يۇلغۇن مېۋىسى

يۇلغۇن مېۋىسى

يۇلغۇن مېۋىسى بولسا   ئۆسۈملۈك يۇلغۇننىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، قان توختىتىش، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى يۇلغۇن مىۋىسى
ئەرەبچە نامى سەمىرى تەرفا
ئىنگلىزچە Fruit oF chines Tamanis
تونۇش ئۆسۈملۈك يۇلغۇننىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت
جىسمى پۇرىقى سۇس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 柳柽子
پارسچە نامى گەزمازەج
ئوردۇچە نامى جاۋ
شەكلى مېۋىسى كىچىك، ئىچىدە ئۇرۇقى بار، رەڭگى قىزىغۇچ قوڭۇر
تەمى تەمى قېرىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇلغۇن مېۋىسىيۇلغۇن مېۋىسى بولسا يۇلغۇن ئائىلىسدىكى ئۆسۈملۈكيۇلغۇننىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ. مېۋىسى كىچىك، ئىچىدە ئۇرۇقى بار، رەڭگى قىزىغۇچ قوڭۇر، پۇرىقى سۇس،تەمى قېرىق، كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈپ يېغۋىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاڭگاللىرىدا ئۆسىدۇ. 

قۇرۇش، قۇرۇتۇش، ئىچنى قاتۇرۇش، قان توختىتىش، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

قان توختاتقۇچى دورا

ئەكىس تەسىرى

باشقا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

نەپەسلىشىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى:

(1)  يۇلغۇن مېۋىسىنىڭ قايناتمىسى روشەن يۆتەل توختىتىدۇ. ئەمما بولغەم بوشۇتۇش تەسىرى يوق.

(2)  باكترىيىگە قارشى تەسىرى: يۇلغۇن قايناتمىسى ئۆپكە ياللۇغى ئارىيە باكتېرىيىسى، زەنجىرسىمانA تىپلىق باكترىيە، ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، يۇقۇملۇق زۇكام باكتېرىيىلىرىنى تورمۇزلايدۇ.

(3)  قىزىتما قايتۇرۇش تەسىرى:

(4)  زەھەرلىك تەسىرى:

ئۇنىڭ ھەممىسىدە رىزىنا، سېرىق پېگمىنتى تۇتىدۇ. توق زىغىنىڭ تەركىبىدە %19.6 سۇ، %5 دىن ئارتۇق تانسىن تۇتىتىدۇ.

يۇلغۇن مېۋىسى1. يۇلغۇن مېۋىسىنى سىركە ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

2. ھەر كۈنى يۇلغۇن مېۋىسى بىلەن ئىزخىردىن 15 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە يەرقان ۋە ئۆت ئاجىزلىق، زەھەرلىك ئىششىقلار، تالنىڭ توسالغۇلىرى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

3. يۇلغۇن مېۋىسىنى سىركىدە ئېزىپ سىرتىدىن تاڭسا، تال كېسىلى ئۈچۈن مەنپئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈك مېۋىسى

مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 5~7گرام.

ساقلاش

قۇرۇتۇپ، تازىلاپ ساقلايمىز.

تۈزەتكۈچىسى

قېتىق بىلەن سۇ ئارىلاشمىسى (دوغ )، ھەسەل، بادام يېغى.

ئورۇنباسارى 

موزا ۋە ئانار پوستىنىڭ ئىچىدىكى ئېقى،

ئۆپكە ياللۇغى، ھەر خىل قاناش، يۆتەل، جىگەر ئاجىزلىقى، سېرىقلىق چۈشۈش، كۆرەش كۈچى ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ قاناش، قىچىشقاق، مەقئەت ئاقمىسى ۋە يىرڭلىق ئىششىقى، يىرىڭلىق چاقا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=174

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#