كەندىر تاۋۇز

كەندىر تاۋۇز

كەندىر تاۋۇز ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن چۆچەك ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈرلىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەندىر تاۋۇز ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن چۆچەك ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈرلىدۇ ، ئۆسۈشى كۈچلۈك ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 94 -105 كۈن ، تاۋۇزنىڭ يەككە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.6 كىلوگرام كېلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا چىداملىق ، ساقلاشقا ئانچە چىداملىق ئەمەس .

تۈپى

ئاساسىي پىلەك ئۇزۇنلۇقى 485.4 سانتىمېتىر ، توملۇقى 0.8 سانتىمېتىر ، بوغۇم ئۇزۇنلۇقى 7.6 سانتىمېتىر ، تۈپلىنىشى ئاجىز ، يۇپۇرماق دىئامېتىرى 2.2 * 2.98 سانتىمېتىر .

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى 17 - بوغۇمىدا ئۆسىدۇ. گۈلى قوش جىنىسلىق . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 41 -46 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ .

مېۋىسى

تاۋۇز شەكلى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 19.5 * 20.7 سانتىمېتىر ، شاپاق ئۇزۇنلۇقى4.6سانتىمېتىر ، ئاسان ئاجرىمايدۇ . مېۋىسىنىڭ سىرتقى يۈزى سېرىق ، يېشىل ، 15 تال يېشىل سىزىقچە بىلەن قاپلانغان ، شاپىقى قاتتىق ، قېلىنلىقى 1.5 سانتىمېتىر ، ئېتى سۇس قىزىل ، چۈرۈك ، تالاسى ئوتتۇراھال ، شىرنىسى كۆپ ، قەنت مىقدارى %10 - 7.2 ، تەمى ئوتتۇراھال .

ئۇرۇقى

ئۇرۇقى يۇمىلاق ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ، ئۇزۇنلۇقى 1 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.65 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 74.5 گرام كېلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#