋران ئەدەبىيات مۇكاپاتى » قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 

2011- يىلى شاڭخەي شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان « بەييۈلەن ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى » غا، شۇ يىلى يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى « تۆھپىكار » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى جېجاڭ ئۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن بىرلىشىپ تەسىس قىلغان « جېجاڭ لوڭقىسى » ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ ئەسەرلىرىدىن « ئاخىرقى ئوۋ » ناملىق رومانى، « شېرىن چۈشلەر »، « كېچىدىكى ناخشا ئاۋازى »، « سېھىرلىك مۇزداۋان »، « تېپىلماس قەبرە »، « قارا سېزىك»، « ئاق قۇچقاچ»، « خىيانەت»، « ئۆزۈمدىن چىقىش»، « تاش »، « ئالتۇن چاچلىق ئوغلۇم » قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. « بولۇڭ كوچىدا كۆرۈنگەن قۇياش »، « قىسمەت»، « قونالغۇ ئاخشاملىرى »، « يەتتە قىزلىرىم » قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. « كۈيلەر كۆزى »، « مەڭگۈلۈك سوئال »، « سېھىرلىك مۇزداۋان » قاتارلىق ئەسەرلىرى تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەتتۇرسۇن ئېلى، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئوبزورچىلار تەرىپىدىن بۆگۈنگىچە جەمئىي 15پارچىگە يېقىن ئوبزور ئېلان قىلغان. بۇ ئوبزورلاردا ئۇنىڭ ئىزدىنىش ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئەتراپلىق ۋە يۇقىرى باھالار بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: « ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت خاھىشى ۋە دىتىغا ئىگە ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى، ئىزدىنىش روھىغا تويۇنغان پەرقلىق سۈپەتتىكى ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەۋرداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپىغا ئېرىشكەن يازغۇچى».

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ « سېھىرلىك مۇزداۋان » ناملىق نەسىرى « جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. « ئالتۇن چاچلىق ئوغلۇم » ناملىق ئەسىرى مەخسۇس كىتاب قىلىنىپ ۋە « جۇڭگو ئەدەبىيات تورى » دا تارقىتىلىپ، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغان.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#