يەرلىك توغرىغۇ

يەرلىك توغرىغۇ
يەرلىك توغرىغۇ بولسا  تال – تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك توغراقنىڭ تېنىدىن سىزىپ، ئېقىپ چىققان يېلىم بولۇپ، توغراق تېنىدىن توغراقلىقتىكى زېمىنغا ئېقىپ چۈشۈپ، توپا ئاستىدا قاتقان، تۇپراقتىن كولاپ ئېلىنىپ تازىلانغان شورلۇق قېتىشما. ۋەزىنى بەك يەڭگىل، قارامتۇل، ئاق رەڭدە، بۇ تۇزدىن ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋىتىگە ئىگە بولغان نەرسىلەردىن كۈچلۈكرەك، ئاسان ئۇۋۇلىدۇ،مۇشۇ قېتىشما «بۆرە ئەرمىنى»، «ئاق توغرىغا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يۆتەل پەسەيتىش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.


ئۇيغۇرچە نامى يەرلىك توغرىغۇ
ئەرەبچە نامى بورق، بۆرە ئەرمىنى
ئىنگلىزچە Diversifoliois Popalar Resin
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡桐泪
پارسچە نامى بۆرە ئەرمىنى
ئوردۇچە نامى پاپىرە نەمەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەرلىك توغرىغۇيەرلىك توغرىغۇ بولسا  تال – تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك توغراقنىڭ تېنىدىن سىزىپ، ئېقىپ چىققان يېلىم بولۇپ، توغراق تېنىدىن توغراقلىقتىكى زېمىنغا ئېقىپ چۈشۈپ، توپا ئاستىدا قاتقان، تۇپراقتىن كولاپ ئېلىنىپ تازىلانغان شورلۇق قېتىشما. ۋەزىنى بەك يەڭگىل، قارامتۇل، ئاق رەڭدە، بۇ تۇزدىن ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋىتىگە ئىگە بولغان نەرسىلەردىن كۈچلۈكرەك، ئاسان ئۇۋۇلىدۇ،مۇشۇ قېتىشما «بۆرە ئەرمىنى»، «ئاق توغرىغا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە كۈزدە يىغىۋېلىنىدۇ، ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ قۇرۇق يەرگە قويۇپ ساقلىنىدۇ. ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ غەرب تەرەپلىرىدىن، چىڭخەي ۋە رايونىمىزنىڭ تارىم ۋادىلىرىدىن چىقىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، تېرىنى پارقىرىتش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل پەسەيتىش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازاننىي بۇزىدۇ ۋە قۇستۇرىدۇ، ئەزالارغاقۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

تەركىبىدە ۋىلاۋونىلار، دەرەخ يىلىمى ۋە سالى تىسىلك كىسلتاسى قاتارلىقلار بار.

يەرلىك توغرىغۇ1. زىرە، مائۇلھەسەل، ھاشا، سوزاپ، سېرىقچېچەك قاتارلىقلاردىن بىر ھەسسە، ئاق توغرىغادىن بىر ھەسسە ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ، مائۇلھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، يەلنى تارقىتىدۇ، ئۈچەي سانجىقلىرىنى يوقىتىدۇ.

2. ئاق توغرىغادىن 5 گرام، فوپەل ۋە قەمبىلدىن 7 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، مەددەقۇرت چۈشۈرىدۇ.

3. ئاق توغرىغادىن 16 گرامنى 200 مىللىلىتىر سۇدا يېرىم قالغۇچە قاينىتىپ، 50 گرام زەيتۇن يېغى قوشۇپ ئىچسە، قۇرۇقلۇقتىن بولغان ئۈچەي توسۇلۇشقا پايدا قىلىدۇ.

4. ئاق توغرىغادىن 15 گرامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى بابۇنە يېغى بىلەن قوشۇپ سىرتتىن ياغلىسا، كۆپ تەرلەشنى يوقىتىدۇ، يالغۇز ئۆزىنى ئىشلەتسىمۇ، شۇ تەسىرنى بېرىدۇ.

مىقدارى

7 ~ 3 گرامغىچە.

تۈزەتكۈچىسى

بەدىيان پىننە، سەندەل، بىنەپشە.

ئورۇنباسارى 

يېرىم مىقداردا تۇز.

جاۋارىش كۈمۇنى.

كۆپ ئىشلىتىۋېتىلسە ئاشقازانغا زىيان قىلىپ، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]


كۆپ ئىشلىتىۋېتىلسە ئاشقازانغا زىيان قىلىپ، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.يېرىم مىقداردا تۇز.بەدىيان پىننە، سەندەل، بىنەپشە.7 ~ 3 گرامغىچە.تەركىبىدە ۋىلاۋونىلار، دەرەخ يىلىمى ۋە سالى تىسىلك كىسلتاسى قاتارلىقلار بار.
用量
ئەكىس تەسىرى
用量
ئەكىس تەسىرى
用量
ئەكىس تەسىرى
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=429

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#