چار چىلگە قوغۇن

چار چىلگە قوغۇن

چار چىلگە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان ، پىچان ، پەيزىۋات ، لوپنۇر رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چار چىلگە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان ، پىچان ، پەيزىۋات ، لوپنۇر رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276.5 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.55 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك. پۈتكۈل ئۆسۈش ، يېتىلىش ۋاقتى 81 - 86 كۈن ئەتراپىدا، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 1.1 كىلوگرام كېلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا ۋە تاشلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ بەشىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئاتىلىق گۈلى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 34 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

چار چىلگىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 12.1 * 14.4 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تېگى رەڭگى سېرىق بولۇپ ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن ، قېلىنلىقى 0.2 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.6 سانتىمېتىر ، رەڭگى قىزغۇچ ، شىرنىلىك ، تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال ، قەنىت مىقدارى %11 - 5.6 ئەتراپىدا ؛ ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.4 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.6 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 56.7 گرام كېلىدۇ .[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#