ئاق كۆكچى قوغۇن

ئاق كۆكچى قوغۇن

ئاق كۆكچى قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ شەرقىي شىنجاڭ ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىلى ۋادىسى ، جىڭ رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق كۆكچى قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ شەرقىي شىنجاڭ ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىلى ۋادىسى ، جىڭ رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 296 سانتىمېتىر، توملۇقى 1.5 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى ئوتتۇراھال، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 87 -97 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 4 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 33-41كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئاق كۆكچىنىڭ شەكلى ئېللىپىسمان، دىئامېتىرى 23 * 11.6 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى بوز، ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.45 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.7 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق ،شىرنىلىك ،تالاسى ئاز، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 10.2 -12.4 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.5 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 38.5 گرام كېلىدۇ .[0] 


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#