چەرچەن جاغدىسى

چەرچەن جاغدىسى

چەرچەن جاغدىسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چەرچەن جاغدىسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 298 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى ئوتتۇراھال،  پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 82 -93 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 3.4 كىلوگرام كېلىدۇ.  بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ بەشىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 34 -42 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ  ، گۇلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

چەرچەن جاغدىسىنىڭ شەكلى ئېللىپىسمان ، دىئامېتىرى 17.7 * 29.4 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق ، ئۈستىدە سېرىق ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.9 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.2 سانتىمېتىر ، رەڭگى قىزغۇچ ، شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 14.7 -9.4 ئەتراپىدا.

ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.36 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.6 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 50.7 گرام كېلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#