ئازغان مېۋىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئازغان مېۋىسى (ئۆسۈملۈك)
  2. ئازغان مېۋىسى (دورا)
ئۆسۈملۈك

ئازغان مېۋىسى

ئازغان مېۋىسى

ئازغان مېۋىسى بولسا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئانار دەرىخىگە يېقىن بىر خىل چاتقال ئۆسۈملۈك ئازغاننىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۈز پەسلىدە پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىسى «ئازغان مېۋىسى» ھەم «ئازغان مونچىقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئازغان مېۋىسى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
لاتىنچە نامى Rosa canina
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蔷薇果
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئازغان مېۋىسىئازغان دەرىخنىڭ  ئېگىزلىكى 1.5-2 مېتىر كېلىدۇ. كۆپ قىسمى توپلىشىپ ، ئاز قىسمى تارقىلىپ ئۆسىدۇ، شاخلىنىشى كۈچلۈك، شاخلىرى بېغىرەڭ، تىكىنى بار، گۈللىرى يەككە ھالدا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاق ياكى سېرىق ئېچىلىدۇ. 

مېۋىسى سۇقىچاق، يۇملاق، ئېتى ئانارغا ئوخشاش، ئۇششاق ئۇرۇقچىلىرى بار ، يالغان شىرنىلىك، مېۋە ھاسىل قىلغان، مېۋە يۈزى رەڭگى قىزىل رەڭدىن قارا بىنەپشە رەڭگىچە بولىدۇ، 5-، 6-ئايلاردا چېچەكلەپ ، 8-، 9-ئايلاردا پىشىدۇ. 

ياۋا ئازغان مېۋىسنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مۇل بولۇپ ، ھەر 100 گرامدىن 2648 مىللىگرام ۋىتامىن C بار ، ئۇنىڭ نۆۋەتتە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى .

دورىلىق قىممىتى 

ئازغان مېۋىسىئىشلىتىلىشى : كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشى، سىيىپ يېتىش، ئىچ سۈرۈش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، كۆپ تەرلەش، بەل ۋە پۇت − قوللارنىڭ ئاغرىشى، يۆتەل، زىققە، قىچىشقاق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، قوتۇر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى : مەنىينى تىزگىنلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

خىيىلىك تەركىبى : ئازغان مېۋىسى تەركىبىدە كېمىفرول (kaemprfol)، مولتىفلورىن (multiflorin) قاتارلىقلار بار. گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، كىتون، ئاستىراگالىن (Astragalin) بار.

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى : كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىلەرنى توسۇش رولىغا ئىگە.

ئازغان مېۋىسىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە، رۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. شىنجاڭدا ياۋا ئازغاننىڭ 11 تۈر ، ئىككى ئۆزگەرگەن تۈرى بار . ئۇلار تەڭرىتېغى ، ئالتاي تېغى ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى ، تۇرپان ، پىچان ، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى ، قارىغۇل ، كەرچى ، قۇمۇل تاغلىرىغا تەكشى تارقالغان .[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#