تۈكلۈك قاقىلە

تۈكلۈك قاقىلە

تۈكلۈك قاقىلە  بولسا  زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 3 ~ 2 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قاقىلە ھەم خەينەنداۋ تۈكلۈك قاقىلىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى تۈكلۈك قاقىلە
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى زەنجىۋىل ئائىلىسى
تۈرى تۈكلۈك قاقىلە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 缩砂密
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ياپون بانانى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قاقىلە ئۇرۇقدىشى
كەنجى ئائىلىسى زەنجىۋىل كەنجى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈكلۈك قاقىلەباشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ ، ئومۇمىي گۈل سېپى ئۇزۇنلىقى 4-8 سانتىمېتىر، قوڭۇر رەڭلىك قىسقا تۈكى، تەڭگىسىمان نىپىز پەردە بولىدۇ، تۈكلۈك قاقىلە ئېللىپسسىمان، قوڭۇر ياكى يېشىل رەڭلىك؛ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك ، ئۇزۇنلىقى 1.8 مىللىمېتىر ، كەڭلىكى 0.5 مىللىمېتىر ، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق، كىچىك ئورىغۇچى يوپۇرمىقى نەيچىسىمان ، ئۇزۇنلۇقى 10 مىللىمېتىر ، گۈل چېچىكى نەيچىسى ئۇزۇنلقى 1.7 سانتىمېتىر، ئاق رەڭلىك بۇلۇپ، تۈۋى تەرىپىدىن شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ ؛ گۈل تاجا نەيچىسى ئۇزۇن 1.8 سانتىمىتىر ؛ يېرىقچىسى تەتۈر تۇخۇمسىمان سوزۇنچاق ، ئۇزۇنلۇقى 1.6 ~ 2 سانتىمېتىر. كالپۇكسىمان گۈل بەرگى يۇمىلاق قوشۇق شەكلىدە ، كەڭلىكى بىلەن ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 6 ~ 2 سانتىمېتىر بولىدۇ ، ئاق رەڭ؛  غوزا مېۋىسى سوقىچاق ، ئۇزۇنلۇقى 1.5 ~ 2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 1 - 2 سانتىمېتىر ، پىشقاندا قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك ، قۇرغاندىن كېيىن قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، سىرتقى يۈزى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك يۇمشاق تىكەنلى؛ ئۇرۇقى كۆپ بۇلۇڭلۇق، قويۇق خۇش پۇرىقى بار ، تەمى ئاچچىق سوغۇق.

تۈكلۈك قاقىلەخۇسۇسىيىتى: سۈيدۈك ھەيدەش، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھامىلىنى تىنچلاندۇرۇش. ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، كېكىرتىش، قورساقتىكى يەلنى تارقىتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش.

ئىشلىتىلىشى: تال، ئاشقازاننىڭ سوغۇقتىن بولغان ئاجىزلىقلىرى، قۇسۇش، ئېچى سۈرۈش، ھامىلدارلىق رېئاكسىيىسى، ھامىلىنىڭ قوزغىلىپ تىنچلانماسلىقى.

1. قاقىلەنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان بىلەن قورۇپ شېكەر بىلەن سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

2. قاقىلەنى خولىنجان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، سۇپۇپىنى چىش مىلىكىگە سەپسە، چىش مىلىكى بوشاش، ئېغىز ئىچى مۈدۈر چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. قاقىلە، لاچىندانە ھىندى، گۈل دارچىن، بەدىيان 10 گرامدىن، پىننە 7 گرام قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، يەل ھەيدەيدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈكلۈك قاقىلە لائوس، ۋيېتنام، كامبودژا ، تايلاند، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان . جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن، يۈننەن، گۇاڭشىلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.

تۈكلۈك قاقىلەقىزىل قوۋزاقلىق تۈكلۈك قاقىلە،  Amomum aurantiacum H. T. Tsai & S. W. Zhao؛

پەنجىسىمان ئاق قاقىلە ، Amomum compactum Soland ex Maton؛

ئۇزۇن گۈللۈك قاقىلە ، Amomum dolichanthum D. Fang؛

ياۋا ئالما ، Amomum koenigii J. F. Gmelin؛

ئاق لاچىندانە ، Amomum kravanh Pierre ex Gagnep.؛

خەينەن تۈكلۈك قاقىلە ، Amomum longiligulare T. L. Wu؛

ئۇزۇن ساپاقلىق قاقىلە، Amomum longipetiolatum Merr.؛

يۇمشاق  مېغىزلىق قاقىلە ، Amomum microcarpum C. F. Liang & D. Fang؛

چىرىش گۈللۈك قاقىلە ، Amomum putrescens D. Fang؛

قىزىل تۈكلۈك قاقىلە، Amomum scarlatinum H. T. Tsai & P. S. Chen؛

قاقىلە ، Amomum tsaoko Crevost & Lemarie؛

 دېباۋ قاقىلە ، Amomum tuberculatum D. Fang؛

تۈكلۈك قاقىلە ئۇرۇقى، Amomum villosum Lour.؛

پاكار تۈكلۈك قاقىلە ، Amomum villosum Lour. var. nanum H.T.Tsai & S.W.Zhao؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#