يۇتۇش قىينىلىشى

يۇتۇش قىينىلىشى

ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يۇتقاندا گالدىن ئۆتۈشنىڭ قىيىنلىشىشى، توسۇلغاندەك سېزىمنىڭ بولىشى يۇتۇش قىيىنلىشىش دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۇتۇش قىينىلىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吸吞难

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يۇتقاندا گالدىن ئۆتۈشنىڭ قىيىنلىشىشى، توسۇلغاندەك سېزىمنىڭ بولىشى يۇتۇش قىيىنلىشىش دېيىلىدۇ. يۇتۇش ئېغىز، يۇتقۇنچاقنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك. ساغلام ئادەملەر يىمەكلىكلەرنى ناھايىتى ئاسانلا قىينالماي يۇتىدۇ. لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاستىدا يۇتۇش جەريانى ئۇزىراپ، تاماق ماددىلىرىنىڭ ئاشقازانغا كىرىشى قىيىنلىشىدۇ. دەسلەپتە قويۇق تاماقلار تۇرۇپ قالغاندەك سېزىلسە، بارا-بارا ئېغىرلىشىپ سۇيۇق تاماقلارمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۇ كېسەللىكنىڭ دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يۇتۇش قىيىنلىشىش كۆپىنچە يۇتقۇنچاقنىڭ تاماق ماددىلىرىنى تۆۋەنگە ھەيدەش كۈچىنىڭ بۇزۇلىشى، قىزىلئۆڭگەچنىڭ تاماق ماددىلىرىنى ئۆزىگە تارتىش كۈچىنىڭ يەنى قۇۋۋىتى جازىبەسنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى، يۇتقۇنچاق بىلەن قىزىلئۆڭگەچنى باشقۇرغۇچى ئەسەبلەر خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، قىزىلئۆڭگەچ مۇسكۇلىنىڭ تارىيىپ قېلىشى ياكى تەشەننۇچ بولىشى، ئەسەب خىزمىتى ئاجىزلاشتىن يۇتۇش مۇسكۇللىرىنىڭ پالەچلىنىشى، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ ۋەرەمدىن ئىششىپ تاماق يولىنىڭ تارايتىپ قىلىشى، ئۆسمىلەرنىڭ بېسىپ قويىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇشتىن، زىيادە ئىسسىق، زىيادە سوغۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 2.بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرشىدىن كېلىپ چىقىدۇ،يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچنى باشقۇرغۇچى ئەسەب، مۇسكۇللارنىڭ بوشاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يۇتقۇنچاق قىسىمدىكى ئەسەپ، مۇسكۇللارنىڭ قېتىشى، تارىيىشى، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.ئېغىز، يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنى قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ يارىسى، قىزىلئۆڭگەچنىڭ تارىيىشى، قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلار.

5.ئومۇمى بەدەن خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردە يەنى ئېغىر دەرىجىدە بەدەن زەئىپلىشىشىتىن كېلىپ چىقىدۇ.

6.روھى كېسەللىكلەردىن يەنى ھېستىرىيە قاتارلىقلار. كلىنىك ئىپادىسى: مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان يۇتۇش قىيىنلىشىش بولسا مىزاج تۈزەلگەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى، ئەسەب مۇسكۇل كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا روھى ئامىل ۋە يىمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يۇتۇش قىيىنلىشىش پەيدا بولىشىمۇ تېز، ساقىيىشىمۇ تېز بولىدۇ. كۆپىنچە يەرلىك ئورۇندا قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش، شەلۋەرەش، قىزىلئۆڭگەچنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمى تارىيىپ قېلىش، قىزىش ئالامەتلىرى بىرگە بولىدۇ. ئەگەر تاتۇقلىشىش ياكى سەرتاندىن پەيدا بولغان يۇتۇش قىيىنلىشىش بولسا بىماردا روشەن دەرىجىدىكى ئورۇقلاش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، بەزىدە قاناش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرىلىدۇ، بارا-بارا سۇيۇق سۇمۇ ئۆتمەيدۇ، ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ. تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمى، تاغاق ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كۆيۈپ ئاغرىش بولىدۇ. ئەگەشمە ئالامىتى يۇتۇش قىيىنلىشىش بىلەن قۇسۇشنىڭ بولىشى قىزىلئۆڭگەچ راكى، يېنىشلىق قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ياكى يارىسى قاتارلىقلاردىن گۇمانلىنىش لازىم. يۇتۇش قىيىنلىشىش بىلەن قان قۇسۇش ،ئورۇقلاشنىڭ بولىشى قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ ئىپادىسى. سوراپ تەكشۈرۈش كېسەللىكنىڭ باشلانغان ۋاقتى، بىمارنىڭ يېشى، كېسەللىك جەريانى، يىمـەك-ئىـچـمـەك ئادىـتـى، تامـاقـنىـڭ قـويـۇق-سـۇيۇقـلۇق دەرىـجىسـى، قاتـتىـق-يۇمـشاقلىـقـى، ئىسسـىـق-سوغۇقلۇقى، يـۇتـقانـدا ئاغرىش، ئاۋاز پۈتۈش، يىمەكلىكنىڭ ئۆپكىگە كېتىش، بۇرۇنغا كىرىپ كېتىش، ئورۇقلاش ئەھۋاللىرىنىڭ بار –يوقلۇقى، ھاراق ئىستىمال قىلىش تارىخى قاتارلىقلارنى تەپسىلى سوراپ تەكشۈرۈش لازىم.

[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1022

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#